-
«مېتال» ئۇسلۇبى تەرجىمە قىلىندى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...2 يېرىم ئاي بولۇپ قاپتۇ يېڭىدىن بىرەر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلمىغىلى. 10 كۈننىڭ ئالدىدا بلوگبۇس Metal Wiredrawing ناملىق ئۇسلۇپنى تارقاتقان ئىدى. بۇ ئۇسلۇپمۇ خېلى چىرايلىقكەن. بلوگگېر ئۇستاملاردىن بىرەرسى گاچچىدە تەرجىمە قىلىۋېتەمدىكىن دەپ ساقلىسام، ھەممەيلەن ئالدىراش بوپ كەتتىمۇ-قانداق؟ بلوگگېر ئۇستاملاردىن ھىچ بىر سادا يوق. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سەل بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن. شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئېھتىياجلىقلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
ئۇسلۇپ رەسىمى:
كۆرگەزمە ئادرىسى: http://kulangga.blogbus.com
چۈشۈرۈش ئادرىسى: files/12406537160.rar
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
ئۇنىڭغا ئامال بارمۇ؟
سىز خېلى كۆپ ئۇسلۇبلارنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردىڭىز، ئەمدىكى گەپ ئەگەر بىز بىر تەرجىمە قىلىنمىغان ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىش خىيالىمىز بولسا ئاشۇ ئۇسلۇبقا قانداق ئېرىشمىز؟ تەلىم بەرگەن بولسىڭىز..................
ئاۋال ئارقا سەھنىگە كىرىپ، 博客 نىڭ ئاستىدىكى 模板 نى باسىسىز. ئاندىن 选择自定义模板 نى باسىسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن 新建自定义模板 نى بېسىپ 新建自定义模板 رامكىسىدىكى 模板名称 نىڭ كەينىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى قويۇپ، جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسىسىز. شۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر ئۇسلۇپ قۇرۇلىدۇ. ئاندىن قۇرۇلغان يېڭى ئۇسلۇپنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۇدۇلىدىكى 编辑 دىگەن خەتنى بېسىپ ئۇسلۇپ تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرىسىز. بۇ چاغدا سىز Head، Css ، Index، index-posts، Detail، Detail-post، Config قاتارلىقلارنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز 导入模板文件 دىگەن يېشىل رەڭلىك خەتنى كۆرىسىز. بۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى 导入官方模板 دىگەننىڭ ئالدىدىكى كىچىك چەمبەرنى بىرنى چېكىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى رامكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى v بەلگىسى بار يەرنى چەكسىڭىز، بلوگبۇس تەمىنلىگەن بارلىق ئۇسلۇپلارنىڭ نامى كۆرۈنىدۇ. سىز بۇلاردىن خالىغان بىر ئۇسلۇپ نامىنى تاللاپ 导入到自定义模板 نىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى 提交 دىگەن خەت بار كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز، سىز ھازىر تاللىغان ئۇسلۇپنىڭ كودى Head، Css ، Index، index-posts، Detail، Detail-post، Config لارنىڭ ئىچىگە قاچىلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن سىز Head، Css، ... دىگەنلەرنىڭ ئۈستىدىكى ئۇسلۇپ نامىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان 模板 [返回] دىگەن خەتنى تېپىپ 返回 دىگەن خەتنى باسىسىز. بۇ چاغدا بەت يېڭىلىنىپ بايا سىز قۇرغان ئۇسلۇپ نامى بار يەرگە كىرىسىز. ئۇسلۇپ نامىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى 使用该模板 دىگەن خەتنى باسسىڭىز. بۇ چاغدا سىز ھازىر قۇرغان ئۇسلۇپ بلوگىڭىز نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇپ بولىدۇ. سىز بلوگىڭىزنى قايتا ئاچسىڭىز بلوگىڭىز يېپ-يېڭى بىر قىياپەتتە كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ. بىراق بۇ پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئۇسلۇپ بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى كېيىنچە چۈشەندۈرۈپ قوياي. ھازىرچە چۈشەندۈرۈشۈم مۇشۇنچىلىكرەك بولسۇن.