ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • كەسىر چېكىتىنىڭ پۈتۈن سان ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى (2) - [ھېكايە-شېئىرلار]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    1. كەسىر چېكىتىنىڭ پۈتۈن سان ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى (2)

     

    ئاپتورى: لى يۈپېي

    تەرجىمان: رىشات ھەسەن

    بۇ ھېكايىنىڭ باش قىسمىنى تۆۋەندىكى ئەدرىستىن ئۇقۇڭ:

    logs/24989535.html

    بۇ ئاۋاز چىقىشى بىلەن 39- سەكرەپ كىرىپ كەلدى. كەسىر چېكىتى «ۋىژ.....» ژىدە قىلىپ 3 بىلەن 9 نىڭ ئارىلىقىغا كىرىۋېلىۋىدى، 39- نىڭ گەۋدىسى دەرھال يۇقۇرىغا قاراپ بىرمۇنچە ئۇزىراپ 3.9- غا ئايلىنىپ قالدى.

    ـــــ مەن 39- نى 3.9- غا ئۆزگەرتتىم. مەنپى سانلارنىڭ مۇتلەق قىممىتى قانچىلىك كىچىك بولسا، ئۇلارنىڭ سانلىق قىممىتى شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن، مەن بىر ساننى چوڭايتىۋەتمىدىممۇ؟ مەن مۇسبەت پۈتۈن سانلارنى كىچىكلىتىپلا قالماستىن، مەنپى پۈتۈن سانلارنى چوڭايتالايمەن ــــ دېدى كەسىر چېكىتى.

    ـــ بىر ئادەمنىڭ ئىككى خىللا ماھارىتى بولسا، ئۇنىڭ ماھارىتىنى ئۈستۈن، قالتىس دېگىلى بولمايدۇ. سېنىڭ يەنە قانداق ماھارەتلىرىڭ بار؟ ــــــ دەپ سورىدى 8.

    ـــ مەن كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىمنى تېخى كۆرسەتمىدىم، قاراپ تۇرغىن! ــــــ دېدى كەسىر چېكىتى بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن كەسىر چېكىتى بىر سەكرىۋىدى، بىر چېكىت دەرھال ئىككى چېكىتكە ئايلاندى. بۇ چاغدا 4 سانى دۆلەت ئىشلىرىدىن مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئوردىغا كىرىپ كەلدى، بۇنى كۆرگەن كەسىر چېكىتى «ھەجەپمۇ ياخشى كەلدىڭ» دېدى- دە، چېكىتلەرنىڭ بىرسى 4 نىڭ ئالدىدا تۇرىۋالدى، يەنە بىرسى 4 نىڭ بېشىغا سەكرەپ چىقىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن 4 سانى 0.4 گە ئۆزگىرىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئاجايىپ بىر ھادىسە يۈز بەردى، 4 سانى خۇددى ئەپسۇن ئوقۇغاندەك بىرسى ئىككى، ئىككىسى تۆت بولۇپ ئۆزگىرىپ رەتلىك بىر قاتار بولۇپ تىزىلدى ۋە  ........ 0.44444  گە ئۆزگىرىپ ئوردىنىڭ سىرتىغىچە چىقىپ چەكسىز ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى.

    بىر ئازدىن كېيىن كەسىر چېكىتى 0.4 تىن ئاجراپ كېتىۋىدى، 4 يەنە ئەسلىگە كېلىپ قالدى.

    ــــ پادىشاھ ئالىيلىرى، كەسىر چېكىتىنىڭ ھازىرلا كۆرسەتكەن ھىلىسىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ بۇ ئەلدە پەقەت بىرلا سان كەسىر چېكىتىنىڭ ئەپسۇنىدىن قورقمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كەسىر چېكىتىنى تۇتالايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم ـــ دېدى 8 نۆل پادىشاھقا قاراپ.

    ــــ ئۇ كىم؟ ــــ دەپ سورىدى0 پادىشاھ ئالدىغىراق ئىگىلىپ تۇرۇپ.

    ـــ سىلى پادىشاھ ئالىيلىرى ــــ دەپ جاۋاپ بەردى 8.

    ــــ مەن؟ مەن نىمىشكە كەسىر چېكىتىنىڭ ئەپسۇنىدىن قورقمايدىكەنمەن؟ ـــــ دەپ سورىدى پادىشاھ ھەيران بولغان قىياپەتتە.

    ــــ كەسىر چېكىتى مۇسبەت پۈتۈن ساننىڭ ئالدىدا تۇرسا، مۇسبەت پۈتۈن سان كىچىكلەپ كېتىدىكەن؛ كەسىر چېكىتى مەنپى پۈتۈن سانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرسا، مەنپى پۈتۈن سانلار چوڭىيىپ كېتىدىكەن. پەقەت مۇسبەت سانمۇ بولمىغان، مەنپى سانمۇ بولمىغان بىردىن بىرى سىلى 0 نىڭ ئالدىدا تۇرسا، ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. چۈنكى 0.0 يەنىلا 0 گە تەڭ بولىدۇ- دە ــــ دەپ جاۋاپ بەردى 8.

    ـــ كەسىر چېكىتى مېنىڭ بېشىمغا سەكرەپ چىقىۋالسا قانداق قىلىمەن؟ ــــ دەپ سورىدى 0 پادىشاھ ئۆزىنىڭ بېشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

    ـــ ئۇنىڭمۇ ھىچقانداق كارايىتى يوق، چۈنكى 0.0 بولۇپ، نەتىجە يەنىلا 0 گە تەڭ. سىلى يەنىلا ئۆز پىتى قېلىۋېرىلا. ھىچقانداق زىيان- زەخمەت بولمايدۇ. كەسىر چېكىتى سىلىنىڭ ئۈستىلىرىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئەگەر شەخسەن ئۆزلىرى ئۇنى تۇتقىلى چىقسىلا، جەزمەن نەتىجە قازىنالايدىلا ـــ دېدى 8.

    كەسىر چېكىتى بىر چەتتە تۇرۇپ، 0 پادىشاھنىڭ ئۆزىنى قولغا چۈشۈرەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ، 8 نىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا غىپلا قىلىپ پادىشاھنىڭ تەختىنىڭ ئاستىدىن قېچىپ كەتتى.

     

    بۇ ھىكايىنىڭ خەنزۇچىسىنى تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن ئوقۇڭ:

    http://www.csyy.com/xuekeziyuan/shuxuebaike/shuxuebaike/200604/486.html

    http://edu.sy.jl.cn/blog/u/wqy2199/archives/2008/10624.html

    http://www.tlrmxx.com/blog/u/hyc910/archives/2008/415.html

    http://blog.sina.com.cn/s/reader_4bae39eb010008f1.html

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • نىمانداق قىززىق
      تارىم回复misiran说:
      شۇنداق. ماتېماتىكا ھەقىقەتەنمۇ قىزىقارلىق پەن.
      2009-04-25 20:51:09
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.