ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • «كوكۇس» ئۇسلۇبى تارقىتىلدى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    بۈگۈن يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ ياسىدىم. بۇ ئۇسلۇپ سىزنى دېڭىز بويىدىكى كوكۇسزارلىقتا سەيلى قىلىۋاتقاندەك رومانتىك كەيپىياتقا چومدۈرىدۇ.

    ئۇسلۇپ شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:

    ئۇسلۇپ كودىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:

    files/12425688530.rar

     


    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تارىم قىرىندىشىم مىنىڭ بىلوگىمغا <<كۇكۇس>> ئۇسلۇبىنى تەڭشەپ بەرسىڭىز بولسا ئۆگتىپ قويسىڭىز
      ھۆرمەت بىلەن مىڭدا يىگىرمە تۆت مىنىڭ ئالاقىشىش چچى نۇمۇرۇم : 569721145
      تارىم回复AHAT说:
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئارامگاھ بلوگى، دۇنياقارا بلوگى ۋە بىزنىڭ بىلوگى قاتارلىق بلوگلاردا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپنى قانداق قاچىلاش ھەققىدە تەپسىلىي يازما بار. سىز ئاشۇ بلوگلارغا كىرىپ بۇ ھەقتىكى يازمىلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ. ياكى مۇشۇ بلوگدىكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا بەرگەن جاۋابلىرىمنى ئېرىنمەي كۆرۈپ چىقسىڭىز، بۇنىڭ جاۋابىنى تاپالايسىز. ئەگەر يەنىلا ئەپلەشتۈرەلمىسىڭىز ماڭا كيۇ-كيۇدا ئۇچۇر يوللاڭ. مەن ئۆزەملا قىلىپ بېرەي.
      2009-06-20 15:37:25
    • ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم
      مەنمۇسىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىزنى ئشلەتكەن لېكىن گىۋىگى ياخشى كۇرۇنمەيۋاتىدۇ،ياردەم قىلسىڭىز
      تارىم回复ئالىمجان说:
      بلوگىڭىزنى كۆردۈم. شۇنداق ئوبدان تۇرىدىغۇ.
      2009-06-11 11:27:22
    • سىزنىڭ ئوسلۇپ قېلىپىڭىزدىن پايدىلىنىپ،مەنمۇ ئاددى بولسىمۇ بىر تور خاتىرىسى قۇرۇۋالدىم.ئەجرىڭىزگە كۆپ تەششەككۈر!مۇزىكا،قۇشىدىغان،بەت ئۆرىيدىغان،بىرقىسىم جايلىرىنى يەنە ئويغۇرچىلاشتۇردىغان جايلىرى بار.

