ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان، ماتېماتىكا، كومپيۇتېر ۋە تارىخ ھەققىدىكى ئۇنۋېرسال بلوگ.


 

  • ئالغا ئىلگىرلەش يولى - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    باشلىنىش نۇقتىسى 1 دىن چىقىپ، تەرتىپ بويىچە ھەر بىر تارماق يولدىن ئۆتۈپ، «+، _ ، x، ÷ » تىن ئىبارەت تۆت ئەمەلنىڭ خالىغان بىرىنى تاللىۋېلىپ ھېسابلاڭ، كۆزلىگەن جايغا يەتكەندە نەتىجە دەل 10 بولسۇن.

    سىز ئالغا ئىلگىرلەش يولىنى تاپالامسىز؟

    يول يالغۇز بىرلا ئەمەس. سىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاپالامسىز؟

     

     

    «ئالغا ئىلگىرلەش يولى» ئويۇنىنىڭ جاۋابى:

    2009-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى يوللاندى

    بۇ مەسىلىنىڭ قىيىن يېرى ئالغا ئىلگىرلەش يولىنىڭ ھەممىسىنى تېپىشتا. بۇنىڭ ئۈچۈن، نەتىجىدىن باشلاپ (ئارقىدىن ئالدىغا قاراپ) مۇمكىن بولغان ھەر خىل ئەھۋاللارنى بىر- بىرلەپ تەھلىل قىلىپ ئۆتىمىز.

    ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە 10، ئەڭ ئاخىرقى «نۇقتا» دىكى سان 5 بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرقى تارماق ئاچا يولدا ئوخشاش بولمىغان ئەمەل بەلگىلىرى تاللىۋېلىنسا، ئالدىنقى بىر قانچە يولدىكى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسى بولغان سانمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ئەڭ ئاخىرقى يولدا «+» تاللىۋېلىنسا، ئالدىنقى بىر قانچە يولدىكى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسى (قوشۇلغۇچىسى) 5 بولۇشى لازىم؛ «» ئەمىلى تاللىۋېلىنسا، ئالدىنقى بىر قانچە يولدىكى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسى (كېمەيگۈچى) 15 بولۇشى لازىم؛ «×» تاللىۋېلىنسا، ئالدىنقى بىر قانچە يولدىكى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسى (كۆپەيگۈچى) 2 بولۇشى لازىم؛ «÷» تاللىۋېلىنسا، ئالدىنقى بىر قانچە يولدىكى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسى (بۆلۈنگۈچى) 50 بولۇشى لازىم. ئەمما ئالدىنقى بىر قانچە يولدىكى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ 50 بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئەڭ ئاخىرقى بىر يولدىكى ئەمەلدە «÷» نى تاللىۋېلىش ئېھتىمالىنى چىقىرىۋېتىمىز.

    ئاندىن ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى تارماق ئاچا يولنى تەھلىل قىلىمىز. ئالدى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر يولدىكى ئەمەل «+» بولغان ئەھۋالنى، يەنى ئالدىنقى ئۈچ يولدىكى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسى 5 بولىدىغان ئەھۋالنى تەھلىل قىلايلى. يۇقۇرىدىكىگە ئوخشاش، ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى تارماق ئاچا يولدىكى ئەمەل بەلگىسىنى تاللىۋالىمىز. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر «+» تاللىۋېلىنسا، مۇشۇ ئەمەلنىڭ ئالدىدىكى بىر قانچە ئەمەلنىڭ نەتىجىسى 1 بولۇشى؛ «» تاللىۋېلىنسا، ئالدىنقى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسى 9 بولۇشى؛ «×» تاللىۋېلىنسا، ئالدىدىكى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسى 1.25 بولۇشى؛ «÷» تاللىۋېلىنسا، ئالدىدىكى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسى 20 بولۇشى لازىم. روشەنكى، تەرتىپ بويىچە 1 ، 2 ، 3 لەرنىڭ ئارىسىدا «+» ، «» ، «×» ، «÷» لەردىن خالىغان بىرسىنى 2 قېتىم بېجىرسەك، ئۇنىڭ نەتىجىسى 1.25 بىلەن 20 گە تەڭ بولالمايدۇ. شۇڭا ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى يولدىكى ئەمەللەر «×» ۋە «÷» بولىدىغان ئېھتىماللارنى چىقىرىۋېتىمىز.

    ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە يۇقۇرىدىكى ئۇسۇل بويىچە كەلتۈرۈپ چىقارساق، كۆزلىگەن جايغا يىتىپ بارىدىغان بىرىنچى يولنى تاپالايمىز.

     

    مۇمكىن بولىدىغان ھەر خىل ئەھۋاللارنى بىر- بىرلەپ تەھلىل قىلساق، ئەڭ ئاخىرىدا كۆزلىگەن جايغا يىتىپ بارىدىغان 3 يولنىمۇ تاپالايمىز:

     

     

    ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مەسىلىلەرنى بۇ مەسىلىدىكىگە ئوخشاش مەسىلىنىڭ يەكۈنىدىن باشلاپ كەينىگە قايتۇرۇپ «نەتىجىدىن سەۋەبنى تېپىش» يولى بىلەن تەھلىل قىلىش ماتېماتىكىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان بىر خىل تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىدۇر.






    评论

  • بۇنىڭدا راسلا 4 خىل يول بار ئىكەن .
    1. 1+2+3 ئاندىن ئالىمىز 4 ، ئاندىن كۆپەيتىمىز 5 .
    2. 1+2 ئاندىن بۆلىمىز 3 ، ئاندىن قوشىمىز 4 ، ئاندىن يەنە قوشىمىز 5 .
    3. 1+2 ئاندىن كۆپەيتىمىز 3 ، ئاندىن ئالىمىز 4 ، ئاندىن قوشىمىز 5 .
    4. 1 نى كۆپەيتىمىز 2 گە ، ئاندىن يەنە كۆپەيتىمىز 3 كە ، ئاندىن ئالىمىز 4 ، ئاندىن كۆپەيتىمىز 5 .
    بولسا مۇشۇنداق ئەقىل سىنايدىغان ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى يوللاپ تۇرۇڭ . مۇشۇنداق مەسىلىلەر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر يوللىرىنى تېپىپ چىقالايمىز . بىزگە جىق پايدىسى بار .
  • قىزىقارلىق ئىكەن، مەن ئىككى يولنى تېپىپ باقتىم، تارىم ئەپەندىم.
    تارىم回复dunyakara说:
    تاپقان يولىڭىزنى يېزىپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن
    بۇنىڭدا جەمئىي 4 خىل يول بار.
    2008-12-12 14:44:50

发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.