ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكا سوئالىدا 120 نومۇردىن يۇقىرى ئېلىشىڭىز ئۈچۈن - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    ماقالىنىڭ كېلىش مەنبەسى: 天利考试信息网

     

    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكا ئىمتىھان سوئالىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە جاۋاب بېرىش تاكتىكىسى

    1. يېقىنقى يىللاردىن بېرىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكا سوئالىنىڭ يادروسى بولسا ماتېماتىكىلىق ئىدىيە، ئۇسۇل بولۇپ، سوئالدا تۆت ئاساسى نۇقتا بار:

    (1) ئاساسنى تۇتقا قىلغان ھالدا ئىقتىدار سىناش. بۇ ئاساسلىقى تاللاش ۋە بوش ئورۇننى تولدۇرۇش مەسىللىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ.

     (2) ئۇنۋېرساللاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىقتىدار سىناش. بۇ ئاساسلىقى ئاخىرقى ئۈچ چوڭ سوئالدا ئىپادىلىنىۋاتىدۇ.

    (3) قوللىنىشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىقتىدار سىناش. بۇ تاللاش، بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سوئالىدا بىر ئىككى ئاممىباپ ماتېماتىكا مەسىلىسى كۆرۈلىۋاتىدۇ، چوڭ سوئاللاردا بىر قوللىنىشلىق سوئال بولىۋاتىدۇ.

     (4) يېڭى تىپتىكى سوئال ئارقىلىق ئىقتىدار سىناش.

     بۇ "تۆت خىل، ئىقتىدار سىناش" بولسا، ماتېماتىكىلىق، ئىدىيە، ئۇسۇلنى سىناشنى چۆرىدىگەن ھالدا بولىۋاتىدۇ.

    2. سوئال شەكلىنىڭ ئالاھىدىلىكى

     (1) تاللاش سوئالى

    <1> ئۇقۇمچانلىق كۈچلۈك: ماتېماتىكىدىكى ھەر بىر ئاتالغۇ، بەلگە، ھەتتا ئادەتلەنگەن سۆزلەرنىڭمۇ ئېنىق بولغان كونكىرىت مەنىسى بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك تاللاش سوئالىدا ئەكس ئېتىدۇ. سوئالنىڭ بايان قىلىنىشى ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈشى، ماتېماتىكا پېنىنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە ئادىتى بويىچە بولىدۇ، باشقىچە مەنا بەرمەيدۇ.

     <2> مىقدارلاشتۇرۇش گەۋدىلىك: مىقدار مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش ماتېماتىكىنىڭ بىر مۇھىم تەركىۋى قىسمى، شۇنىڭدەك ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكا تاللاش سوئالىدا، مىقدارلاشقان شەكىلدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئىگەللىگەن سالمىقى چوڭ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر كۆرنىشتە مىقدارلىق ھېساب شەكلىدىكى تاللاش مەسىلىسى، ئەمەلىيەتتە ئاددىي ياكى مېخانىكىلىق ھېسابلاش بولماستىن، بۇنىڭدا كۆپ ھاللاردا چۈشەنچە، پرىنسىپ، خۇسۇسىيەت ۋە قائىدە قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش نىشان قىلىنغان بولىدۇ، بۇ خىل تەكشۈرۈش مىقدارلىق ھېسابلاش بىلەن زىچ باغلاشقان بولىدۇ.

     <3> تەپەككۇرچانلىقى كۈچلۈك: ئاددىي ھېسابلاش ياكى بىۋاستىلا ھۆكۈم چىقىرىش ئارقىلىق ھەل بولىدىغان سوئاللار ئاساسەن يوق، كۆپىنچى تاللاش سوئالىغا توغرا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، كۆپىنچە بەلگىلىك تۈزىتىش، ئانالىز قىلىش ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك.

     <4> سان بىلەن شەكىلگە تەڭ ئېتىبار بېرىش: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكا تاللاش سوئالىدا  سان بىلەن شەكىلنى بىرلەشتۈرۈشتەك بۇ ئالاھىدىلىك ئەكس ئېتىپ قالىدۇ، يەنى گىئومېتىريىلىك تاللاش سوئالىدا ئالگېبرالىق مەسىلە يوشۇرۇنغان، ئالگېبرالىق تاللاش سوئالىدا گىئومېتىريىلىك شەكىللەرگە ئائىت مەسىلىلەر بولغان بولىدۇ.

     <5> يېشىش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇش: باشقا پەنلەرگە قارىغاندا، «بىر مەسىلىنىڭ كۆپ خىل يېشىلىشى بولۇش» ھادىسىسى ماتېماتىكىدا ئالاھىدە ئىپادىلىنىدۇ. بولۇپمۇ تاللاش سوئالىدا زاپاس جاۋابلار بار بولغانلىقتىن، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مول بولغان كېرەكلىك ئۇچۇرلار تەمىنلەنگەن بولىدۇ. بۇ مەسىلە يېشىشكە تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەرگەنلىك بولۇپ، مەسىلىنى يېشىش يولى ۋە ئۇسۇلىنى كۆپەيتىدۇ. دائىم ناھايىتى ئەپچىل يېشىش ئۇسۇللىرى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بۇ تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقىنى سىناشقا پايدىلىق.

