ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • «0» نىڭ قىممىتى - [ھېكايە-شېئىرلار]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    1982-يىلى مەلۇم بىر ئونۋېرىستىتنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىقتىساد ئىلمىدىن دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسكە كىرىشىنى كۈتۈپ تۇرۋاتاتتى. شۇ ئارىدا قاتتىق قول ئۇستازىنىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئۇ بالىلارغا سوغۇق نەزەردە قاراپ قويۇپ، بور بىلەن دوسكىغا يوغان قىلىپ «1 » رەقىمىنى يازدى.

    ـــ قاراڭلار، ــــ دېدى ئۇ ۋەزىنلىك ئاھاڭدا، ـــــ مانا بۇ رەقەم ئىنسانىيلىقنى بىلدۈرىدۇ. ئىنسانىيلىق ــــ بۇ ھاياتلىقتا بىزگە بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىدۇر.

    ئاندىن ئۇ «1» رەقىمىنىڭ ئارقىسىغا «0» رەقىمىنى يېزىپ:ــــــ مانا بۇ مۇۋەپىقىيەتنى بىلدۈرىدۇ. ئىنسانىيلىق مۇۋەپىقىيەت بىلەن بىرلەشسە، «1» نى «10» غا ئايلاندۇرىدۇ، ـــــ دەپ چۈشەندۈردى. ئاندىن ئۇستاز دوسكىدىكى ساننىڭ كەينىگە يەنە بىر دانە «0» رەقىمىنى قوشۇپ:ــــ مانا بۇ تەجرىبىدۇر . ئەگەر تەجرىبىڭىز مول بولسا قىممىتىڭىز «100» ئايلىنىدۇ. ئاندىن بۇنىڭ ئارقىسىغا ئىجتىھات، قابىليەت، ئىنتىزام، سۆيگۈ  ۋاكازاغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «0» لەرنى قوشۇۋېرىڭ. قوشۇلۇپ مېڭىۋاتقان ھەر بىر «0» ئىنسانىيلىقنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ ماڭىدۇ، ـــــ  دېدى.ئاندىن ئۇ قولىغا ئۆچۈرگۈچنى ئېلىپ ئەڭ بېشىدىكى «1» نى ئۆچۈرىۋەتتى . بۇنىڭ بىلەن دوسكىدا بىر تالاي «0» لەر قالدى.ئۇستاز سۈكۈتكە چۆمگەن ئوقۇغۇچىلارغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن، ناھايىتى سالماقلىق بىلەن:ــــــــ مانا قاراپ تۇرۇپسىلەركى، ئىنسانىيلىق بولمىسا، باشقىسىنىڭ ھەممىسى بىكار !!! ـــــــ دېدى.

    سىنىپتا ئېغىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە بولىدۇ.

     

    مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى 
     
    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • [dAva:0][dAva:0][dAva:0]ناھايېتې ياىشې بۇلۇپتۇ
    • [dAva:0][dAva:0][dAva:0][dAva:0]ناھايېتې ياىشې بۇلۇپتۇ
    • مەزمونى چوڭقۇركەن،ياخشى تىما .
      تارىم回复لاتارىيە说:
      تېمىنى ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
      2009-06-04 23:42:16
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.