-
بلوگ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر ھۈنەر - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...بۇ تېما 2008-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنى قايتا تەھرىرلەندى.
ھازىر blogbus تىن بلوگ ئىلتىماس قىلىپ، بلوگ يېزىۋاتقانلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئارامگاھ ئەپەندى ئۆز بلوگىدا «يىغىنچاقلانغان ۋە مۇكەممەللەشكەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ بلوگگىرلارنىڭ بلوگ ھەققىدىكى سەۋىيىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرچە بلوگلاردا يەنىلا ئازدۇر-كۆپتۇر تولۇق ئۇيغۇرچە بولۇپ بولالمىغان يەرلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. مەن مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆۋەندىكى كودنى ئاشكارە ئېلان قىلدىم. بۇ كودنى Head ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە چاپلىسىڭىزلا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىلگىرىكى بارلىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىسىز. بۇ كود ئارقىلىق ئارامگاھ ئەپەندى يۇقۇرقى تېمىدا كۆرسەتكەندەك، بلوگگىر جاۋاب يازغاندىكى 回复 ۋە 说 دىگەن ئىككى خەتتىن باشقا بارلىق خەتلەر تولۇق ئۇيغۇرچە بولىدۇ.
ئىزاھات: بۇ كود ئارقىلىق Blogbus تەمىنلىگەن 120 خىلدىن ئارتۇق ئۇسلۇپلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولىدۇ (يۇقۇرقى ئىككى خەتتىن باشقا). سىز پەقەت CSS نىڭ ئىچىگە كىرىپ، يېزىقنى ۋە ئىنكاس رامكىسىنى ئوڭ تەرەپكە توغرىلىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى ئارامگاھ بلوگ، بىزنىڭ بلوگ، ئۆگىنىش بلوگ، ..... قاتارلىقلاردىن ئىزدەپ تاپالايسىز.
سىز تەشنا بولغان كود مانا:
http://public.blogbus.com/blogbus/skin/common/resize.js">>
收藏到:Del.icio.us
ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى بىر ياشقا تولدى!
Blog:abral ilkitap bilogi2009-06-15 01:22:58تارىم بلوگىنىڭ بىر يىللىق تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قىسقىچە دوكلات
Blog:تارىم بلوگى2009-04-15 01:54:33تارىم بلوگىنىڭ بىر يىللىق تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قىسقىچە دوكلات
Blog:تارىم بلوگى2009-04-15 01:54:21
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
引用
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
كودنى بىلوگىڭىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەتلىرىدىن تاپتىم.
(ئۈستىدىكى باشقۇرۇش سۇپىسى ۋە ھەركەتلىك خەتلەر ئۆزگەرمىگەن بولسا،ئۇنى بەكلا تەستە ئۆزگەرتتىم)
ئەسلى مۇھاپىق بىر بىلوگ ئىشلەپ شېئىرلىرىمنى ھىكايلىرىمنى شۇيەرگە يىغاي دېگەن ئىدىم،ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
ئەگەر قۇشۇۋېلىشنى خالىسڭىز بۇ مېنىڭ چ چ نۇمۇرۇم:452169205
سىز دىگەن ئۇ رەسىمنىڭ ئۆزى ئەسلىدىلا كىچىك تۇرسا ئۇنى قانداق چوڭ قىلغىلى بولىدۇ؟ ئەسلىدىكى رەسىم قانچىلىك چوڭلۇقتا بولسا، بلوگدىمۇ شۇنچىلىك چوڭلۇقتا كۆرۈنىدۇ.
بۇ رەسىمنىhttp://public.blogbus.com/blogbus/skin_css/10/17/361710_200.jpgھەركەتلىك خەتنىڭ ئاستىغا،باشقۇرۇش سۇپىسى دېگەن باشقۇرۇش رايۇننىڭ ئۈستىگە قىستۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز،يەنە eotنى قۇشۇپ خەتلەرنى باشقلارنىڭ كومپىيوتىرىدىمۇ نورمال چىقىدىغان قىلىپ بەرگەن بولىسڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى...سىزنى بەك ئاۋارە قىلۋەتتىم.
بىلوگىمنىڭ ئىنكاس رايۇنىغا زىيارەتچىلەر ئىنكاس يازسا ئۇيغۇرچە چىقمايۋىتىپتۇ(مەن يازسام نورمال)،يەنە ئاۋۇ ئىسمى ئېلىخەت ئادىرىسى دېگەن جايلارغا مەن خەت يازساممۇ خەتلەر نورمال ئەمەس،مۇشۇنى ئوڭشاشنىڭ چارىسىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
يەنە بىر مەسىلە ئەسەرنى تۇلۇق ئۇقۇش دېگەن يەرگە كىرگەندە تۆۋەندىكىدەك خەنزۇچە خەت بار.
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://umermehmut.blogbus.com/logs/34273804.html
بۇنى يوقىتىشنىڭ ئامالى بارمىدۇ؟
سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم .
مەن سىز تەمىنلىگەن بۇ كودنى ئىشلەتكەن بولساممۇ يەنىلا تۇلۇق ئۇيغۇرچە بولمىدىغۇ .
دەسلەپتە بولغان ئىدى ، كىيىن يەنە خەنزۇچە خەت چىقىۋاپتۇ .
ياردەم قىلغان بولسىڭىز .