-
كەسىر چېكىتىنىڭ پۈتۈن سان ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى (4) - [ھېكايە-شېئىرلار]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...كەسىر چېكىتىنىڭ پۈتۈن سان ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى (4)
ئاپتورى: لى يۈپېي
تەرجىمان: رىشات ھەسەن
بۇ ھىكايىنىڭ باش قىسمىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئوقۇڭ:
باش قوماندان بايراقىنى ئىگىز كۆتۈرۈۋىدى مەيدان سىرتىدىن 30 يۈگۈرۈپ كىرىپ كەلدى. 30 مۇنبەرگە قاراپ ھەربى سالام بەرگەندىن كېيىن، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا كىلىپ تۇرۇپ «ئېچىل» دەپ ۋاقىراش بىلەن تەڭلا يەرگە يىقىلىپ بىر دومۇلىۋىدە، ئاجايىپ ئىش يۈز بەردى. ئورنىدىن تۇرغان 30 بولماستىن، بەلكى 2، 3، 5 لەردىن ئىبارەت ئۈچ سان بولدى. بۇ ئاجايىپ نومۇر پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن چاۋاكلار بىلەن ئالقىشلىشىغا ئىگە بولدى. نۆل پادىشاھنىڭ خوشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يىتىپ:
ـــــ بۇ پەۋقۇلئاددە ماھارەت نىمە دەپ ئاتىلىدۇ؟ ــــ دەپ سورىدى.
ـــــ بۇ «ئۆزىنى پارچىلاش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پەۋقۇلئاددە ماھارەت جاھاننى ھەيران قالدۇرغان سۇن ۋۇكوڭنىڭ ياردىمىدىن كەلگەن. ئەينى زاماندا سۇن ۋۇكوڭ ئەرشنى قالايمىقان قىلغاندا، ئاسمان خۇداسى ئۇنىڭغا قارشى نۇرغۇنلىغان ئىلاھى لەشكەرلىرىنى ئەۋەتىدۇ. سۇن ۋۇكوڭ پەۋقۇلئاددە ماھارەت ـــ ئۆزىنى پارچىلاشنى ئىشلىتىپ، ئۆز بەدىنىدىن بىر تۇتام مايمۇن تۈكىنى يۇلۇپ ئالىدۇ-دە، قولىغا قويۇپ «سۈف» لا دەپ دەرھال سانسىز سۇن ۋۇكوڭلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ كۆپلىگەن سۇن ۋۇكوڭلار ئىلاھى لەشكەرلىرىنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىدۇ، ـــــ دەپ چۈشەندۈردى باش مىنىستىر 1- ، ئۇ يەنە ـــــ ئەگەر بىز دۈشمەن بىلەن سوقۇشۇپ قالغىدەك بولساق ھەر بىر مۇرەككەپ سان ئۆزىنى پارچىلىيالايدىغانلىقتىن، ئۇلار يەرگە بىر دومىلىسىلا بىر سان بىر نەچچە سانغا ئاجرىلىپ، سانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ بىراقلا دۈشمەن ئۈستىگە باستۇرىدىغان بولساق، چوقۇم دۈشمەننى ھالاك قىلىۋېتەلەيمىز، ـــــ دىدى.
ـــــ بىزنىڭ پۈتۈن سان پادىشاھلىقىمىزدا مۇشۇنداق تاللانغان لەشكەر ۋە قوماندانلار تۇرسا، دۈشمەننىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىدىن قورقامدۇق تېخى ـــــ دىدى نۆل پادىشاھ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاپىرىن ئوقۇپ.
ھەر بىر مۇرەككەپ سان ئۆزىنى پارچىلاش ئارقىلىق بىر نەچچە سانغا پارچىلىنالايدىكەن، ـــــ دەپ يەنە سۆزگە كىرىشتى نۆل پادىشاھ ۋە توساتتىن بىر نىمە ئېسىگە كىلىپ قالغاندەك قىلىپ ـــــ ئەگەر بۇ سانلار يەنە ئۆزىنى پارچىلاش ئارقىلىق پارچىلانسا، ئۇنداقتا تېخىمۇ نۇرغۇن سانلار پارچىلىنىپ چىقمامدۇ؟ ــــــ دەپ سورىدى.
ــــــ ئالىيلىرىغا مەلۇم ئەمەس ئوخشايدۇ، پەقەت مۇرەككەپ سانلارلا ئۆزىنى پارچىلاشنى بىلىدۇ، تۈپ سانلار بولسا بىلمەيدۇ. ھېلىراقتا 30 ئۆزى 2، 3، 5 قاتارلىق سانلارغا پارچىلاندى.
2x3x5=30
بىراق بۇ ئۈچ سانمۇ تۈپ سان بولغانلىقتىن، ئۇلار ئەمدى يەنە پارچىلانمايدۇ، ـــــ دىدى باش مىنىستىر 1- .
ـــــ ئارىفمېتىكىدىكى ئاساسىي تېئورېمىلارغا ئاساسەن، ئەگەر ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىۋىگە قارالمىسا، ھەر بىر مۇرەككەپ ساندىن پارچىلىنىپ چىقىدىغان تۈپ سانلار مۇقىم بولىدۇ، ـــــ دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، باش مىنىستىر 1- ، تۆۋەنگە مۇرەككەپ سانلار يەنە بىر قېتىم ئويۇن كۆرسىتىپ بەرسۇن دەپ ئېيتىشنى بۇيرىدى.
باش قوماندان 1 بايراقنى ئىگىز كۆتىرىۋىدى، 100 مەيدانغا كىردى ۋە مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا كىلىپ تۇرغاندىن كېيىن «ئېچىل» دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭلا 100 يەرگە بىر دومىلاپ پارچىلىنىپ 2، 2، 5، 5 لەردىن ئىبارەت تۆت تۈپ سانغا ئايلاندى.
ـــــ 100 پەقەت ئىككى دانە 2 ۋە ئىككى دانە 5 تىن ئىبارەت تۈپ سانلارغىلا پارچىلىنالايدۇ.
2x2x5x5=100
پادىشاھى ئالەم، كېيىنكى ئوينىلىدىغان نومۇرلار بەكمۇ ئىسىل، ئۇ «پرامىدا ئويۇنى» دەپ ئاتىلىدۇ، ـــــ دىدى باش مىنىستىر 1- .
باش قوماندان بايراقنى بوشلۇقتا بىر سىلكىۋىدى، 2 بىلەن 3 مەيدانغا يۈگۈرۈپ كىردى. 2 مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا كىلىپ تىك تۇرۇشىغا، 3 بىر سەكرەپلا 2 نىڭ مۈرىسىگە چىقىۋالدى-دە 23 بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن 23 دەسلەپ 2x2x2 گە، ئاندىن ئۇ 8 گە ئايلانغان ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.
ـــــ ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سانلىق قىممىتى ئۆزگەرمەيدۇ، 2x2x2=8 ـــــ دەپ باش مىنىستىر نۆل پادىشاھقا چۈشەندۈردى.
ئاندىن 3 تۆۋەندە تۇرۇپ 2 ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇچۇپ چىقىۋالدى-دە، 32 غا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن 32 دەسلەپ 3x3 كە، ئاندىن 9 غا ئايلاندى.
ـــــ ئەگەر باش قوماندانىمىز 1، 2 نىڭ مۈرىسىگە سەكرەپ چىقىۋالسا قاندق بولىدۇ؟ ـــــ دەپ سورىدى نۆل پادىشاھ.
ـــــ ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ، چۈنكى 21=2 ــــ دەپ جاۋاب بەردى باش مىنىستىر 1- .
ـــــ ئەگەر مەن 2 نىڭ مۈرىسىگە سەكرەپ چىقىۋالسام قانداق بولىدۇ؟ ـــــ دەپ سوئال قويدى نۆل پادىشاھ.
ـــــ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۆزلىرى بىر دۆلەتنىڭ بېشى. سىلى ھەرقانداق بىرسىنىڭ مۈرىسىگە سەكرەپ چىقىۋالسىلا، شۇ كىشى باش قوماندانلىق مەرتىۋىسىگە كۆتىرىلىدۇ، ـــــ دەپ جاۋاب بەردى باش مىنىستىر 1- .
ـــــ نىمە ئۈچۈن شۇنداق؟ ـــــ دەپ سورىدى نۆل پادىشاھ چۈشىنەلمەستىن.
ـــــ چۈنكى نۆلدىن باشقا ھەر قانداق ساننىڭ نۆلىنچى دەرىجىسى 1 گە تەڭ بولىدۇ. 20=1 ، 30=1 ، 1000=1 ، ........ 1 ئۆزىمىزنىڭ باش قوماندانى ئەمەسمۇ؟ ــــــ دەپ چۈشەندۈردى باش مىنىستىر 1- .
ـــــ قارىماققا مەن خالىغان بىر ساننىڭ مۈرىسىگە سەكرەپ چىقىۋالسام بولمايدىكەن، ـــــ دىدى نۆل پادىشاھ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ، ـــــ ئەگەر ھەممىسى باش قوماندان بولۇپ كەتسە كىم ئەسكەر بولۇپ سوقۇش قىلىدۇ؟ مېنڭ باش قوماندانىم پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، ـــــ نۆل پادىشاھ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن باش قوماندانلىق مۇنارىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ـــــ مېنىڭ سادىق ۋە باتۇر باش قوماندانىم 1 ، ــــــ دىدى.
بۇ ھىكايىنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز داۋاملىق بلوگىمىزدا بولسۇن.
收藏到:Del.icio.us
كەسىر چېكىتىنىڭ پۈتۈن سان ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى (5)
Blog:تارىم بلوگى2009-06-21 13:40:36
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
引用
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论