-
ياش تېپىشنىڭ سىرى - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]
غۇنچەم قولىغا 6 دانە كارتىنى ئېلىپ ئايشەمگە:
ـــــ قايسى كارتىدا ئاناڭنىڭ يېشى بارلىقىنى ئېيتىپ بەرسەڭلا، مەن ئاناڭنىڭ بۇ يىل قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، ـــــ دىدى.
ئايشەم ئىشەنمىگەندەك قىلىپ:
ـــــ ماقۇل، مەن ئېيتاي، 1- ، 5- ، 6- كارتىلاردا بار، دەپ باققىنە، ئانام بۇ يىل قانچە ياشقا كىرىپتۇ؟ ـــــ دىدى.
ئۇنىڭ گېپى تۈگىشىگىلا، غۇنچەم:
ـــــ ئاناڭ بۇ يىل 49 ياشتا، ـــــ دىدى.
ـــــ ۋۇي؟ ........... ، ـــــ دىدى ئايشەم ھەيران قېلىپ.
سىز غۇنچەمنىڭ ياش تېپىشتىكى سىرىنى بىلەلەمسىز؟
ئەسكەرتىش: يۇقۇرقى جەدىۋەللەردىن پايدىلىنىپ 63 ياشتىن ئېشىپ كەتمىگەن كىشىلەرنىڭ يېشىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەگەر 63 ياشتىن چوڭ بولغان ياشنى تېپىشقا توغرا كەلسە، كارتۇشكىلارنى كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.
随机文章:
1 دىن 1 مىليارتقىچە 2009-01-03ئالما ئېلىش 2008-12-17دىلنۇرنىڭ سان تېپىشى 2008-12-16سۇئال بەلگىسىنى رەقەمگە ئۆزگەرتىش 2008-12-15ئۆچۈرۈۋېتىلگەن رەقەملەر 2008-12-14
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.
评论
<< تالانىتلىقلارنى بايقاش مۇكاپاتلىق ماتېماتىكا سوئاللرى >> دېگەن يازمامنى ھەر ۋاقىت ئەڭ ئۈستىدە تۇرسىكەن دەيمەن . ئاشۇنداق قىلغىلى بۇلامدۇ ؟ باشقا يڭى يازغان ماقالىلەر ئاشۇنىڭ ئاستىدا چىقسا . مۇشۇ يازمىلا ئەڭ ئۈستىدە تۇرسا دېمەكچى .
بولسا ، سىزمۇ مۇشۇ پائالىيەت ئۈچۈن ھەر ئايلىق سوئال چىقرىشقا قاتنىشىپ بەرگەن بولسىڭىز .
http://ilim-pen.blogbus.com/c2269169/
بۇ جەدىۋەلدىكى سانلار ئوڭدىن سولغا قاراپ تۈزۈلۈپتۇ .مەن بۇرۇن سولدىن ئوڭغا قاراپ تۈزىگەن ئىدىم . ئەگەر جەدىۋەلدىكى چاقماقلارنىڭ سانى 2 نىڭ تەبىئىي سان دەرىجىسىگە تەڭلا بولسا ، بۇنداق جەدىۋەلنى چوقۇم تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ .ھەم جەدۋلنى كۋادراتتىن باشقا تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىلدىمۇ تۈزسەك بولىدۇ .
تارىم ئەپەندى سىزنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئاسان ئۇسولىڭىز بار ئوخشايدۇ.سۆزلەپ باقسىڭىز.
يەنى ئاپىسىنىڭ يېشى بار بولغان كارتىنى 1 بىلەن ، يېشى يوق بولغان كارتىنى 0 بىلەن ئىپادىلىسەك ، 1- كارتىدا بار 1 بىلەن ئىپادىلەيمىز ، 2- ، 3- ، 4- كارتىلاردا يوق ، بۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنى ماس ھالدا بىر دانە 0 بىلەن ئىپادىلەيمىز . 5- ، 6- كارتىلاردا بار ، بۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنى ماس ھالدا 1 بىلەن ئىپادىلەيمىز . ئەمدى بۇ 0 ، 1 لاردىن تەرتىپ بويىچە بىر سان تۈزسەك ، 100011 بولىدۇ . بۇ ئىككىلىك سىستېمىدىكى سان بولىدۇ . بۇنى ئونلۇق سىستېمىدىكى سانغا ئايلاندۇرساق 49 كېلىپ چىقىدۇ ( ئىككىلىك ساناق سىستېمىسىدىكى ساننى ئونلۇق ساناق سىستېمىدىكى سانغا ئايلاندۇرۇشتا ، ئىلىم - پەن بىلوگىدىكى
http://ilim-pen.blogbus.com/logs/31981342.html تېمىنى ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ) . يەنى ،
(1-6 )^2 + (1-5 )^2 + (1-1)^2 نىڭ نەتىجىسىنى تاپساقلا بولىدۇ .
-------------------------------------------------------------
^ بولسا دەرىجە بەلگىسى .