ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان، ماتېماتىكا، كومپيۇتېر ۋە تارىخ ھەققىدىكى ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكا تەكرارى ئۈچۈن مەسلىھەت - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]

    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكا تەكرارى ئۈچۈن مەسلىھەت

     

    كېلىش مەنبەسى: 北京娱乐信报

     

    1. ئىمتىھان پروگراممىسىنى قايتىدىن بىر قۇر كۆرۈپ چىقىپ، ئىگەللەشكە تېگىشلىك بىلىم نۇقتىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.

     2. ئاساسى بىلىملەرنى قايتىدىن پۇختىلاپ چىقىش، بولۇپمۇ تولۇق ئىگەللەمىگەن نۇقتىلارنى.

     3. يېڭى پروگراممىدىكى تەڭشەلگەن نۇقتىلارنى مەخسۇس تەكرارلاپ چىقىش.

     4. بۇرۇن ئاسان خاتالىشىدىغان نۇقتىلارنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىش.

     5. ئىلگىرى ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش.

     6. ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش. ئۆزىنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7 ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەردە روھلىنىپ تۇرىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش.

     7. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، ئۆز ئەھۋالىنى توغرا مۆلچەرلەش.

     

     

     ئىمتىھان ماھارەتلىرى

     

    1. ئىمتىھان سۇئالىدىكى ئاۋال ئۆزىگە ئېنىق بولغان سوئاللار (مەيلى ئۇ چوڭ سوئال بولسۇن ياكى كىچىك تارماق سوئال بولسۇن) نى ئىشلەپ بولۇپ، ئاندىن باشقا سوئاللارنى ئىشلەشكە ئادەتلىنىش.

     2. ئىمتىھان سوئالىنى تارقاتقاندا ئاۋال باشتىن ئاخىرى بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئىشلەش لاھىيەسىنى بېكىتىش.

     3. كىچىك تارماق سوئاللاردا بەك توختىلىپ كەتمەسلىك، بۇنداق سوئاللارغا ئىككى ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت ئاجرىتىش.

     4. سوئال خاتا بولۇپ قالدىمىكىن دەپ گۇمانلىنىپ ئولتۇرماسلىق، گۇمانلىنىشقا توغرا كەلسە ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىغا گۇمانلىنىش. مۇھىم نۇقتىنى تاللاش سوئاللىنىڭ ئالدىنقى بەش تارمىقىغا، بوش ئورۇن تولدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى ئىككى، ئۈچ تارمىقىغا، چوڭ سوئالنىڭ ئالدىنقى ئىككى تارمىقىغا مەركەزلەشتۇرۇش. بۇلار ئادەتتە ئانچە قېيىن بولمايدۇ، نومۇر ئالىدىغان سوئاللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     5. تەكشۈرۈشكە مەلۇم ۋاقىت قالدۇرۇش.

     6. كۆڭۈلدە توغرا ھېسابلاشقا ماھىر بولۇش.

     

    ئىزاھات: بۇ ماقالە ئەسلى 2006-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن بىر قانچە ئۇيغۇرچە تور بېكەت مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ماقالىنى كومپيۇتېرىمدا ساقلىۋالغان چېغىمدا ئەسلىدىكى ئېلان قىلىنغان تور بەت ئادرىسىنى ساقلىۋالماپتىكەنمەن، پەقەت ئەسلىدىكى خەنزۇچە ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسىنىڭ 北京娱乐信报 ئىكەنلىكىلا ساقلىنىپ قاپتىكەن. شۇڭا بۇ ماقالىنىڭ تەرجىمانىدىن كەچۈرۈم سورايمەن.


    收藏到:Del.icio.us





    评论

  • ھى ھى ....
    شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماتىماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان...
    ئەمما، ئەدەبىياتقا ئوتتەك قىزغىنلىقىم بار،،
  • ئالىي مەكتەپتە مەنمۇ ماتىماتىكا ئوقۇغان
    تارىم回复يۇسران说:
    كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا. ئەسلى كەسىپداشكەنمىز-دە. مەن تېخى سىزنىڭ كەسپىڭىزنى ئەدەبىيات بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن.
    2009-04-30 22:09:38
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.