ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • بلوگدا ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىكى يېڭى تېمىلارنى كۆرسىتىش - [بلوگ ھۈنەرلىرى]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    مەن ئىلگىرى «بىلىك، ئىنتىل، شەبنەم، دىيارىم ۋە ئىزدىنىشتىكى يېڭى تېمىلارنى بلوگدا كۆرسىتىش» دىگەن تېمىنى يوللىغان ئىدىم. يېقىندىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يۇقۇرقى تېمىدا تەمىنلەنگەن كود ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. مەسىلەن: ئىزدىنىشنىڭ تېمىلىرى كۆرۈنمەيدىغان، ئىنتىلنىڭ كونا سەيناسىنىڭ تېمىلىرى كۆرۈنىۋالىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا بۇ قېتىم تېخىمۇ كۆپ مۇنبەرلەرنىڭ يېڭى تېمىلىرىنى كۆرسىتىش كودىنى تەمىنلىدىم. تورداشلار ئۆزى خالىغان مۇنبەرنىڭ كودىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. كودنى شۈنلېي ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ.

    كودنى چۈشۈرۈڭ

    يېڭى تېمىلىرىنى كۆرسىتىش كودى تەمىنلەنگەن مۇنبەرلەر تىزىملىكى:

    1. ئاقىللار مۇنبىرى

    2. ئەلگە يار مۇنبىرى

    3. ئەلپىدا مۇنبىرى

    4. ئەپچىلەم مۇنبىرى

    5. ئاققۇش مۇنبىرى

    6. باس باس مۇنبىرى

    7. بىلىك كۇلۇبى

    8. بىلقۇت مۇنبىرى

    9. بىزنىڭ كۇلۇبى

    10. بوستان مۇنبىرى

    11. چوغلان مۇنبىرى

    12. دىدارىم مۇنبىرى

    13. دىيارىم مۇنبىرى

    14. دوستلۇق مۇنبىرى

    15. گۈلدەستە مۇنبىرى

    16. خانتەڭرى مۇنبىرى

    17. ھەۋەسكار مۇنبىرى

    18. خىسلەت مۇنبىرى

    19. ئىلىخو مۇنبىرى

    20. ئىلچىن مۇنبىرى

    21. ئىنتىل سەيناسى

    22. ئىنتىزار مۇنبىرى

    23. ئىزدىنىش مۇنبىرى

    24. ئىزنار مۇنبىرى

    25. جاھان مۇنبىرى

    26. كارۋانلار مۇنبىرى

    27. كۆكنۇر مۇنبىرى

    28. كۆۋرۈك مۇنبىرى

    29. كرورەن مۇنبىرى

    30. مەرۋايىت مۇنبىرى

    31. مېھرى-شەپقەت مۇنبىرى

    32. مىسرانىم مۇنبىرى

    33. نۇرلۇق ئالاقە مۇنبىرى

    34. نۇرقۇت مۇنبىرى

    35. ئورخۇن مۇنبىرى

    36. پاكيار مۇنبىرى

    37. پۇتبول مۇنبىرى

    38. چاكچاك مۇنبىرى

    39. چىمبۇلاق مۇنبىرى

    40. رېتىم مۇنبىرى

    41. سەلكىن مۇنبىرى

    42. تارانچى مۇنبىرى

    43. تەرمىلەر مۇنبىرى

    44. ئۇيغۇر كيۇكيۇ مۇنبىرى

    45. ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى مۇنبىرى

    46. شەبنەم مۇنبىرى

    47. شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرى

    48. ياشلار (Yashlar) مۇنبىرى

    49. ياشلار (Yaxla) مۇنبىرى

    分享到:

    历史上的今天:

  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !




      评论

    • بۇنىڭ ئورنىنى قانداق تەڭشەيمىز؟مەن كودنى قويسام ئوڭ تەرەپ ئاستىغا چۈشۈپ قالدى
    • [dAva:0]مەن مۇنبەردىكى يېڭى تىمىلارنى كۆرسىتىش كودىنى قەيەرگە قويۇشنى بىلمىدىم.自定义html زادى قەيەردە؟
    • سىز تەمىنلىگەن كودنى چۈشۈرۈپ بلوگقا قوياي دەپ خاتىرە دەپتەردە ئاچسام غەلىتە خەنزۇچە خەتلەر كۆرۈنىۋېلىپ نورمال ئىشلىتىشكە مۈمكىن بولمىدى بۇ نىمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق بولىدۇ؟.
      تارىم回复دۇلانى说:
      مەن ھازىر چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم، كودتا ھىچقانداق مەسىلە يوق. بۇ بەلكىم كومپيۇتېرىڭىزدىكى خەت نۇسقىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.
      2009-05-29 19:48:28
    • تارىم ئەپەندى سىزنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قويدۇم ئۆزىڭىز بىر قاراپ بىقىڭا.يائۇسلۇپتىن چىققان چاتاقمۇ؟
      تارىم回复ئازغۇن说:
      ئالدىنقى ئىنكاسىڭىزغا بەرگەن جاۋابىمدىكىدەك قىلىپ بېقىڭا. باشقۇرغۇچىلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرىڭىز مەن تەرەپكە كەلمەپتۇ.
      2009-05-27 15:16:12
    • تارىم ئەپەندى مەن ئەسلىدە بلوگىمنىڭ ھەربىر بىتىدە كۆرىنىدىغان يازما سانىنى 10قىلىپ تەڭشىگەن ئىدىم لىكىن ھەممە يازمىلار باش بەتتە كۆرىنىۋالدى.بەت ئۆرۈسەم قۇرۇق بەت ئىچىلىۋالدى. قانداق قىلىشم كىرەكلىكىنى ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز.(بلوگىمنى زىيارەت قىلغاچ)
      تارىم回复ئازغۇن说:
      باش بەتتە كۆرۈنىدىغان تېما سانى 20 قىلىپ تەڭشىلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. يەنە تېمىدىن بىر، ئىككىنى يوللاپ بېقىڭا.
      2009-05-27 14:54:08
    • ماڭا www.alay.biz ئالاي سودا تور بىتىنىڭ لازىمتى
      تارىم回复شاشلاربىلوگى说:
      سىز يۇقۇرقى تور بېكەتنىڭ مۇنازىرە مۇنبىرىگە كىرىپ بۇ ھەقتە تېما يوللىسىڭىز، بېكەت باشلىقى سىزگە لازىم بولغان كودنى چىقىرىپ بېرىشى مۇمكىن.
      2009-05-27 14:49:51
    • بو كودنى بلوگنىڭ نەرىگە قويمىز ؟
      تارىم回复otiken说:
      自定义HTML نىڭ ئىچىگە قويۇڭ.
      2009-05-03 14:25:39
    • ئۇنداقتا بىلگە توربىكتىگە ئوخشاش ئايرىم بىكەتتە ئەمەلگە ئاشرۇش
      ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك.
      تارىم回复arslan说:
      مۇشۇ تېمىدا تەمىنلەنگەن كودتىن پايدىلانسىڭىز بولىدىغۇ.
      2009-04-09 22:05:55
    • ئالدى بىلەن سىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت!
      ئوشۇق بولسىمۇ بىر تەلپىمنى دىسەم يەنى بىلوگدىكى يىڭى تىمىلارنىمۇ
      كۆرسىتىش توغرىسىدا ئازراق تىنىكىلىق ئۇچۇر بەرسىڭىز يامان ئوبدان بولار ئىدى.
      تارىم回复arslan说:
      باشقا بلوگدىكى يېڭى تېمىلارنى بلوگىڭىزدا كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز، بلوگنىڭ 博链 دىگەن ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.
      2009-04-08 15:28:56
    • مەنمۇ يىڭىلاپ چىقرىۋالدىم . رەخمەت سېز گە
      تارىم回复نۇر说:
      ئەرزىمەيدۇ. پات-پات كىلىپ تۇرارسىز.
      2009-03-17 23:30:20
