-
«ئەپەندى» بولماق① - [ھېكايە-شېئىرلار]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...ئاپتورى: لۇتپۇللا مۇتەللىپ
__ بۇ يىل ئون ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ئۇكام،
بۇ، ئەپەندى بولماق مېنى بىر بالاغا سالدى، ئۇكام.
شۇ ئون ئىككى يىل ئىچىدە ساقىلىمنى قىرىپ يۈردۈم،
كەينى يېرىق چاپانلارنىمۇ كىيىپ يۈردۈم،
لېكىن «ئەپەندى» دىگۈچىلەرنى ھىچ كۆرمىدىم، ئۇكام،
بىر جاۋاب بەرسىڭىزچۇ، «ئەپەندى» دىمەسكە يەنە نىمەم كام؟
ـــ غەم يىمەڭ ئاكا، ئۇنىڭ ئىشى بۇ زاماندا بەك ئاسان،
ھازىر توپ-توغرا ماگىزىنغا بارىسىز.
ئازراق پۇلىڭىزغا كاستىيۇمدىن بىرنى ئالىسىز،
يەنە كازبىك② تىن يانچۇققا بىرنى سالىسىز.
يەنە ئالىسىز ئاق كۆينەك ۋە ئۇزۇن گالىستۇك،
بىر سېرىق شىبلىت كىيىسىز ئاندىن ئۇنى موك.
تاماكىڭىزنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرىۋېرىڭ،
سىزنى «ئەپەندى» دىگۈچىلەرنى كۆرىۋېرىڭ.
1937-يىل نويابىر، غۇلجا.
ئىزاھات: ① شائىرنىڭ بۇ ساتىرىك شېئىرى شۇ ۋاقىتتىكى «ئىلى گېزىتى» گە بېسىلغان. ئۇ چاغلاردا زىيالىلار قوشۇنىمىز ئەمدىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋاقىت بولۇپ، كۆپ قىسمى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىبارەت ئىدى، كىشىلەر ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ «ئەپەندى» دەپ ئاتايتتى. شائىر بۇ ساتىراسىدا ئۆزى بىلىمسىز بولسىمۇ، زىيالىلارچە ياسىنىش ئارقىلىق «ئەپەندى» بولۇش ئارزۇسىدا يۈرگەن بىر ئەخمەقنى مەسخىرە قىلىدۇ.
② كازبىك ـــ شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭغا كەلتۈرۈلگەن تاماكىنىڭ بىر خىلى.
مەنبە: «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى» 5-بەت
收藏到:Del.icio.us
«ئەپەندى» بولماق①
Blog:ئىمكان بلوگى2009-02-17 14:57:14
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
引用
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
ھازىر گەرچە << ئارقى يىرتىق >> كىيىپ يانچۇققا << گازبېك >> نى سالمىساقمۇ ، توردۇنياسىدا ھەممەيلەن ئەپەندىملىشىپ كەتتۇق . شۇنداقمۇ تارىم ئەپەندىم . ھې............ھې.........ھې..