ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • كەسىر چېكىتىنىڭ پۈتۈن سان ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى (3) - [ھېكايە-شېئىرلار]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    كەسىر چېكىتىنىڭ پۈتۈن سان ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى (3)

    ئاپتورى: لى يۈپېي

    تەرجىمان: رىشات ھەسەن

     

    بۇ ھىكايىنىڭ باش قىسمىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كىرىپ ئوقۇڭ:

    logs/24992628.html

     

    2. ئاجايىپ ھەربى ئويۇن

     

    نۆل پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە 1 قومانداننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەربى ئويۇن كۆرسىتىش نومۇرى بار ئىدى.

    نۆل پادىشاھ، 1- باش مىنىستىر ۋە بارلىق مەمۇرى ئەمەلدارلار مۇنبەرگە چىقىشتى، ھەربى ئەمەلدارلارمۇ مۇنبەر ئالدىدا قاتار تىزىلىشىپ تەييار تۇرۇشتى. قوماندان 1 قولىدا قىزىل بايراقچە تۇتقان ھالدا ئىگىز قوماندانلىق مۇنارىسىگە چىقىپ تۇراتتى. مۇنارنىڭ ئالدىدا كەڭ ۋە تۈپ-تۈز مەشق مەيدانى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كۆرەك سەھنىلىرىگە پۈتۈن سان پادىشاھلىقىنىڭ پۇقرالىرى لىققىدە تولغان ئىدى.

    زەمبىرەك ئېتىلىشى بىلەن ئويۇن باشلاندى. ئالدى بىلەن ئويۇن كۆرسەتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى قاتار تىزىلغان رەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، 1 قوماندان قولىدىكى قىزىل بايراقنى يۇقۇرىغا كۆتىرىشى بىلەن مۇسبەت پۈتۈن سانلار ھەيۋەتلىك ھەربى ئوركىستىر ساداسى ئىچىدە 2 نىڭ باشچىلىقىدا ئۇزۇنىسىغا قاتار تىزىلغان ھالدا رەتلىك مەيدانغا كىردى. 1 قوماندان بايراقچىنى بوشلۇقتا بىر سىلكىۋىدى، بۇ قوشۇن دەرھال ئىككىدىن قاتار بولۇپ تىزىلدى. بۇ قاتارلارنىڭ بىرسى 2، 4، 6، 8، ...... قاتارلىق جۈپ سانلاردىن تەشكىل تاپقان جۈپ سانلار قوشۇنى، يەنە بىرسى 3، 5، 7، 9، ....... قاتارلىق تاق سانلاردىن تەركىپ تاپقان تاق سانلار قوشۇنى ئىدى.

    ــــــ بۇ «تاق-جۈپ قوشۇن» دەپ ئاتىلىدۇ ـــــ دەپ باش مىنىستىر 1- نۆل پادىشاھقا تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى ــــــ جۈپ سانلار قوشۇنىدىكى ھەر بىر سان 2 گە پۈتۈندىن بۆلۈنىدۇ، تاق سانلار قوشۇنىدىكى ھەر بىر سان بولسا 2 گە پۈتۈندىن بۆلۈنمەيدۇ ــــــ دىدى.

    بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ نۆل پادىشاھ «ئوبدان» دىگەندەك قىلىپ كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.

    1 قومانداننىڭ قولىدىكى قىزىل بايراق يەنە بىر سىلكىنىۋىدى، قوشۇن بىردەملىككە قالايمىقانلىشىپ، ھەر بىر ئەزا بەلگىلەنگەن يوللار بويىچە يۈگۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي يېڭىباشتىن ئىككى رەت بولۇپ تىزىلدى، بۇ چاغدا تۈپ سانلار بىر رەتكە، مۇرەككەپ سانلار بىر رەتكە تىزىلغان ئىدى.

    ـــــ بۇ «تۈپ ۋە مۇرەككەپ قوشۇن» دەپ ئاتىلىدۇ ــــــ دەپ چۈشەندۈردى باش مىنىستىر 1- .

    ــــــ «تۈپ ۋە مۇرەككەپ قوشۇن» دىگەن نىمە ئۇ؟ ــــــ دەپ سورىدى نۆل پادىشاھ.

    ــــــ «تۈپ ۋە مۇرەككەپ قوشۇن» ــــــ دەپ باش مىنىستىر 1- تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ـــــــ بىر رېتى بارلىق تۈپ سانلاردىن تەشكىل تاپىدۇ، تۈپ سان دىگىنىمىز 1 گە ۋە شۇ ساننىڭ ئۆزىگىلا پۈتۈندىن بۆلۈنىدىغان سانلاردىن ئىبارەت. ئالىيلىرى سەپ سالسىلا ــــ دەپ باش مىنىستىر 1- تۈپ سانلار قوشۇنىنى كۆرسەتتى ــــــ تۈپ سانلار رېتىدە ئەڭ باشتا 2، ئۇنىڭ كەينىدە 3، 5، 7، 11، .......... لار تىزىلغان.