    • يېڭى -يېڭى مۇنبەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىمۇ تېز بولىۋاتىدۇ، بىراق ئوبدانلا ئېچىلغان مۇنبەرلەرنىڭ تاقىلىپ قېلىشىمۇ تېز بولىۋاتىدۇ، بۇ نىمە سەۋەپتىن؟ مۇشۇنچىلىك مۇنبەرنى يىقغان ئىكەنسىز ئەلۋەتتە بۇ توغرىسىدا ئويلىغانلىرىڭىز باردۇ. دىمىسىمۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ.
      تارىم回复dunyakara说:
      بىر مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى مۇنبەر قۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكىگە باغلىق. ھازىر كۆپىنچە مۇنبەرلەرنى ياشلار، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قۇرىۋاتىدۇ. ئۇلاردا تېخنىكا بولسىمۇ، بىراق قانۇن ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس. مۇنبەرنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قانۇن بىلىملىرى سەۋىيىسى ھەم سىياسى سەزگۈرلىكى يۇقۇرى بولۇشى كېرەك. ھازىر مۇشۇ بلوگبۇستىكى ئۇيغۇرچە بلوگلارغا قارايدىغان بولساقمۇ، بىر قىسىم بلوگلار پۈتۈنلەي سىياسىي ۋە دىنىي مەزمۇنلار بىلەن توشۇپ كەتكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى مۇشۇ بلوگلاردىن چاتاق چىقىپ، بلوگبۇستىكى بارلىق ئۇيغۇرچە بلوگلىرىمىزمۇ ئاشۇ بلوگلار بىلەن بىر قاتاردا شامالغا ئۇچراپ كېتەرمۇ دەپ بەكمۇ ئەنسىرەيمەن.
      بۈگۈن قارىسام سەلكىن تورىدىكى بارلىق بلوگلاردا مۇنداق بىر ئۇختۇرۇش تۇرىدۇ:
      «ئۇقتۇرۇش: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، بلوگىمىزدىكى قانۇنغا خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللىغان تورداشلارنىڭ بلوگى تاقالدى، باشقا تورداشلارنىڭ بلوگىدىكى شەرقى تۈركىستانغا، بىنلادىن، ياكى باشقا تىرورچىلىققا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ئۆچۈرۋېتىشىنى، بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق مەزمۇنلارنى يوللىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىزنى قوللىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنى قوللىغىنىڭىز !»
      شۇڭا بلوگبۇستا بلوگى بار تورداشلارنىڭمۇ دىققەت قىلىشىنى، قانۇنغا خىلاپ مەزمۇن بار تېمىلارنى ياكى شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان تېمىلارنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
      2009-03-18 00:16:53
    • قاچانمۇ يىغىپ كەتكەنسىز بۇنچىلىك مۇنبەرنى تارىم ئەپەندىم. ئەجرىڭىزگە بارىكاللا !
      تارىم回复dunyakara说:
      ئۇچرىغان يەردە يىغىپ ماڭدىم. ئىشلەتكەن مۇنبەر سېستىمىسى ئوخشاش بولسىلا، يېڭى تېمىلىرىنى كۆرسىتىدىغان كودمۇ ئوخشاش بولىدىكەن. مۇشۇ قانۇنىيەتتىن پايدىلىپ نۇرغۇن مۇنەرلەرنىڭ كودىنى يىغدىم. يۇقۇرقى كودلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈن چۈشتە سىناقتىن ئۆتكەن. ئەسلىدە 70 تىن ئارتۇق مۇنبەرنىڭ كودى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 10 نەچچە مۇنبەر تاقىلىپ قاپتۇ. يەنە بىرقانچىسىنىڭ يېڭى تېمىلىرى ئۆتكەندە سىنىسام نورمال كۆرۈنىۋاتاتتى، بۈگۈن سىنىسام كۆرۈنمەي تۇرىۋالدى. شۇڭا يېڭى تېمىلىرى نورمال كۆرۈنگەن 49 مۇنبەرنىڭلا كودىنى تەمىنلىدىم.
      2009-03-17 00:45:06
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.