ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • 1 دىن 1 مىليارتقىچە - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    كۆپچىلىك گېرمانىيىنىڭ ئۇلۇغ ماتېماتىكى گائۇس (1777 ـــــ 1855) ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.

    ئېيتىشلارغا قارىغاندا، گائۇس 10 ياش چېغىدا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن:

    100+99+98+ ................. +3+2+1 

    نىڭ يىغىندىسى قانچە بولىدۇ؟ ــــــ دەپ سورىغان ئىكەن.

    ئوقۇتقۇچى سۇئالنى دەپ بولۇشىغىلا گائۇس بۇ 100 دانە ساننىڭ يىغىندىسىنىڭ 5050 بولىدىغانلىقىنى ھىسابلاپ چىقىپتۇ.

    كىچىككىنە گائۇس ئەسلىدە مۇنداق ھىسابلىغان ئىكەن:

    بۇ 100 دانە ساننىڭ بېشىدىكى سانلار بىلەن ئاخىرىدىكى سانلارنى تەرتىپ بويىچە ئۆزئارا قوشۇپ، يەنى 100+1 ، 99+2 ، 98+3 ، ....... ، 51+50 دەك 50 جۈپ قىلغان، ھەر بىر جۈپ 101 بولغاچقا، ئومۇمىي يىغىندا 101x50=5050 بولغان.

    سىزمۇ 1 دىن 1000000000  قىچە بولغان بۇ بىر مىليارت دانە ساننىڭ رەقەملىرىنىڭ يىغىندىسى قانچە بولىدىغانلىقىنى ھىسابلاپ كۆرۈڭ.

    ئەسكەرتىش: بۇ مەسىلىدە ئېيتىلغىنى «بىر مىليارت دانە ساننىڭ يىغىندىسى» ئەمەس، بەلكى «بىر مىليارت دانە ساننىڭ رەقەملىرىنىڭ يىغىندىسى».  مەسىلەن، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9، 10، 11 لەرنىڭ رەقەملىرىنىڭ يىغىندىسى مۇنداق بولىدۇ:

    48=1+1+0+1+9+8+7+6+5+4+3+2+1

    ۋاي-ۋۇي، بىر مىليارت دانە ساندىكى رەقەملەرنى قانداقمۇ قوشۇپ بولۇش مۇمكىن؟

    ھودۇقۇپ كەتمەڭ. گائۇس قوللانغان ئۇسۇلنى تەپسىلىي ئويلىنىپ كۆرسىڭىز، ئۇ سىزگە ئىلھام بېرىشى مۇمكىن.

     

    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • 1 دىن 1 مىليارتقىچە ، گائۇس ئونداق ھىساپلىغان بولسا ،مەن موشو ئوسول بىلان باشكىچە ھىساپلاپ،
      موجىزە يارتايمىكىن دەپ،بىرنەچچە پورمىلا توزۋاتىمەن،تارىم ئەپەندىگە(ئەنۋەر) رەخمەت.
      تارىم回复latariya.com说:
      ياخشى بوپتۇ. ئەركىن ئەپەندىنىڭ يېڭى فورمۇلىسىنى تىزراق كۆرۈشكە تاقەززامىز.
      2009-01-17 21:42:29
    • مېنى ئۇلىنىش قىلىۋالسىڭىزhttp://iplas.blogbus.comمەنمۇ سىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم
      تارىم回复مېنى ئۇلىنىش说:
      قايەرگە ئۇلىنىش قىلدىڭىز؟ بلوگىڭىزدا ئارانلا 5 تال بلوگنىڭ ئۇلىنىشى باركەنغۇ؟ ئاۋال بلوگىڭىزنىڭ نامىدىكى «ئىپلاس» دىگەن خەتنى ئۆزگەرتىڭ. ئاندىن ئۇلىنىش قىلاي.
      2009-01-08 14:38:42
    • دوستانە ئەسكەرتىش

