-
ئۇيغۇر بلوگىرلارغا جىددىي چاقىرىق - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...بۇ يازما «يۈكسەل بلوگى» دىن يۆتكەپ كېلىندى
يۈكسەلنىڭ قېرىندىشىغا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇپ قويۇڭلار !
ئۇيغۇر بلوگىرلار ئۇيغۇر تور ئىشلىرىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن قوشۇن بولۇپ، تور تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي كۈچ ۋە ئىلغار كۈچلەرنىڭ ۋەكىلىدۇر. چۈنكى بلوگىرلار بىرقەدەر پۇختا بولغان تور تېخنىكىسى ۋە پىشقان تور يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە. ھەممىدىن مۇھىمى ئۇيغۇر بلوگىرلارنىڭ كۆپىنچىسىدە تور ئارقىلىق ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىش ئىستىكى ئالاھىدە كۈچلۈك. گەپ شۇنداق بولسا ، ئۇيغۇر بلوگىرلار مەزكۇر تېمىغا جىددىي ئېتىبار قىلىشى ۋە مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.
بۇ مېنىڭ تور دۇنياسىغا ئاياغ باسقاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆز نامىمدىن تور ئەھلىگە مۇراجەتنامە چىقىرىشىم . بىلىمەن، كۆپچىلىك بۇنداق مۇراجئەتنامىلەرنى تولا كۆرۈپ كۆزىگە كۆرۈنمەس، تولا ئاڭلاپ قۇلاقلارغا خۇش ياقماس بولۇپ قالدى. خۇسۇسەن مەنمۇ ئالىي مەكتەپنى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتا ئوقۇغانلىقىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يەنە شۇ دوختۇرخانا بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتا ئىشلىگەنلكىم ئۈچۈن توردىلا ئەمەس كۆز ئالدىمدىكى نەق رېئاللىقتىمۇ تالايلاپ مۇراجەتنامىلەرنى ئاڭلىغان، ئۆز كۆزۈم بىلەن مۇراجەت ئىگىلىرىنىڭ ئەشۇ بىچارە ھالىتىنى، ئۆز تەقدىرىنى نېمىلەرگىدۇ باغلاپ بوينى قىسىلغان، قەددى پۈكۈلگەن كىشىلەرنى تولا كۆرگەن ئىدىم. بەزىلىرىگە دەرھاللا يانچۇق كوچىلىيالىغىنىم بىلەن كۆپنىچىلىرىگە ئۇھسىنىپ قويغان ياكى ئىچىمدە ئاللاھدىن ئۇلارغا ئاسانلىق تىلەپ دۇئا قىلغان چاغلىرىم بولغان....
ئەمما، بۇ قېتىم يەنىلا قۇلاق يۇپۇرۇپ، بېشىمىنى ئىچىمگە تىقىپ، ئاللاھدىن ئاسانلىق تىلەپ دۇئا قىلىپلا بولدى قىلىشقا كۆڭلۈم ئۇنمىدى. ئىچىمنى نېمىلەردۇر تاتلايتتى. يېشى مەندىن كىچىك، بېلى تېخى راۋرۇس قاتمىغان بىر يىگىتنىڭ كېسەللىكنىڭ چاڭگىلىدا قىينىلىۋاتقان قىزىنىڭ ئالدىدا داۋالىتىشقا ئىمكانسىز قېلىپ، تەرەپ - تەرەپكە تىپىرلاۋاتقان، ھېچبىر ئىلاجىنى قىلالماي ، كېچىلەردە ئۇلۇغ ئاللاغقا تىۋىنىپ يىغلاۋاتتقان ھالىتى ، مۇكەررەم سىڭلىمىزنىڭ ساقىيىشقا بولغان ئۈمىد، ھەممىدىن مۇھىمى ئۆز ئاتىسىغا بولغان ئىشەنچ چولپاندەك چاراقلاۋاتقان كۆزلىرىگە قاراپ، ئۆزۈمنى توختىتالمىدىم. يۈرەك - باغرىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۇزۇندىن بېرى سۈكۈتتە تۇرغان << يۈكسەل >> تولىمۇ ئۇرغۇلۇق بىر ئاۋازدا : - ياق ! يەنە سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ. تۇرسۇنجان سېنىڭ قېرىندىشىڭغۇ ؟ تۇرسۇنجاننىڭ قىزى مۇكەررەمنىڭ ئۆز قىزىڭدىن نېمە پەرقى ؟ ئەجىبا سەن ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن ئۆزگە يۆلىكى يوق ھالەتتە ئۈرۈمچىنىڭ كوچا - كويلىرىدا ھېلى خەلق ئىشلار ئىدارىسى ، ھېلى سەھىيە ئىدارىسى ، ھېلى قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى دېگەندەك جايلاردا كىملەردىندۇ ياردەم كۈتۈپ ، بۇيۇن قىسىپ، قېقىلىپ - سوقۇلۇپ يۈرۈشىگە يەنە سۈكۈت قىلماقچىمۇ ؟ قېنى سەندىكى ئادىمىي ۋىجدان ؟ قېنى سەن ئىلگىرى << مىللەت >> << ۋەتەن >> دەپ، توۋلىغان چوقان ؟! ....
ماقالىنىڭ داۋامىنى يۈكسەل بلوگىدىن ئوقۇڭ.
