-
دىلنۇرنىڭ سان تېپىشى - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]
دەم ئېلىش ۋاقتىدا دىلنۇر ساۋاغداشلىرىغا مۇنداق ئويۇن كۆرسەتتى:
ئۇ ئۈستىگە ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1 دىن 9 غىچە رەقەم يېزىلغان ئىككى يۈرۈش كارتا (جەمئىي 18 دانە) ئېلىپ، ئۇلارنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر ساۋاقدىشىغا ئۇنىڭ ئىچىدىن بىرنى ئالغۇزدى (ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان ساننى دىلنۇرغا كۆرسەتمەيدۇ). ئارقىدىنلا قالغان كارتىلارنى يەنە بىر ساۋاقدىشىغا بىرىپ، ئۇنىڭغا بۇ كارتىلار ئىچىدىن ئۆزئارا قوشقاندا يىغىندىسى 10 بولىدىغان ھەر بىر جۈپ كارتىنى ئۆزىگە كۆرسەتمەي ئېلىۋېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قېپقالغان كارتىلارنى ئۆزىگە بىرىشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە دىلنۇر ئەڭ ئاخىرىدا ئېشىپ قالغان كارتىغا بىر قاراپلا بىرىنچى ساۋاقدىشى ئالغان كارتىغا يېزىلغان ساننى دەرھال ئېيتىپ بەردى ھەمدەبۇنى ئۇدا بىر نەچچە قېتىم خاتاسىز ئىشلىدى.
سىز دىلنۇرنىڭ بۇ ساننى قانداق تاپقانلىقىنى بىلەمسىز؟
随机文章:
1 دىن 1 مىليارتقىچە 2009-01-03ياش تېپىشنىڭ سىرى 2008-12-18ئالما ئېلىش 2008-12-17سۇئال بەلگىسىنى رەقەمگە ئۆزگەرتىش 2008-12-15ئۆچۈرۈۋېتىلگەن رەقەملەر 2008-12-14
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.
评论