-
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماقالىلارنى ئوخشىمىغان كومپيۇتېرلاردا بىر خىل خەت نۇسقىسىدا بېسىش - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماقالىلارنى ئوخشىمىغان
كومپيۇتېرلاردا بىر خىل خەت نۇسقىسىدا بېسىش
ئادەتتە Word ئارقىلىق يازغان ماقالىلىرىمىزنى باشقا كومپيۇتېرلاردا بېسىشقا توغرا كەلگەندە، ماقالىمىزدا ئىشلىتىلگەن بەزىبىر خەت نۇسقىلىرى باشقا كومپيۇتېردا بولماسلىقى مۇمكىن. بولۇپمۇ بۇ خىل ئەھۋال Word دا ئۇيغۇرچە خەت باسقان چاغدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسقىسىدا يېزىلغان ھۆججەتنى باشقا شىركەتنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى قاچىلانغان كومپيۇتېرغا سېلىپ ھۆججەتنى ئاچساق خەت توغرا كۆرۈنمەيدۇ.
بۇ مەسىلىنى Word نىڭ خەت نۇسقىسىنى ھۆججەتكە سىڭدۈرۈش (嵌入) ئىقتىدارى ئارقىلىق ھەل قىلالايمىز. بۇنداق بولغاندا كومپيۇتېرىمىزدىكى خالىغان خەت نۇسقىسى ئارقىلىق يېزىلغان ھۆججەتنى قايسى كومپيۇتېرغا ئاپىرىپ ئاچساق ياكى پرىنتېردا باسساق توغرا كۆرۈنىۋېرىدۇ.
خەت نۇسقىسىنى سىڭدۈرۈش ئۇسۇلى:
خەت نۇسقىسىنى سىڭدۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنى Word دا ئېچىپ قورال (工具) دىن تاللاش تۈرى (选项) نى باسقاندىن كېيىن كۆرۈنگەن كۆزنەك ئىچىدىن ساقلاش (保存) نى بېسىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى خەت نۇسقىسىنى سىڭدۈرۈش (嵌入 True Type) نى تاللاپ جەزىملەشتۈرىمىز.
بۇ خىل ئۇسۇلدا خەت نۇسقىسىنىڭ ھەممىسىنى سىڭدۈرىدىغان بولۇپ، ھۆججەتنىڭ سىغىمى نىسبەتەن چوڭراق بولىدۇ. ئەگەر يۇقۇرىدىكى تاللاش تۈرى ئاستىدىكى پەقەت ئىشلىتىلگەن ھەرپلەرنىلا سىڭدۈرۈش (只嵌入所用字体) نى تاللاپ قويساق، پەقەت ھۆججەت ئىچىدە ئىشلىتىلگەن ھەرپلەرنىلا سىڭدۈرگەچكە، ھۆججەتنىڭ سىغىمى كىچىكرەك بولىدۇ.
مەنبە: «جەنۇبىي شىنجاڭ نېفىتچىلىكى» گېزىتىنىڭ 2006-يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى سانى.
收藏到:Del.icio.us
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماقالىلارنى ئوخشىمىغان كومپيۇتېرلاردا بىر خىل خەت نۇسقىسىدا بېسىش
Blog:قەدىردان2009-04-03 11:29:44
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
引用
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
262384052@qq.com
رەھمەت سىزگە!