ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان، ماتېماتىكا، كومپيۇتېر ۋە تارىخ ھەققىدىكى ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىق ماتېماتىكا دەرسلىكىنىڭ پرويىكسىيە ئارگىنالى (课件-1 ) - [چۈشۈرۈش]

    باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پرويىكسىيە ئارىگىنالى ياساش ۋە كونسىپىك يېزىش ۋاقتىنى تېجەش ئۈچۈن، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان توردىن يىغىپ ساقلاپ قويغان بىر قىسىم پرويىكسىيە ئارىگىنالى (课件) ۋە كونسىپىك (教案) لارنى بۈگۈندىن باشلاپ تۈركۈمگە بۆلۈپ بلوگىمغا يوللايمەن. باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللققىچە بولغان ھەر بىر يىللىقنىڭ ماتېرىياللىرى ئايرىم بىر تېما قىلىنىپ، بلوگنىڭ «چۈشۈرۈش» سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ. كەڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرى ھەر ۋاقىت بلوگنىڭ «چۈشۈرۈش» سەھىپىسىدە بولغاي. ماتېرىياللار پۈتۈنلەي خەنزۇچە بولۇپ، قوش تىللىق سىنىپلارغا دەرس بېرىدىغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ مۇۋاپىق پايدىلانسا بولىدۇ.

    ئاۋال باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىق ماتېماتىكا دەرسلىكىنىڭ جەمئىي 100 پارچە پرويىكسىيە ئارگىنالى (课件) يوللاندى. بۇنىڭ يەنە داۋامى بار. داۋامى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىنىدۇ.

    پرويىكسىيە ئارىگىنالىنى تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ چۈشۈرۈڭ: (بايا بەزىلەر خاتا مەشغۇلات قىلىپ ماتېرىيالنى چۈشۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇپتىكەن، ماتېرىيال بوشلۇققا قايتا يولىنىپ، چۈشۈرۈش ئادرىسى تۆۋەندىكى ئادرىسقا ئۆزگەرتىلدى. ماتېرىيال چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى ئاستىدىكى ئەسكەرتىشنى ئەستايىدىل ئوقۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن).

    http://tarimblogi.qupan.com/2645711.html

     http://tarim68.qupan.com/2645621.html

    http://www.damipan.com/file/D72GB9.html

     http://www.brsbox.com/filebox/down/fc/aaa0c214f7eff4460fbe42ee8592bfe8

    تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ چۈشۈرۈۋالساڭلارمۇ بولىدۇ. بۇ ئادرىسنى تىرىشچانلار تورى تەمىنلىگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تىرىشچانلار تورىغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

    http://down.tirish.cn/View.asp?SoftID=34

    http://down.tirish.cn/View.asp?SoftID=35

     

    ئەسكەرتىش: پرويىكسىيە ئارىگىناللىرى Power Pont  تا ياسالغان.

    يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىش: چۈپەنكومدىن تۇنجى قېتىم بىر نەرسە چۈشۈرگەنلەر ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىلەر. چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن چىققان رامكىدىكى 立即举报 دىگەن خەتنى قەتئىي بېسىپ سېلىشقا بولمايدۇ، پەقەت 下载此文件 دىگەن خەت بار كۇنۇپكىنىلا بېسىڭلار. بولمىسا ماتېرىيالنى يەنە چۈشۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.






    评论

  • چۈشۈرۈش بېتىگە كىرگەندىن كېيىن چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىدىن 4 ى بار. مۇۋاپىق كۇنۇپكىنى تاللاپ چۈشۈرۈڭ. چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن چىققان رامكىدىكى 举报 دىگەن خەتكە مائۇس تېگىپ كەتمىسۇن. بولمىسا چۈشۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىردەمنىڭ ئىچىدە قايسى ساراڭنىڭ قىلغان ئىشىكىن، 举报 دىگەن خەتنى بېسىپ، ماتېرىيالنى قۇلۇپلۇغۇزىۋېتىپتۇ.
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.