ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • توخو، سۆسەر ھەم چاشقان - [ھېكايە-شېئىرلار]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    توخۇ، سۆسەر ھەم چاشقان بىللە ياشايدىكەن، كۇنلەردىن بىر كۈنى توخو ئازراق بۇغداي تېپىپ خوشاللىغىدا:

    ــــــــ بۇغداي تاپتىم، بۇغداي تاپتىم، ئەمدى ئۇن تارتىش كېرەك. خوش، بۇغداينى كىم تۈگىمەنگە ئېلىپ بارىدۇ؟ ــــــــ دەپتۇ.

    ــــــــ مەن ئېلىپ بارمايمەن، ــــــــ دەپتۇ سۆسەر.

    ـــــــــ مەن ئېلىپ بارمايمەن، ــــــــ دەپتۇ چاشقان.

    توخو بۇغداينى ئۆزى تۈگىمەنگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇن تارتىپتۇ.

    ــــــــ ئۇننى ئۆيگە كىم ئېلىپ بارىدۇ؟ ــــــــ دەپ سوراپتۇ توخو.

    ــــــــ مەن ئېلىپ بارمايمەن، ـــــــــ دەپتۇ چاشقان.

    ـــــــــ مەن ئېلىپ بارمايمەن، ـــــــــ دەپتۇ سۆسەر.

    توخو ئۇننى ئۆيگە ئۆزى ئېلىپ كەپتۇ.

    ــــــــ كىم خېمىر يۇغۇرىدۇ؟ ــــــــ دەپ سوراپتۇ توخو.

    ــــــــ مەن يۇغۇرمايمەن، ــــــــ دەپتۇ چاشقان.

    ــــــــ مەن يۇغۇرمايمەن، ــــــــــ دەپتۇ سۆسەر.

    خېمىرنى توخۇ ئۆزى يۇغۇرۇپتۇ.

    ــــــــ تونۇرغا ئوتنى كىم سالىدۇ؟ ـــــــــ دەپ سوراپتۇ توخو.

    ــــــــ مەن سالمايمەن، ـــــــــ دەپتۇ چاشقان.

    مەن سالمايمەن، ــــــــ دەپتۇ سۆسەر.

    توخۇ تونۇرغا ئوتنى ئۆزى ساپتۇ.

    ـــــــــ ناننى كىم ياقىدۇ؟ ـــــــــ دەپ سوراپتۇ توخو.

    ـــــــــ مەن ياقمايمەن، ــــــــــ دەپتۇ چاشقان.

     ــــــــــ مەن ياقمايمەن، ــــــــــ دەپتۇ سۆسەر.

    ناننى توخو ئۆزى يېقىپتۇ. ئاندىن قىپ- قىزىل بولۇپ پىشقان توقاچلارنى داستىخانغا قويۇپ:

    ــــــــ بۇ نانلارنى كىم يەيدۇ؟ ــــــــ دەپ سوراپتۇ توخو.

    ـــــــ مەن! ــــــــ دەپتۇ چاشقان.

    ـــــــ مەن! ـــــــ دەپتۇ سۆسەر ۋە ھەرئىككىسى يۈگۈرۈپ. داستىخانغا كېلىپ بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، ئىشتىھا  بىلەن توقاچ يىيىشكە كىرىشپتۇ.
    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • [dAva:6]تەييارغا ھەممىسى ئامراقكەندە ؟
    • چاشقانجان بىلەن سۆسەر قىزلار كۆپىيىپ كەتسە، توخۇلارمۇ ئازلاپ كېتىدۇ بىر كۈنلەردە!
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.