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! تارىم بلوگى باشقۇرغۇچىسى :
      كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بلوگ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئۇلانمىلار بلوگى ئۇيغۇرچە بلوگ

      توپلىمى سىزنىڭ مۇبارەك بلوگىڭىزنىڭ بلوگ ھۈنەرلىرى سەھىپىسىنى ئۇيغۇرچە بلوگ توپلىمىنىڭ بلوگ بىلىملىرىنى ئۆگېنىش تۈرىگە كىرگۈزدى . ۋاقىپ بولۇپ

      قالغايسىز .بلوگىڭىز كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى . ئۇلانمىلارنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ! كامالىي ئېھتىرام بىلەن

      :

      ulanmilar.blogspot.com
      ulanmilar@163.com
      QQ توپى : 34296971
      تارىم回复ئۇلانمىلار说:
      ئۇلانمىلار بلوگى ئۇلىنىش قىلىندى.
      2009-01-08 14:42:55
    • بۇ مەسىلىنى مۇنداق ھەل قىلساق بولغۇدەك :
      1000000000 بىلەن 999999999 نى قويۇپ تۇرۇپ ، قالغان 999999998 ( 999 مىليۇن 999 مىڭ 998 ) دانە ساننى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپلايمىز .
      ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى ئىككى ساننىڭ ماس خانىلىرىدىكى رەقەملەرنىڭ يىغىندىسى 9 غا تەڭ بولىدىىغان قىلىپ گۇرۇپپىلايمىز ، يەنى :
      1 بىلەن 999999998 نى بىر گۇرۇپپا قىلساق ، بۇ گۇرۇپپىدىكى رەقەملەرنىڭ يىغىندىسى 81 بولىدۇ ؛
      2 بىلەن 999999997 نى بىر گۇرۇپپا قىلساق ، بۇ گۇرۇپپىدىكى رەقەملەرنىڭ يىغىندىسى 81 بولىدۇ ؛
      3 بىلەن 999999996 نى بىر گۇرۇپپا قىلساق ، بۇ گۇرۇپپىدىكى رەقەملەرنىڭ يىغىندىسى 81 بولىدۇ ؛
      ...............................................................................................................................
      10 بىلەن 999999989 نى بىر گۇرۇپپا قىلساق ، بۇ گۇرۇپپىدىكى رەقەملەرنىڭ يىغىندىسى 81 بولىدۇ ؛
      مۇشۇنداق گۇرۇپپىلاشنى داۋاملاشتۇرساق ئەڭ ئاخىردا 499999999 بىلەن 500000000 نى بىر گۇرۇپپا قىلىمىز ، بۇ گۇرۇپپىدىكى ھەر قايسى خانىدىكى رەقەملەرنىڭ يىغىندىسىمۇ 81 بولىدۇ .
      دېمەك بىز رەقەملەر يىغىندىسى 81 بولىدىغان 499999999 دانە گۇرۇپپىغا ئېرىشىمىز .
      ئابايا ئايرىپ قويغان 999999999 نىڭمۇ رەقەملەر يىغىندىسى 81 بولىدۇ ، شۇنداق قىلىپ رەقەملەر يىغىندىسى 81 بولىدىغان 500000000 دانە گۇرۇپپىغا ئېرىشىمىز ؛ 1000000000 نىڭ رقەملەر يىغىندىسى 1 بولىدۇ . شۇڭا 1 دىن 1000000000 قىچە بولغان سانلارنىڭ رەقەملەر يىغىندىسى :
      40500000001=1+81*500000000 بولىدۇ . يەنى 40 مىليارد 500 مىليۇن 1 بولىدۇ .
      تارىم回复ئىلىم-پەن说:
      تەھلىلىڭىز ئورۇنلۇق. ناھايىتى چۈشىنىشلىك بايان قىلىپسىز. رەھمەت سىزگە.
      2009-01-08 14:11:07
    • ياخشى يازمىكەن.
      تارىم回复يېڭىسار说:
      كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا! پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ.
      2009-01-08 14:09:16
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.