-
ئوقۇتقۇچى ـــ ھۆرمەتلىك نام. شۇڭىمۇ بۇ نام توغرىسىدا مەدھىيە يازمىغان، ھېكمەت پۈتمىگەن مۇتەپەككۇرلار بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل! ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمىننى يورۇتقۇچى قۇياش! مىللەتنىڭ باغۋىنى، دۆلەتنىڭ مۇرەببى. «ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئىنجىنېرى»!
-
زېرىككەننى ئويناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
ئۇخلىغاننى ئويغاتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
بەزمىلەرنى قايناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
يەپ- ئىچكۈزۈپ يايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
گاچىنىمۇ سايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى. -
مىنى شۇنداق ئاتايدۇ ئەل ، مۇئەللىمدۇر ئاتاق نامىم ،
تەسەددۇق ئەل-ۋەتەن پەرزەنتلىرىگە بۇ ئەزىز جانىم ،
قاراڭغۇ دىلنى يۇرۇتماق ئۈچۈن يانغاچ ئۆمۈر شامىم ،
نادانلىققا مىنۇت تاقەت قىلالماس قىلچە ۋىجدانىم ،
شۇڭا مۇنبەردە جان بەرمەك ئەبەتلىك ئارزۇ-ئارمانىم.
..................