ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان، ماتېماتىكا، كومپيۇتېر ۋە تارىخ ھەققىدىكى ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • بلوگدا ھازىرقى زىيارەت سانىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

     

     

    بلوگدا ھازىرقى زىيارەت سانىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى

    ئاۋال http://www.whoisonline.net  دىگەن تور بەتنى ئاچىمىز. بەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا قارىساق، تور بەت ئادرىسى يازىدىغان بىر رامكا بار. ئۇنىڭغا بلوگىمىزنىڭ ئادرىسىنى يازىمىز. ئاندىن كېيىن رامكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى Get The Code! دىگەن خەت بار كۇنۇپكىنى باسساق، بىزگە بلوگىمىزنىڭ ھازىرقى زىيارەت ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كودنى چىقىرىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ بلوگىمغا چىقىرىپ بەرگەن كود مۇنداق:

    Users Online [ Stats ]

    ئاندىن كېيىن بۇ كودنى Index ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئاستىغا چاپلىساق باش بەتنىڭ ئەڭ ئاستىدا ھازىرقى زىيارەت ستاتىستىكىسى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر «زىيارەت سانى: xxx » دىگەن خەتنىڭ ئاستىدا كۆرۈنىدىغان قىلماقچى بولساق، يەنە شۇ Index  ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى

    زىيارەت سانى{#counter}

    دىگەن كودنىڭ ئاستىغا چاپلىساق بولىدۇ. بۇ كودنى چاپلىغاندا تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈڭ:

    كۆرىۋاتقانلار:

    نەپەر

    ئەسكەرتىش: كودقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندە قىزىل ۋە كۆك رەڭلىك خەتلەرنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىڭ. يۇقۇرقى كودنى بلوگقا چاپلاش جەريانىدا بەزى خەتلەرنىڭ ئورنى ئوزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۆزگەرتىشتىن ئاۋالقى ۋە كېيىنكى كودنى Word قا ياكى خاتىرە دەپتەرگە چاپلاپ، تەپسىلىي كۈزىتىڭ.

    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:

    • 评论

    • سىناپ باققان ، رەھمەت سىزگە، لېكىن ئاساسەن 1~4 ئادەمگىچە كۆرگەنننى كۆرۈپ باقتىم ئاساسەن 1 دەپلا تۇرىدۇ، ،يا ئادەم كۆپ كىرمەيدىكەن، شۇڭا ئېلىۋەتتىم
      رەھمەت سىزگە ھى ھى ھى
      تارىم回复بىلىملىك بلوگ说:
      بلوگلىرىمىز يېڭى قۇرۇلدى، كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ھازىرچە بىرلا ۋاقىتتا بلوگىمىزنى زىيارەت قىلغۇچىلار ئاشۇنداق ئاز بولىدۇ. ئۈمىد ئۈزمەي داۋاملىق تىرىشساق، زىيارەتچىلىرىمىزمۇ كۆپىيىپ قالار. يەنىلا ئەڭ مۇھىمى بلوگىمىزدىكى يازمىلارنىڭ باشقىلارغا نەپ بېرىش بېرەلمەسلىكى. بۈگۈن چۈش سائەت 2 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە بلوگىمنى بىرلا ۋاقىتتا زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى 6 نەپەر بولغانلىقىنى كۆردۈم.
      2008-09-19 15:51:56
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.