ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • جۇ باجيېنىڭ سودا دەستۇرى - [ھېكايە-شېئىرلار]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    مەنبە: http://bbs.xabnam.com/read.php?tid=113451

    سۇن ۋۇكوڭ غەرپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چىمەنتاغدا ئارامگاھ ئاچتى. بىراق چىمەنتاغنىڭ قاتنىشى قولايسىز، ئارىلىقى يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە نامى مەشھۇر بىرەر يەرلىرى بولمىغاچقا، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى شالاڭلاپ كەتتى. سۇن ۋۇكوڭ ئاچچىقىدا ئۇيان- بۇيان نەچچە موللاق ئېتىپ كەتتى.

    سۇن ۋۇكوڭ جۇ باجيېنىڭ گاۋلاۋجۇاڭدىكى تاماقخانىسىنىڭ تىجارىتى ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالماقچى بولدى. كىم بىلسۇن، جۇ باجيې سۈن ۋۇكۇڭنىڭ ئالدىغا بىر ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىت بىلەن كەلگەن ئىدى. سۈن ۋۇكۇڭنىڭ ئاچچىقى كېلىپ:

    ـــ ھۇ ئەبلەخ! سەن تاماقخانا ئېچىپ خېلى كۆپ پۇل تېپىپسەن، يەنە تېخى مېنى ئالغىلى مۇشۇ ئەبجەق ۋېلسىپىتنى ئەكەلدىڭمۇ؟  بۇ مېنى كۆزگە ئىلمىغىنىڭغۇ؟ـــ دىدى.

    جۇ باجيې:

    ـــ ھەددىم ئەمەس ئاغا، سىزدىن يوشۇرمايمەن، پۇلنىغۇ تاپتىم، ماشىنىدىمۇ چاپتىم. بىراق مېنىڭ گاۋلاۋجۇاڭدا ئاچقان تاماقخانامنىڭ تەبىئىيلىك پۇرىقى بولغاچقا، «يەرلىك» پۇراقنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىتنىڭمۇ سەھرا پۇرىقى كۈچلۈك، ئۇ تېخى تاماقخانىمىزنىڭ ئوبرازلىرىنىڭ بىر قىسمى،ـــ دىدى.

    سۇن ۋۇكوڭ كۈلۈپ:

    ـــ پاھ، تېخى گەپلىرىڭنى بېزەشنىمۇ ئۈگىنىۋاپسەندە؟ـــ دىدى.

    ئۇلار پاراڭلاشقاچ تاماقخانىغا يېتىپ كەلدى. تاماقخانا زالى لىققىدە ئادەم بىلەن تولغان بولۇپ، مۇلازىمەتچىلەرمۇ پۈتۈنلەي يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىم كىيىشكەنىدى. باشنى كۆتۈرۈپ قارىسىلا، ئۇدۇل ئىشىكتىكى تامغا ئېسىلغان ئالتۇنرەڭ لەۋھە كۆزگە تاشلىناتتى. ئۇنىڭغا «8-نۆۋەتلىك خەلقئارا سەي تۈرلىرى مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن: گاۋلاۋجۇاڭ تاماقخانىسىنىڭ "بېلىق قاناتلىق ئادەمگىياھ " سېيى» دەپ يېزىلغان ئىدى.

    سۇن ۋۇكوڭ كۈلۈپ كېتىپ:

    ـــ سېنىڭ ھەقىقەتەن كارامىتىڭ باركەن، تېخى خەلقئارا مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن. ئادەمگىياھنى نەدىن تاپتىڭ؟ ـــ دىدى.

    جۇ باجيې خىرىلداپ كۈلۈپ، سۇن ۋۇكوڭنى تارتىپ، بىر ئايرىمخانىغا باشلاپ كىردى ۋە تۆۋەن ئاۋازدا:

    ـــ ئاغا، سىزدىن يوشۇرمايمەن، بۇ لەۋھەنى پۇلغا سېتىۋالغان. نەدىكى ئادەمگىياھ بولسۇن، ئاق تۇرۇپنى ئويۇپ ياسىغان شۇ. بىر نەچچە كۈن شەربەتكە چىلاپ قويساق، يىگەنسېرى تەمى ئۆزگىچە تېتىيدىغان گەپ شۇ. بۇ ئىش ھەرگىز سىرتقا يېيىلىپ كەتمىسۇن، ئەسلى بۇ ئاشپەز ئۇستا ئىككىمىزلا بىلىدىغان مەخپىيەتلىك ئىدى، ـــ دىدى.

    ـــ ئەجىبا ئۇنى يىگەن خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى كالۋامۇ؟ تۇرۇپنىڭ تەمىنىمۇ بىلەلمەمدىكەن؟

    ـــ بۇ سەينىڭ باھاسى 9999 يۈەن، ـــ دىدى باجيې ـــ ئۇنى يىيىشكە چىقىنالىغانلار شۇ باشقىلارنىڭ تەكلىپ قىلىپ، مېھمان قىلىشى بىلەن كەلگەنلەر تۇرسا، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقارمىغاندىن كېيىن تەمى بىلەن نىمە ئىشى؟ پۇل چىقارغان ئادەمنىڭ مەقسىتى مېھماننى ياخشى يىگۈزۈش بولغاندىن كېيىن تېخى، بۇ سەينى ماختاپ، خىسلەتلىك سەي دەۋېتىشتىنمۇ يانمايدۇ. ھە راست ئاغا، مېنى تۇيۇقسىز ئىزلەپ قاپسىز، نىمە ئىش بار ئىدى؟

    ـــ باجيې، ـــ دىدى سۇن ۋۇكوڭ، ـــ مەن بۇ قېتىم مەخسۇس سەندىن «نوم» ئالغىلى كەلدىم. مەن چىمەنتاغدا ئارامگاھ ئاچقاندىن تارتىپ سودىسى تازا قىزىمايۋاتىدۇ. بىر توپ بالىلىرىم مېنىڭ بېقىشىمغا مۇھتاج. شۇڭا ماڭا بىرەر ئامال تېپىپ بەرگىن دەپ كەلدىم.

    باجيې:

    ـــ ئاغا، تىجارىتىم ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، سىز بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى. سىز ئەسلى چىمەنتاغدا ئەركىن-ئازادە يۈرگەن ئىدىڭىز، مۈشكۈل ئىشقا يولۇققىنىڭىزنى ئەسلا ئويلىماپتىمەن. ئاغا، مېنىڭ ئۆزۈمنى ماختىغىنىم ئەمەس، سىز ئالۋاستىلارغا تاقابىل تۇرۇشتا مەندىن يامان بولغىنىڭىز بىلەن، تىجارەت قىلىشتا مەندىن ئۈگەنسىڭىز بولىدۇ. مېنىڭچە سىزنىڭ چىمەنتاغدىكى ئارامگاھىڭىزنىڭ سودىسى ئاقمىغانلىقنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ نامى چىقمىغانلىقىدا. شۇڭا سىز ئۇنى «قىزىتىشىڭىز» كېرەك.

    دەل شۇ چاغدا سىرتتىن جېدەللەشكەن ئاۋازلار بىلەن تەخسىلەرنىڭ سۇنغان ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.

    باجيې ئالدىراپ سىرتقا ماڭدى، سۇن ۋۇكوڭمۇ ئەگىشىپ چىقتى. زال ئۆرە-تۆپە بولغان بولۇپ، شىرەلەر ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئىدى. بىر خېرىدار ئېغىزى قىپقىزىل قانغا بويالغان ھالدا، يەردە ئولتۇراتتى. بىر نەچچە خېرىدار مۇلازىملار بىلەن تالاش- تارتىش قىلىشىۋاتاتتى.

    بىر مۇلازىم جۇ باجيېگە:

    ـــ بۇ خېرىدارلار تاماقخانىمىزنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، مەخسۇس ھالدا، ئالاھىدە پىشۇرۇلغان بېلىققا ئېغىز تەگكىلى كەپتىكەن. ئەمدىلا يەپ تۇرۇشىغا، بىر خېرىدار ۋارقىراپ كەتتى، ئۇنىڭ ئاغزىنى قارماق تىلىۋېتىپتۇ، ـــ دىدى.

    جۇ باجيې ئەمدىلا ئۇ خېرىدارنىڭ يېنىغا بېرىشقا تەمشىلىۋىدى، ئۇنى كىشىلەر ئورىۋالدى، ئارىدىن بىرسى:

    ـــ مانا بۇ ئۇلارنىڭ چوشقا باشلىق باش دىرېكتورى، تېز ئېيتە! بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ ئەگەر بر تەرەپ قىلالمىساق چوشقا بېشىڭنى كېسىۋالىمىز! ـــ دىدى.

    باشقا خېرىدارلارمۇ تاماشا كۆرگىلى ئەتراپقا ئولاشتى. ئۇلاردىن بىرسى:

    ـــ بۇ تاماقخانىغا نىمە بولدى؟ ئۆتكەندە بىر خېرىدار يېڭىلا ئېتىپ كەلگەن توشقان گۆشىنى يەۋاتقاندا، ئوق پارچىسى چىشىنى سۇندۇرىۋەتكەن، بۇ قېتىم بۇ خېرىدارنىڭ ئېغىزىنى قارماق تىلىۋەتسە، سىلەر زادى بۇ تاماقخانىنى ئاچامسىلەر - يوق؟! ـــ دەپ ۋارقىرىدى.

    سۇن ۋۇكوڭ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي، ئاستا ھەسەل ھەرىسىگە ئايلىنىپ، جۇ باجيېنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ كېلىپ، قۇلىقىغا پىچىرلىدى:

    ـــ سەن ئەبلەخ ئىش تېرىدىڭ، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟

    جۇ باجيې تەمكىنلىك بىلەن:

    ـــ سىز پەقەت تاماشا كۆرسىڭىزلا بولدى، ھەممە ئىش مېنىڭ ئىلكىمدە، ـــ دىدى.

    جۇ باجيې ھودۇقماي، تەمتىرىمىگەن ھالدا، ئۆرە-تۆپە بولغان خېرىدارلاردىن كەچۈرۈم سورىدى ۋە ھېلىقى خېرىدارغا بىر تۇتام پۇل تۆلەم بەردى. يەنە تېخى مۇخبىرنىڭ تېلېكامىراسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىدىن كەچۈرۈم سورىدى ۋە بۇنداق ئىش قايتا سادىر بولسا يۈزمىڭ يۈەن تۆلەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئىككى سائەتتىن كېيىن، ھەممە ئىشلار بېسىقتى. ئىش ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلىندى.

    كۆپچىلىك تارقالغاندىن كېيىن، سۇن ۋۇكوڭ ئەنسىرىگەن ھالدا:

    ـــ باجيې، ئەسلى تاماقخانا ئېچىشمۇ ئاسان ئەمەسكەنغۇ؟ گېزىت، تېلېۋىزىيە بۇ ئىشنى خىەۋەر قىلىۋەتسە، تاماقخاناڭنىڭ نامىغا تەسىر يېتىدىغان بولدى-دە، ـــ دىدى.

    جۇ باجيې كۈلۈپ قويۇپ، سىرلىق ھالدا:

    ـــ نامىغا تەسىر يەتمەيدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ نامى چىقىدۇ، بايىقى كىشىلەرنى ئەسلى مەن پۇل بېرىپ ياللىۋالغان، ـــ دىدى.

    ـــ ھە؟ ئادەم ياللاپ بالا تېرىش؟ ـــ سۇن ۋۇكوڭ ئايلىنىپ كېتەي دىدى.

    ـــ ھازىرقى كىشىلەر تەبىئىي نەرسىلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما مەن نەدىنمۇ ئۇنداق ياۋايى ھايۋانلارنى تاپالايمەن؟ شۇڭا مەن بىر ئامال تاپتىم، ياللىغان ئادىمىم توشقان گۆشى يەۋاتقاندا، توشقان گۆشىدىكى ئوق چىشىنى سۇندۇردى، بۈگۈن يەنە بىر مېھماننىڭ ئاغزىنى قارماق تىلىۋەتتى. بۇ دەل بۇ تاماقخانىدىكى توشقان تاغدىن ئېتىۋېلىنغان، بېلىق بولسا دەريادىن يېڭىلا تۇتۇپ كېلىنگەن، ساپ، تەبىئىي، ياۋا مەھسۇلات دىگەنلىك ئەمەسمۇ؟ خېرىدارلار يەنە كەلمەمدۇ؟

    سۇن ۋۇكوڭ:

    ـــ ھەي سېنىڭ ئامالىڭنى قارا، ـــ دىدى كۈلۈپ.

    جۇ باجيې خىرىلداپ كۈلۈپ كەتتى، ئاندىن:

    ـــ ئاغا، گەپكە كەلسەك، چىمەنتاغنىڭ تىجارىتى ياخشى ئەمەسكەن، مەن سىزگە ياردەملىشىپ سودىسىنى قىزىتىپ بېرەي، شۇ باھانىدە مېنىڭ تاماقخانامنىڭمۇ نامى چىقىپ كەتكۈدەك، ـــ دىدى ۋە ئارقىدىن سۈن ۋۇكۇڭنىڭ قۇلىقىغا نېمىلەرنىدۇر پىچىرلاپ كەتتى.

    ئىككىنچى كۈنى، گېزىتنىڭ باش بېتىگە بىر چوڭ خەۋەر بېسىلدى، بۇ گاۋلاۋجۇاڭ تاماقخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى جۇباجيېگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ئىدى:

    «داڭلىق كارخانىچى جۇ باجيې ئەپەندى 12-چېسلا سەھەردە ئۇيقۇ دورىسى ئىچىپ ئۆلۈۋالماقچى بولدى، ئەمما جىددى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ھاياتى ساقلاپ قېلىندى. ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىق سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. گېزىتىمىز مۇخبىرى بۇھەقتە داۋاملىق ئىز قوغلاپ خەۋەر بېرىدۇ».

    بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا جۇ باجيېگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ھەممە يەرگە تارقىلىپ كەتتى. ھەممەيلەن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا غۇلغۇلا قىلىشاتتى. تېخى سەنئەت ساھەسىدىكى بىر گۈزەل قىز ئوتتۇرىغا چىقىپ، جۇباجيېنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولۇشى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

    بىر كۈندىن كېيىن، گېزىتكە يەنە بىر خەۋەر بېسىلدى. ماۋزۇسى: «ۋاپاسىز ئايال، چىمەنتاغ سۆيگۈمگە گۇۋاھ» ئىدى. بۇ خەۋەردە جۇ باجيېنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولغانلىق سەۋەبى تەپسىلى يېزىلغان ئىدى.

    ئەسلى جۇ باجيېنىڭ ئۆلۈۋالماقچى بولغانلىقى ھېسسىيات، سۆيگۈ ئۈچۈندۇر. ئۇ كۈنى جۇ باجيې سۆيگىنى بىلەن چىمەنتاغ ئېكولوگىيىلىك مەنزىرە رايونىغا دەم ئېلىشقا بارغان ئىكەن. كىم بىلسۇن، ئۇ قىز چىمەنتاغنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە مەپتۇن بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىمەنتاغ ئارامگاھىنىڭ باش دىرېكتورى سۇن ۋۇكوڭ بىلەن چىقىشىپ قالغاچقا، قايناق شەھەرگە قايتىشنى خالىماپتۇ. قاتتىق ئازابلانغان جۇ باجيې، ئەسلى سۆيگىنىگە سوۋغا قىلماقچى بولغان 6 كاراتلىق ئالماس ئۈزۈكنى تاغنىڭ چوققىسىدىن تۆۋەنگە تاشلىۋېتىپتۇ. بىراق جۇ باجيې شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ، ئويلىغانسېرى تېخىمۇ ئازابلىنىپ، ئاخىرى ئۇيقۇ دورىسى ئىچىپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان ئىكەن، بەختكە يارىشا ۋاقتىدا قۇتقۇزىۋېلىنىپتۇ.

    بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا، جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىر دەمدىلا چىمەنتاغ، جۇباجيې، سۇن ۋۇكوڭ، 6 كاراتلىق ئالماس ئۈزۈك قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ كەتتى.

    چىمەنتاغ ئارامگاھى ئاخىرى قىزىپ كەتتى. دۆلەتنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر چىمەنتاغقا تولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كۆڭۈل ئاچقىلى كەلگەن بولسا، بەزىلىرى مەخسۇس ھېلىقى 6 كاراتلىق ساپ ئالماس ئۈزۈكنى ئىزلەپ تاپقىلى كەلگەن ئىدى. شۇندىن تارتىپ، چىمەنتاغدىن ئادەم ئۈزۈلمەي، تىجارەتمۇ باشقىچە جانلىنىپ كەتتى.

    مەنبە : خەنزۇچە ھىكايىلەر توپلىمى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • بۇ يازمىنى گېنېرال "خەنزۇچە ھىكايىلەر توپلىمى"دىن تەرجىمە قىلىپ دىيارىم،شەبنەم،قاراق مۇنبىرىگە يوللىغان.
      سىزنىڭ بىلوگىڭىزدا قايتا كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم،رەھمەت.
      تارىم回复generall说:
      ئەسلىدە بۇ سىزنىڭ تەرجىمىڭىزكەن-دە. تەرجىمىسى بەك ياخشى چىقىپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا شەبنەمدە كۆرۈپلا بەك ياراپ قېلىپ، بلوگىمغا يوللىۋالغان ئىدىم. مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.
      2010-07-17 14:33:08
    • بۇرادەر، سىزنىڭكىنىمۇ ئۇلىنىشقا قېتىۋالدىم.
      تارىم回复يولباش说:
      رەھمەت.
      2009-05-29 19:49:10
    • بۇرادەر، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەن بىلوگ دېگەن بۇ نەرسە بىلەن ئۇچراشقاندىن باشلاپلا سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى بىلەتتىم، ئۇزۇندىن بۇيان بىلوگلىرىمىزنى ئۆز ئارا ئۇلىنىش قىلىۋالساق دەپ يۈرەتتىم، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز، مانا سىزنى ھازىرل ئۇلىنىشقا قوشىۋالدىم، سىزمۇ مېنى بالدۇرراق ئۇلىنىش قىلىۋالسىڭىزكەن. سىز تورغا چىققان چاغدا سىزگە لوگو ئادرېسىمنى ئەۋەتىپ بېرەي
      تارىم回复YOLBASH说:
      بلوگىڭىز دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇلدى.
      2009-05-27 15:01:42
    • بۇ ھېكايە خېلى بوپ قويىدىكەن. ھازىرقى سودىدىكى قىزىتىش خەنزۇچە چاۋزو دەيدىغان گەپنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىپتۇ.
      تارىم回复Arghu说:
      شۇنداق.
      2009-05-27 14:15:14
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.