     (2)  بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سوئالى

     بىرىنچىدىن، بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئالى مەسىلىلىرىدە تەييار جاۋابلار بولمىغانلىقتىن، مەسىلە يېشىشتە باشقا تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، لېكىن تاللاش سوئالىدىكىدەك تەييار جاۋابى بار بولغان كۆرسەتمە ياردەممۇ بولمايدۇ. مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىپ، مەسىلە يېشىشقا توغرا كېلىدۇ.

     ئىككىنچىدىن، بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سوئال قۇرۇلمىسىدا، كۆپىنچە ھاللاردا بىر توغرا ھۆكۈم ياكى خۇلاسىنىڭ مەلۇم بۆلىكى(شەرتى بولىشىمۇ، يەكۈنى بولىشىمۇ مۇمكىن) بوش قويۇلۇپ، شۇنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا مەسىلىنى چۈشىنىش ئىقتىدارى جەھەتتە تاللاش سوئالىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ.

     بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئالىدا سىنىلىدىغان نۇقتىلار ئاز، نىشان يىغىنچاقلانغان بولىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۇنداق بولمىسا سىنىلىدىغان نۇقتىلار كۆپ، يېشىش جەريانى ئۇزۇن، نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپ بولۇپ كېتىپ، سوئالنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرىلاپ كېتىدۇ.

     (3) چوڭ سوئاللار (يېشىش سوئالى)

     يېشىش سوئالى بىلەن بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سوئالىدا ماھىيەتلىك پەرق بولۇپ، بىرىنچىدىن، يېشىش سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە يېشىش جەريانىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى يېزىپ، مۇۋاپىق چۈشەنچە بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سوئالىدا بۇنداق تەلەپ بولمايدۇ، پەقەت نەتىجىسىنى تولدۇرۇشلا تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، سوئالنىڭ مەزمۇنى جەھەتتىن بوش ئورۇن سوئالىغا قارىغاندا مول بولىدۇ. يېشىش سوئالىنىڭ سىنايدىغان نۇقتىلىرى بىرقەدەر كۆپ، ئۇنۋېرسالىقى كۈچلۈك، قېيىنلىقى يۇقىرى بولىدۇ. يېشىش سوئالىغا نومۇر قويغاندا ئاخىرقى نەتىجىسىگىلا قارىلىپ قالماستىن، يەنە چىقىرىش جەريانى ۋە ئىسپات جەريانىغا قارىلىپ، باسقۇچلار بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ.

    3. ماتېماتىكا ئىمتىھان سوئالىنىڭ قاتلام قۇرۇلمىسى

     سوئال شەكلىگە ئاساسلانغاندا، ئىمتىھان سوئال قۇرۇلمىسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ:

    بىرىنچى بۆلەك: تاللاش ۋە بوش ئورۇن تولدۇرۇش سوئالى، 70 نومۇر ئەتراپىدا، ئاساسى تەكشۈرۈلىدۇ (ئاخىرقى بىر-ئىككى سوئال قىيىنراق).

     ئىككىنچى بۆلەك: يېشىش سوئالىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ چوڭ سوئالى، 40 نومۇر ئەتراپىدا، ئوتتۇرا ھال قېيىنلىقتا.

     ئۈچۈنچى بۆلەك: ئاخىرقى ئۈچ چوڭ سوئال، 40 نومۇر ئەتراپىدا، قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى ( بىرىنچى مەسىلىنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى ئوتتۇرا ھال)

    4. قانداق قىلغاندا 120 نومۇردىن يۇقىرى نومۇر ئالغىلى بولىدۇ؟

     بىرىنچى بۆلەكتە، مەسىلە يېشىشنىڭ ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، 30 مىنۇت ئەتراپىدا ھەممە تاللاش، بوش ئورۇن تولدۇرۇش سوئالىنى ئىشلەپ بولۇش (توغرىلىق نىسبىتى ٪90 ئەتراپىدا)، يۇقىرى نومۇر ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى. ئىككىنچى بۆلەكنى 30 مىنۇت ئەتراپىدا ئىشلەپ بولساق (توغرىلىق نىسبىتى ٪90 ئەتراپىدا). ئۈچۈنچى بۆلەكتىكى ھەممىسى قېيىن بولۇشى ناتايىن، قېيىن بولىدىغىنى 12 نومۇردىن 18 نومۇرغىچە بولىدۇ. شۇڭا بۇ بۆلەكتىن 12 دىن 20 گىچە بولغان نومۇرنى ئېلىشقا تىرىشساق، بۇنى مەسىلە يېشىش باسقۇچلىرىنى توغرا يېزىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرسەك (باسقۇچلارنى توغرا، تولۇق يېزىشقا دىققەت قىلىپ)، 120 نومۇردىن يۇقىرى ئېلىشتا ئۈمىد زور بولىدۇ.