      http://pidakar194.blogbus.com/
      تارىم回复bostan194说:
      ئەرزىمەيدۇ.
      2009-06-09 17:34:17
    • ياخشىمۇسىز ؟ مۇمكىن بولسا ماڭا كەڭ ئكرانلىق ، خەتلىرى يېشىل ياكى كۆك بولىدىغان، ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدەك قىلىپ بىر ئۇسلۇپ ياساپ بەرگەن بولسىڭىز .
      تارىم回复wulkan说:
      مەن تارقىتىۋاتقان ئۇسلۇپلارنىڭ ھەممىسى كەڭ ئېكرانلىققۇ. شۇلاردىن خالىغان بىرنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەمدى «خەتلىرى يېشىل ياكى كۆك» دىگىنىڭىز قايسى يەرنىڭ خەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئەگەر يوللىغان يازمىلىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى يېشىل ياكى كۆك رەڭلىك بولسا بولاتتى دىسىڭىز، بۇنىڭ ئىشى ئاسانغۇ. تېما يوللاش رامكىسىنىڭ ئۈستىدە خۇددى Word دىكىگە ئوخشاش خەت رەڭگىنى بەلگىلەش كۇنۇپكىسى بار، ئاشۇ كۇنۇپكا ئارقىلىق خەت رەڭگىنى ئالدىن بەلگىلىۋېلىپ ئاندىن يوللىسىڭىز بولىدۇ. مېنىڭچە خەت رەڭگى يەنىلا بىزنىڭ ئادەتلەنگىنىمىز بويىچە قارا رەڭلىك بولغىنى ياخشى. خەت بەك غەيرى رەڭدە بولۇپ قالسا، زىيارەتچىلەرنىڭ كۆزلىرى ئاسانلا چارچاپ قېلىپ، بىرەر تېمىنى تولۇق ئوقۇماستىنلا بلوگىڭىزدىن قايتىپ چىقىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۇزۇنغىچە بلوگىڭىزغا قايتا ئاياق باسماسلىقىمۇ مۇمكىن. بۇنى ئويلىشىپ باقارسىز.
      2009-06-09 00:49:24
    • ياخشىمۇسىز؟ مەن ئىشلىتۋاتقان بىلوگ سېستېمسى مۇشۇ شۇ ئىدى. سىز دىن بىر ئىشنى سورسام:--مىنىڭ بلوگىمدا تېما بىلەن رەسىم يوللسسام باش بەت يۈزدە كۈرۈنمەيۋاتدۇ. بۇنى قانداق ئوڭشىغىلى بولدۇ. ياكى بۇنىڭغا بىرەر كود ئىشلىتمىز.كود ئىشلەتسىەك كودنى قەيەرگە قوشمىز .
      مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشۈنچە بەرگەن بولسىڭىز.
      ھۆرمەت بىلەن شىنجاڭ شايار تورى بىلوگى
      تارىم回复جۇدا说:
      يېڭى تېما يوللاش رايۇنىدا تېمىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى يېزىش رامكىسىنىڭ ئاستىدا مۇشۇ رامكىغا ئوپمۇ- ئوخشاش يەنە بىر رامكا بار. ئەگەر ئاستىدىكى رامكا كۆرۈنمىگەن بولسا، ئۈستىدىكى رامكىنىڭ ئاستىغىراق قارىسىڭىز 高级选项 دىگەن خەت بار، ئاشۇ خەتنى مائۇس بىلەن چەكسىڭىز كۆرۈنىدۇ. يۇقۇرىدىكى رامكىغا يوللىماقچى بولغان تېمىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى يازىسىز. ئاستىدىكى رامكىغا تېمىنىڭ باش بەتتە كۆرۈنىدىغان قىسقىچە مەزمۇنىنى يازىسىز، باش بەتتە رەسىمنىمۇ كۆرۈنىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز مۇشۇ ئورۇنغىمۇ يۇقۇرىدىكى رامكىغا رەسىم قىستۇرغاندەك قىستۇرسىڭىز بولىدۇ.
      2009-06-06 17:15:41
    • رەھمەت تارىم ئەپەندى، مەنمۇ blogbus كۆچەي دەپ تۇرغان، توردىن جىق ئىزدەپ سىزنىڭ موشۇ يېڭى ئۇسلۇبىڭىز يارىدى، blogspot ئېچىلمايدىكەن، بەك خاپا قىلدى، سىزنىڭ ئۇسلۇبڭىز بىلەن تېزلا كۆچۈۋالارمەن..
      تارىم回复kumushoq说:
      Blogbus قا كۆچكەنلىكىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. مەنمۇ Blogspot تىن بلوگ قۇرغان، بىراق تولا ئېچىلماي خاپا قىلىدىكەن ھەم ئىنكاس يېزىشمۇ سەل ئاۋارىچىلىقكەن. شۇڭا ئۇنى ئاساسەن تاشلاپلا قويغان ئىدىم.
      2009-05-25 12:15:09
    • بۇ ئۇسلۇب ھەقىقەتەن بەك سىپتا، سۈپەتلىك چىقىپتۇ، مەنمۇ چۈشۈرىۋالدىم، رەھمەت!
      تارىم回复Arghu说:
      ئەرزىمەيدۇ. پات-پات كىلىپ تۇرارسىز.
      2009-05-20 21:28:49
    • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، تارىم ئەپەندىم ، قانداق ئەھۋاللىرى ؟ سىلىنىڭ بۇ ئۇلسۇپلىرى بەك سۈپەتلىك چىقىپتۇ ، بولۇپمۇ يان كۆرنۈش بەك سىپتا لاھىيلىنىپتۇ ، تارىم بلوگىنىڭ ئۇسلۇپ جەھەتتە ئادەمنى خۇشال قىلارلىق نەتجىلەرنى قولغا كەلتۈرشى بلوگلار ئىچىدە باشلامچى بلوگ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ . مەيلى قوللىنىشچان كود بولسۇن ۋەياكى ئۇسلۇپ جەھەتتە بولسۇن باشقىلارغا بەرگەن نەپ خېلى زور سالماقنى ئىگەللىدى . سىلىنىڭ بۇ سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن . شۇنىڭ بىلەن بۈگۈندىن ئىتبارەن تارىم بلوگى << ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى >> نىڭ ئەڭ ئۈستى بىرىنچى قۇردىكى بلوگ تەۋسىيىسى سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى . بۇ تارىم بلوگىنىڭ تىنىمسىز ئالغا ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . سىلىنىڭ يەنىمۇ ئىسىل ئەمگەكلەر بىلەن كەڭ بلوگگىرلارنى خۇرسەن قىلىشلىرىنى ۋە تارىم بلوگىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىشىرىنى ئۈمىد قىلىمەن .
      ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندىم
      تارىم回复ئۇيغۇرتېكىن说:
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندىنىڭ ئەمگىكىمنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. سىزگە كۆپ رەھمەت.
      2009-05-18 13:15:28
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.