-
تارىم بلوگىنىڭ بىر يىللىق تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قىسقىچە دوكلات - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...تارىم بلوگى 2008-يىل 4-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە توپ توغرا بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىل جەريانىدا بلوگ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ تورداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئۇيغۇرچە بلوگلار ئىچىدىكى نوپۇزلۇق بلوگلاردىن بىرى بولۇپ قالدى. تارىم بلوگىنىڭ قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە بۇنچىلىك زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشى پۈتۈنلەي تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇ ماناسىۋەت بىلەن تورداشلارغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
بلوگ قۇرۇلغان بۇ بىر يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى. ئەسلىدە بۇ بىر يىلدىكى بلوگنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تورداشلارغا تەپسىلىي دوكلات بەرسەم بولاتتى، بىراق دۇنيادا ئەڭ خوشۇم يوق ئىش مۇشۇ پىلان، خۇلاسە، دوكلات دىگەندەك نەرسىلەرنى يېزىشكەن. شۇڭا ئارتۇق گەپنى قويۇپ تورداشلارغا پايدىسى تەككۈدەك نەق گەپنى قلاي.
بۇ بىر يىلدىن بۇيان جەمئىي 175 پارچە تېما يوللاندى. ئەھمىيەتسىز، ۋاقتى ئۆتكەن، تەكرار يوللانغان، ئىملا خاتالىقى ئېغىر بولغان بىر قىسىم ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ھازىر بار بولغان ئىنكاس سانى جەمئىي 417 پارچە.
ئەڭ بۇرۇن يوللانغان تېما
ئەڭ بۇرۇن ئىنكاس يازغان 10 نەپەر تورداش
يۈكسەل، ئارامگاھ، بوغلان، دۇنياقارا، دەۋر، بۇلاق، 时代博客 ، ئىدىقۇت، ئەنقا، بىلىملىك بلوگ (ئىنكاس يازغان ۋاقىت تەرتىۋى بويىچە تىزىلدى).
ئەڭ كۆپ ئىنكاس يازغان 10 نەپەر تورداش:
ئىنكاس يازغان قېتىم سانىنىڭ ئاز كۆپلىكى بويىچە تىزىلدى:
1.ئىلىم-پەن 38 قېتىم
2. دۇنياقارا 31 قېتىم
3. چەكمەن 17 قېتىم
4. ئۇيغۇرتېكىن
5. دەۋر
6. بايلىق
7. ئۆتمۈش
8. math-man
9. ئاناتىلىم
10. يۈكسەل
ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن 10 تېما
1. بلوگ ھەققىدە
2. بلوگ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر ھۈنەر
3. يەنە بىر ئۇيغۇرچە يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىلدى
4. بىلىك، ئىنتىل،شەبنەم، دىيارىم ۋە ئىزدىنىشتىكى يېڭى تېمىلارنى بلوگدا كۆرسىتىش
5. ئىنكاس رامكىسىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى
6. بلوگدا ھازىرقى زىيارەت سانىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى
7. بلوگ باشقۇرۇش تىزىملىكىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى
8. بلوگدا تېما ماۋزۇسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
9. تۆۋەندىكى تور بەتلەردىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق دەرسلىكلەرنى چۈشۈرۈۋېلىڭ
10. ھەركەتچان خەت ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش كودى-1
ئەڭ كۆپ ئىنكاس چۈشكەن تېمىلار
1. بلوگ ھەققىدە (32 ئىنكاس)
2. يەنە بىر ئۇيغۇرچە يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىلدى (15 ئىنكاس)
3. بلوگبۇس تەرجىمە ھۆججىتىنى يېڭىلىۋېلىڭ (13 ئىنكاس)
4. ئىنكاس رامكىسىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى (13 ئىنكاس)
5. بلوگ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر ھۈنەر (11 ئىنكاس)
6. «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ (2008)» نى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى (10 ئىنكاس)
7. Blogbus 六周年庆典 ناملىق ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلىندى (10 ئىنكاس)
8. ئۈچبۇلۇڭنىڭ بەش مەركىزى (9 ئىنكاس)
9. ھەركەتچان خەت ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش كودى-2 (9 ئىنكاس)
10. كۆچۈرۈشنى چەكلەش كودى (9 ئىنكاس)
تەۋسىيەلىك تېمىلار
1. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماقالىلارنى ئوخشىمىغان كومپيۇتېرلاردا بىر خىل خەت نۇسقىسىدا بېسىش
2. QQ ئۇچۇرلىرىنى چەكلەش ئۇسۇلى
4. PPt غا Flash قىستۇرۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى
5. بلوگقا رەسىم يوللاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى
6. SWF نى FLA غا ئايلاندۇرۇش دېتالى
7. تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتىكا يېڭى دەرسلىكىنىڭ كونسىپىكى
9. بلوگدا ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىكى يېڭى تېمىلارنى كۆرسىتىش
10. QQ خاتىرە دەپتىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى
تارىم بلوگى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپلار
1. «گۈزەل كېچە» ئۇسلۇبى تارقىتىلدى
2. يەنە بىر يېڭى بلوگ ئۇسلۇبى «ئالتۇن كۈز» تارقىتىلدى
3. «1982» ناملىق ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلدى
4. بۈگۈن يەنە Higt! Green City دىگەن ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلدىم
5. بلوگىمنىڭ ئالدىنقى كۈنلەردە ئىشلىتىپ يۈرگەن ئۇسلۇبىنى تارقاتتىم
6. Blogbus六周年庆典 ناملىق ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلىندى
7. 暗色节奏 ئۇسلۇبى تەرجىمە قىلىندى
8. يەنە بىر ئۇيغۇرچە يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىلدى
ئەمدى بلوگنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلىرى ھەققىدە تورداشلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقاي. قىزغىن تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
قوشۇمچە: يېڭى قۇرۇلغان بلوگلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇلىۋاتقان بلوگلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. نەتىجىدە بلوگىمنىڭ ئوڭ يان بۆلىكى ھەددىدىن زىيادە ئۇزىراپ كېتىپ، بلوگنىڭ كۆرگەملىكىگە تەسىر يېتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يان تەرەپكە يەنە تەۋسىيىلىك تېما، كۆپ كۆرۈلگەن تېما دىگەندەك تۈرلەرنى قوشماقچى. مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ دوستانە ئۇلىنىشقا پەقەت بلوگزار، كۆزنەك، يۈكسەل ئۇلىنىشلىرى، ئۇلىنىش سىن ، جەمگاھ قاتارلىق ئۇلىنىش توربەتلىرىنىلا قويماقچى. بۇنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ جەھەتتىمۇ تەكلىپ پىكىرلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
نەچچە كۈندىن بۇيان سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ تۇغۇلغان كۈن باغىقىڭىزنى كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن . ئەپۇ قىلغايسىز .
تارىم بلوگىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ، ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . ھاھا ھا ...
مەنمۇ بىلوگىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەرسەم بولغۇدەك جۇمۇ! ھەممىڭلارنى تەكلىپ قىلىمەن جۇمۇ، خۇدايىم بۇيرۇسا جۇمۇ يەنە، بۇيرۇماي قالسا ئامال يوق.
بلوگىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولمىسىمۇ بېرىپ يوقلاپ تۇرىۋاتىمىز، تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا تەكلىپ قىلمىسىڭىزمۇ بېرىۋالىمىز.
كامالىي ئىھتىرام بىلەن : ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندى