-
Eot ئايلاندۇرۇش قورالىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ - [ماتېرىيال چۈشۈرۈش]
بۇ قورال ئارقىلىق باشقا تور بەت ياكى بلوگلارنىڭ eot ھۆججىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ تور بېتى ياكى بلوگىنىڭ eot ھۆججىتىگە ئايلاندۇرالايسىز. بۇ قورالنى پروگرامما ھەۋەسكارلېرى كۇلۇبىدىكى مايور ئەپەندىم ياسىغان. بۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى:
پروگىرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىن چۈشۈرۈڭ (CreateMyEot2)
پروگرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىن چۈشۈرۈڭ (CreateMyEOT3[1].0)
تارىم بلوگىدىن چۈشۈرۈڭ (CreateMyEot2)
تارىم بلوگىدىن چۈشۈرۈڭ (CreateMyEOT3[1].0)
بۇ دېتالنى ئىشلىتىشتە تۆۋەندىكى رەسىملەردىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ:
بۇ دېتال قوزغالغاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈشى:
浏览 دىگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز:
كومپيۇتېرغا ساقلىۋالغان باشقا تور بەت ياكى بلوگلارنىڭ eot ھۆججىتىنى تاللاپ، ئاندىن 打开 كۇنۇپكىسىنى باسىمىز:
添加 دىگەن كۇنۇپكىنىڭ سول تەرىپىدىكى رامكىغا تور بەت ياكى بلوگىمىزنىڭ ئادرىسىنى يازىمىز:
ئاندىن 添加 دىگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز:
ئەمدى ھۆججەتنى ساقلايمىز. 保存 دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ ساقلىساق، يېڭى ياسىغان eot ھۆججىتى ئەسلىدىكى eot ھۆججىتىنى قاپلىۋېتىدۇ. مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم 另存为 نى بېسىپ ساقلاش. 另存为 كۇنۇپكىسىنى باسساق تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك چىقىپ يېڭى ياسىغان eot ھۆججىتىنى ساقلايدىغان ئورۇننى سورايدۇ:
بىز ياسىغان eot ھۆججىتىگە ئىسىم قويۇپ، ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن 保存 كۇنۇپكىسىنى باسساقلا ئىش پۈتىدۇ.
تۆۋەندىكى ئادرىستا 57 خىل ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى ئۈچۈن ياسالغان eot ھۆججىتى باركەن. ئۆزىڭىز كۆپ ئىشلىتىدىغان خەت نۇسقىسىنىڭ eot ھۆججىتنى چۈشۈرۈۋېلىپ، يۇقۇرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئۇسۇل بويىچە بلوگىڭىز ياكى تور بېتىڭىزگە eot ياسىۋېلىڭ.
收藏到:Del.icio.us
评论
بولسا كەشلىگى بولسا بۇلاتتى ...............
ئاللاھغا ئامانەت ..........
مەن سىزدىن بىر ئىشنى سوراي دېگەن تارىم ئەپەندى، مەن بىلوگىمغا گوگۇل ئېلانىمنى ئىككى جايغا قويساملا بىرسى كۆرۈنمەيۋاتىدۇ ، سىزنىڭكىدە باش بەت ھەم ئارقا بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىدە بىر ، ۋاقىتنىڭ ئاستىدا بولۇپ ئىككىلىسى نورمالكەن ، مېنىڭمۇ قانداق قىلسام ئىككىلىسى نورمال كۆرۈنىدۇ ، بولسا ئامالىنى دەپ بەرسىڭىز .
ئېلانلارنى دەسسىۋەتتىم ئەمىسە،،
ۋاقىتنىڭ ئاستىدىكى ئېلاننىڭ كودىنى index بىلەن detail نىڭ ئىچىدىكى c:0 دىگەن كودنىڭ ئۈستىگىلا قويدۇم.
سىزمۇ ئاشۇنداق قىلىپ باقامسىزكىن.