    ـــــ تۈپ سان دىگەن تاق سان دىگەنلىك ئەمەسما؟ ــــــ دەپ سورىدى نۆل پادىشاھ.

    ـــــ يوقسۇ ـــــ دەپ جاۋاب بەردى باش مىنىستىر 1- ـــــ تۈپ سانلارنىڭ ئىچىدە 2 لا جۈپ سان بولغاندىن تاشقىرى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى تاق سان، لېكىن بارلىق تاق سانلارنى تۈپ سان دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، 9، 15، 21 لەر تاق سان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تۈپ سان ئەمەس. چۈنكى ئۇلار 1 گە ۋە ئۆزىگە پۈتۈندىن بۆلۈنگەندىن تاشقىرى 3 كىمۇ پۈتۈندىن بۆلۈنىدۇ.

    ـــــ يەنە بىر قوشۇن قايسى سانلار؟ ـــــ دەپ سورىدى نۆل پادىشاھ.

    ـــــ يەنە بىر قوشۇن بارلىق مۇرەككەپ سانلاردىن تۈزۈلگەن. مۇسبەت پۈتۈن سانلارنىڭ ئىچىدە 1 ۋە تۈپ سانلاردىن باشقىلىرى مۇرەككەپ سان بولىدۇ. ئالىيلىرى قارىسىلا، مۇرەككەپ سانلار قوشۇنىدىكى بىرىنچى سان 4، ئۇنىڭ كەينىدىكىلىرى 6، 8، 9، 10، ....... لاردىن ئىبارەت ـــــ دەپ چۈشەندۈردى باش مىنىستىر 1- .

    ـــــ ئۇنداق بولسا باش قوماندانىم 1 نى تۈپ سان دەپ ھىسابلامدۇق ياكى مۇرەككەپ سانمۇ؟ ـــــ دەپ توساتتىن سۇئال قويدى نۆل پادىشاھ.

    ــــــ باش قوماندان 1 بەكمۇ ئالاھىدە، ئۇ تۈپ سانمۇ ئەمەس، مۇرەككەپ سانمۇ ئەمەس ـــــ دەپ جاۋاب بەردى باش مىنىستىر 1- .

    ــــ ھە، باش قوماندان-دە، ئۇ باشقىلارغا ئوخشىماسلىقى كېرەك-تە ــــ دەپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى نۆل پادىشاھ.

    باش قوماندان 1 بايراقنى بوشلۇقتا بىر ئايلاندۇرۇۋىدى مەيداندىكى بارلىق مۇسبەت پۈتۈن سانلار يۈگرۈپ مەيداندىن چىقىپ كەتتى، قوشۇنلار بويىچە ئويۇن كۆرسىتىش ئاخىرلاشتى.

    ئالاھىدە ئويۇنلار باشلاندى.

    بۇ ھىكايىنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز داۋاملىق بلوگىمىزدا بولسۇن.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تارىم ئەپەندى... بۇ تېمىڭىز بەك قىزىقارلىق ھەم جەلىپ قىلارلىق ئىكەن. خاپا بولماي مىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالغان بولسىڭىز... بىلوگ ئسمى ئۇچقۇن بىلوگى.... رەھمەت سىزگە...
      تارىم回复uqkun说:
      ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم.
      2009-05-16 15:16:53
    • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، تارىم ئەپەندىم ؟ قانداق ئەھۋاللىرى ؟ تېخى تۈنۈگۈن << ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى >> نامىدا بىر بلوگلار ئۇلىنىشىنى ياساپ ئىلان قىلغاندىم . مەيلى ئۇسلۇپ جەھەتتىن بولمىسۇن ياكى باشقا جەھەتتىن بولمىسۇن بىر ئاز ياخشى بولغان بلوگ ئۇلىنىشى دەپ قارايمەن . شۇنداقتىمۇ يەنە تېخنىكا ۋە ئالاقىدار بىلىشىمنىڭ يېتەرسىلىكى سەۋەبىدىن بەزىبىر نۇقساق - خاتالىقلار ساقلان بولشى مۇمكىن . شۇڭا سىلىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ باقسام دەپ ئويلايمەن . ھەم بۇ << ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى >> نى تارىم بلوگىغا ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئامان بولغايلا !
      تارىم回复ئۇيغۇرتېكىن说:
      بۇ ئۇلىنىش ئائىلىسىنى تېخى تۈنۈگۈن كۆرگەن ئىدىم. بەك ياخشى چىقىپتۇ. بلوگ ئۇسلۇبىمۇ بەك چىرايلىقكەن ھەم بلوگلارنىڭ تۈرگە ئايرىلىشىمۇ بەك ئەتراپلىق بوپتۇ. دەرھال ئۇلىنىش قىلىپ قوياي.
      2009-05-02 16:45:56
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.