     ئىمتىھاندا پەقەت تاللاش سوئالى، بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سوئالى ۋە ئالدىنقى ئۈچ چوڭ سوئالنى ئىشلەشلا ئانچە مۇۋاپىق بولغان چارە ئەمەس. چۈنكى، ئاخىرقى ئۈچ سوئالنىڭ ئاسان قىسمى ئالدىدىكى سوئاللارنىڭكىدىنمۇ ئاسان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بىر نومۇر، بىر نومۇردىن قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. تەكرارلاش ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئەگەردە ئاساسىڭىز ياخشىراق بولسا تاللاش، بوش ئورۇن ۋە ئالدىنقى ئۈچ سوئالدا تولۇقراق نومۇر ئېلىشقا تىرىشىپ، ئاندىن ئاخىرقى ئۈچ سوئالنى ھەل قىلىشقا كۈچىشىڭىز كېرەك.

    5. ھازىردىن باشلاپ ...............................

     ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا چوقۇم ئۆزىڭىزگە تاللاش، بوش ئورۇن سوئاللىرىدىن بىر مىنۇتتا بىرنى ئىشلەپ بولۇشتەك تەلەپنى قويۇڭ. ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل، چارىلەرنى قولىنىپ تېز ھەل قىلىشقا تىرىشىڭ. قارىغۇلارچە ئىشلەشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىڭ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىپ پۇختىلاڭ. چوڭ سوئاللارنى ئىشلىگەندە، نومۇر قۇيۇش ئۆلچىمىنى پەرەز قىلىپ، قەدەم باسقۇچ بويىچە نومۇرغا ئېرىشىشكە دىققەت قىلىڭ.

    -------------------------------------------------------------------------

    ئىزاھات: 1.  2007-يىلىدىن باشلاپ ئىمتىھان سۇئال قۇرۇلمىسىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر تاللاش ۋە بوش ئورۇن تولدۇرۇش سۇئاللىرىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى 80، تەپسىلىي جاۋاپ بېرىش سۇئاللىرىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى 70 بولۇپ، ئومۇمەن ئېيتقاندا تاللاش سۇئالىنىڭ ئاخىرقى 2 سى، بوش ئورۇن تولدۇرۇش سۇئالىنىڭ ئاخىرقى 1 ياكى 2 سى سەل قىيىنراق بولىدۇ. تەپسىلىي جاۋاپ بېرىش سۇئالىنىڭ ئالدىنقى 2 سى ئاسانراق، ئوتتۇرىدىكى 2 سۇئالنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئوتتۇرا ھال، ئاخىرقى 2 سۇئال قىيىن بولىدۇ.

    2. بۇ ماقالە ئەسلى 2006-يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن بىرقانچە ئۇيغۇرچە تور بېكەت مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ماقالىنى كومپيۇتېرىمدا ساقلىۋالغان چېغىمدا ئەسلىدىكى ئېلان قىلىنغان تور بەت ئادرىسىنى ساقلىۋالماپتىكەنمەن، پەقەت ئەسلىدىكى خەنزۇچە ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسىنىڭ 天利考试信息网 ئىكەنلىكىلا ساقلىنىپ قاپتىكەن. شۇڭا بۇ ماقالىنىڭ تەرجىمانىدىن كەچۈرۈم سورايمەن.

    يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ قۇرۇلمىسىدا بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، بىراق ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنىڭ بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يەنىلا بەلگىلىك پايدىسى بار.


    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • مەن بىلوگىمنى قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمەن ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن.
      kulangga@sina.com
      http://kulangga.blogbus.com/ مەخپى نۇمۇر 4224547
      ياردەم قىلشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
      تارىم回复kulangga说:
      سىز تاللىغان قارا ئۇسلۇپنى بلوگبۇس تەمىنلىگەن ئۇسلۇپلار ئارىسىدىن تاپالمىدىم. شۇڭا بلوگبۇس 10 كۈننىڭ ئالدىدا تارقاتقان Metal Wiredrawing دىگەن ئۇسلۇپنى قاچىلاپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. سىزگە يارامدىكىن.
      2009-04-25 18:25:48
    • راسلا تەپسىلى تۈزۈلگەن ئىمتاھان بىرىش لاھىيىسى بولۇپتۇ . لىكىن بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرىتى يەنىلا تىرىشىىش ۋە ئىجداھات بىلەن ئۆگۈنىش.يەنە سىز تۈزۈپ بەرگەن يۇقارقى تاكتىكىلاردىن ئوبدان پايدىلىنىش.
      تارىم ئەپەندى بۇ تاكتىكىنى tarim68 تاكتىكىسى دىسەكمۇ بولغۇدەك. خې...........خې.
      تارىم回复phonix820说:
      بۇ مېنىڭ تاكتىكام ئەمەس، بەلكى تيەنلى ئىمتىھان ئۇچۇر تورىنىڭ تاكتىكىسى. بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئازراق پايدىسى تىگىپ قالارمىكىن دىگەن ئۈمىدتە يوللاپ قويدۇم.
      2009-04-22 21:41:43
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.