-
بلوگبۇس تەرجىمە ھۆججىتىنى يېڭىلىۋېلىڭ - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...2009-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى قايتا تەھرىرلەندى.
يېقىندا بلوگبۇسنىڭ ئىنكاس يېزىش رايۇنىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى. نەتىجىدە ئاساسەن ئۇيغۇرچىلىشىپ بولغان بلوگبۇستا يېڭىدىن
يەنە
用户名, 密码, 匿名评论, 登陆后评论, 登陆为, 退出
قاتارلىق 6 دانە خەنزۇچە سۆز پەيدا بولدى. بۇلاردىن
用户名, 密码, 匿名评论, 登陆后评论
قاتارلىق 4 سۆزنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بولساممۇ، بىراق قالغان 2 سۆزگە ھازىرچە ئامال تاپالمىدىم. باشقا بلوگگىر دوستلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر تەرجىمە قىلىنغان 4 سۆزنى قوشۇپ، تەرجىمە ھۆججىتىنى قايتا ئېلان قىلدىم.
http://public.blogbus.com/blogbus/skin/common/resize.js">>
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
سىزدىن بىر ئىشنى سوراي دېگەنتىم.
مەن بلوگىمنىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرىپ، شەخسىي ماتىرىيالىمنى ئۆزگەرتكەن ئىدىم. بىراق شۇنىڭدىن كېيىن، بلوگدىكى ئىلگىرى يازغان يازمىلىرىمدىكى يازغۇچى پالانى دېگەن ئورۇن قۇرۇق بولۇپ قالدى. ھازىر يازما يازساممۇ ، يازغۇچى دېگەن ئورۇن يەنىلا قۇرۇق چىقىۋاتىدۇ. (بلوگىم Blogbus سۇپىسىدا) قانداق قىلسام بۇ مەسلىنى ھەل قىلالايمەن! ياردەم بەرگەن بولسىڭىز.
رەھمەت!
ئۆتكەندە بىر قىسىم بلوگلاردا تېما ماۋزۇسىنىڭ خېتى ئۈزۈك ھالەتتە كۆرۈنۈۋېلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن چاغدا بەزىلەر بۇنى كود ئارقىلىق ئوڭشىغان بولسا، يەنە بەزىلەرنىڭ ئارىدىن ئىككى، ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندە ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلىپ قالغان ئىدى. شۇڭا سىزمۇ بىر مەزگىل ساقلاپ باقسىڭىز ئوڭشىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بلوگ ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بلوگقا كىرگەن ھەممە ئادەم بىلىدىغان بولغاچقا، ھەر بىر تېمىنىڭ ئاستىدا بلوگ ئىگىسىنىڭ ئىسمىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرۇشىنىڭمۇ ئانچە زۆرۈرىيىتى يوق.
http://bagwan.blogbus.com/
ماڭا ياردەم بېرڭە ؟
謝謝解答:)
ئاددىرىسىم : http://tiznap.blogbus.com
بۇنۇڭدىن كىيىن مۇشۇنداق كاتەكچە خەتلەرگە توختىماي قوغلاپ يۇرۇپ زەربە بىرىشىڭىزنى ئۈمۇت قىلىمەن .
<< ئەركىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى ،رامبو ھەركىتىڭنى داۋاملاشتۇر >>