ئەسلى مەنبە: http://www.yukselblog.cn/article/bildurgu/112.htm
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
1. بۇ چاقىرىق يۇكسەل بلوگىدا ئىلان قىلىنىشتىن بۇرۇنمۇ شەبنەم ھەم دىيارىم ۋە باشقا مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىنغاندى . ئەمما ئۇ يەردىمۇ قىرىنداشلىرىمىز قاراپ تۇرمىدى . ئەمدى بۇ چاقىرىقنىڭ يۇكسەل ۋە تارىم بلوگلىرىغا كېڭىيىشى ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش ھىسابلىنىدۇ . چۈنكى بىز بلوگنى ئۆز خاھىشىمىز بىلەن يازىمىز . بۇنىڭدا ئەسلا بىرەرسىنىڭ مەجبۇرلىشى يوق . شۇڭىلاشقا بىزنىڭ (يەنى يۇكسەل ئەپەندى بىلەن تەكلىماكان ئەپەندى كۆزدە تۇتۇلىدۇ .) بۇنداق ياخشى تەشەببۇسىمىز بىزنىڭ بلوگگىرلىرىمىز ئېچىدە ياخشى تەسىر قوزغايدۇ . چۈنكى ئەمدى مەرىتنى مەيداندا سىنايدىغان پەيىت كىلدى .
2.بۇ چاقىرىققا پەقەت << رەھمەت >> ، << شۇ كىسەل ماڭا كەلسىچۇ >> ... دېگەندەك قۇرۇق سۆزلەرنىڭ ھازىر رولى يوق . چۈنكى قىرىندىشىمىز ئىقتىسادقا يەنى پۇلغا ئىتىياجىلىق بولىۋاتىدۇ . بۇنداق شارائىتتا بىزمۇ قاراپ تۇرساق بولمايدۇ . بىز ئۇيغۇرلاردا << تامار - تامار كۆل بولار >> دېگەن ماقال بار . دېمەك ، ھەممىمىز ئازراقتىن كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلساق يارىغا ياماق بولار ، دەردىگە دەرمان بولالمىساقمۇ ، ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىھتىياجىنى قامدار .
3.دوسىتلار ، بۇ ئىنكاسنى ككرگەندىن كېيىن بەزىلىرىمىزدە << بۇ بىمار مېنىڭ نېمەمدى ؟ يا مېنىڭ بۋاستە ئۇرۇق تۇققىنىم بولمىسا ، نېمىشقا ياردەم قىلغۇدەكمەن ؟ ... >> دېگەندەك بىر تالاي سۇئاللار پەيدا بولىشى مۇمكىن . ئەمما بىز ئويلاپ قويايايلى . بىكار ئورۇنسىز ئولتۇرۇش - سورۇنلاردا ، ئەرزىمەيدىغان ئىشلارنى دەپ نۇرغۇنلىغان پۇللارنى بۇزىمىزيۇ بۇنداق ياخشى ساخاۋەتلىك ئىشلارغا قول سۇنمىساق قانداق بولىدۇ ؟ بىز بۇنىڭلىق بىلەن ئاچ - يالىڭاچ قالامدۇق ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاجەتمەننىڭ ھفقىتىدىن چىقىش دىندىمۇ ھەم پەندىمۇ ساۋابلىق ئىش . بۇنىڭدىن خۇدامۇ رازى بولىدۇ .
4.مەن گەپنى ئۇزارتىشنى لايىق كۆرمىدىم . چۈنكى ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك . شۇڭا مەن تەكلىماكان ئەپەندىنىڭ ياكى يۇكسەل ئەپەندىنىڭ ئىككلىسىنىڭ بىرسنى جەزمەن بىر بانكا ھىساۋات كارتىسى نۇمۇرىنى ئىلان قىلشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئىلان قىلغان بانكا ھىساۋات نۇرىغا ياردەم قولىنى سۇنىشنى خالايدىغان بلوگگىرلار پۇل سالسا ، پۇل سالغانلارنى بلوگدا ( ئىككى بلوگنىڭ قايسىسدا بولسا ) قەرەلىك ئىلان قىلىپ تۇرسا ، ھەم پۇل تاپشۇرۋالغانلىق تالۇنىنى مەزكۇر بلوگگىرنىڭ ئىسىمى ئاستىغا ئىلان قىلسا مېنىڭچە ياخشى بولىدۇ .ئەمما بۇ ئىش يەنىلا بىزنىڭ ئىخيتىيارلىقىمىزدا بولىدۇ . ئاز تاپساق ئاز سالايلى ، كۆپ تاپساق ككپ سالايلى ، ھەممىمىز تەڭ يەڭ تۈرۈپ ، قول سۇنايلى .
5.بانكا ھىساۋات نۇمۇرى ئىلان قىلىنىپ بىر كۈنگىچە مەن 50.00RM يەنى 50.00 سوم خەلىق پۇل سالىمەن . گەرچە بۇ پۇل ئانچە كۆپ پۇل بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۇلار ھازىر ئەڭ ئىھتىياجلىق . شۇڭا كەڭ بلوگگىر دوسىتلار بۇ تىمىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
كامالىي ئىتىرام بىلەن : ئۇيغۇرتېكىن بلوگىدىن _ ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندى