-
«ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ (2008)» نى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...«يۈكسەل بلوگى» تەشكىللىگەن «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) » نى باھالاش پائالىيىتى ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ۋە ئادىل ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىمۇ مۆلچەرىمىزدىكىدىن خېلى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كەڭ بولدى. نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا جەمئىي 24 بلوگ نامزاتلىققا تاللىنىپ ئاۋازغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ 24 بلوگ تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشىگە قۇيۇلغان ئىدى. نەتىجىدە جەمئىي 1760 پارچە بېلەت تاشلاندى. بىز بۇ بېلەت سانى ۋە نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانىنى قوشۇپ ستاتىستىكىلاش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 10 بلوگنى «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) » بولۇشقا مۇۋاپىق ئىكەن ، دەپ قارىدۇق.
ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 )
1. بىر زات شىپاخانىسى ( 80 خالتا تورى )
ئېرىشكەن بېلەت سانى 484 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 26، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 510
2. جېك تور خاتىرىسى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 464 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 44، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 508
3. مەرىپەت بلوگى ( ئەركىن سىدىق تورخاتىرىسى )
ئېرىشكەن بېلەت سانى 332 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 21، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 353
4. دۇنيا قارا بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 442 ( بۇنىڭ ئىچىدە ئوخشاش IP دىن تاشلانغان 130 بېلەت ئىناۋەتسىز دەپ قارالدى.) ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 27، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 339
5. يۈكسەل بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 282 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 40، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 322
6. تەكلىماكان بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 171 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 41، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 212
7. ئارامگاھ بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 129 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 45، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 174
8. تەدبىركار بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 150 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 4، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 154
9. تارىم بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 114 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 20، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 134
10. بىزنىڭ بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 106 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 12، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 118
2008 - يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ياخشى ( ئەڭ نادىر ، ئەڭ چوڭ ) بلوگ
بىر زات شىپاخانىسى ( 80 خالتا تورى )-----------------------------------------------------------------------------تۈنۈگۈن يەنى 2008-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتە قارىسام بلوگىمنىڭ PageRank قىممىتى 1 ئىدى. بۈگۈن ئەتىگەندە قارىسام PageRank قىممىتى 2 گە ئۆزگىرىپتۇ. بۈگۈن 2009-يىللىق يېڭى يىل كۈنى بلوگىمغا قوش خوشاللىق بولدى. بۇنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بلوگىمنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى ۋە زىيارەتچىلىرىگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ۋە يېڭى يىللىق ئالى سالام يوللايمەن. ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلدا ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلەڭلەرگە خوشاللىق، خىزمىتىڭلارغا ئوتۇق، ئۆگىنىش ۋە تىجارىتىڭلارغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .
بلوگلاردا ئىشلىتىۋاتقان NiceFont يېڭى نۇسخىسى چىقماقچى. شۇڭلاشقا يېڭى نۇسخىغا تورداشلاردىن پىكىر ئېلىنىۋاتىدۇ. مالال كۆرمەي پىكىر بېرىڭ. پىكىر بېرىش ئادرېسى:
baliq.blogspot.com/2009/01/nicefont-30.html
بىلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم،مۇمكىن بولسا مېنىڭكىنى قوشۇۋالغان بولسىڭىز،رەھمەت.
سالامەت بولۇڭ.
مۇبارەك بولسۇن!
تېخىمۇ تىرىشىڭ!
ئىلمىڭىزدىن باشقىلار تەڭ مەنپەئەتلەنگەي.