-
نورۇز قوشىقى - [ھېكايە-شېئىرلار]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...يىل بېشى نورۇز كۈنى
ئالەم گۈلىستان بولغۇسى.
ئاسماندىن يەر يۈزىگە
ئابۇ رەھمەت ياققۇسى.
نورۇز كەلدى، شاراپىتى ــــ
جاھان بولۇر ئەرزانلىق.
رەھمەت سۈيى ئىچىبان
مايسىلار بولۇر دانلىق.
ئاچ، ئورۇق ھەم كەمبەغەل،
بارچىغا بولۇر شاتلىق.
نانغا تويۇپ ھەر گاداي،
ئۆيىدە قىلۇر خانلىق.
توخۇلار تۇخۇم بېسىپ
چۆجىلەر كۈندۇر بۈگۈن.
كەلدى نورۇز ـــ يىل بېشى،
كەتتى كۆڭۈلنىڭ ھەسرىتى.
نورۇز بىلەن كېلەر ئەنە،
كىشىلەرنىڭ تۈركۈمى.
گۈللەر قىسىپ قىز ـــ ئوغۇل
يانچە كىيەر بۆكىنى،
مېلىس قىلىپ ئوينىشار،
ئاچۇر كۆڭۈل مۈلكىنى.
غەم- قايغۇدىن بوپ خالاس،
يايرىشار كۈندۇر بۈگۈن.
نورۇز كەلدى جاھانغا،
بېرىپ ئېيتقىن ئاتاڭغا.
ئاتاڭ بەرسۇن بىر تەڭگە،
ئاپىرىپ بەرگىن موللاڭغا.
موللاڭ بەرسۇن قۇچناچقا،
قۇچناچ سالسۇن ساندۇققا.
كەلدى نورۇز، كەلدى بۈگۈن
ئەيشى بىنا ئەتكىلى،
بارچە ئادەم كۆڭلىنى،
شادۇ- خورام ئەتكىلى.
ھەر كىشى موللىسىدىن
ئالسۇن دۇئا، كۆڭلىنى ـــ
مەرىپەتكە تولدۇرۇپ،
گۈلى ــ گۈلزار ئەتكىلى.
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
بىزنى ئۇنۋىرسال بلوگ بىلىملىرى ۋە ماتىماتىكىلىق بىلىملەر بىلەن ھارماي تەمىنلەپ كىلىۋاتىسىز ، ئەجرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر .
نورۇزلۇق قوشاقتىن ھوزۇرلاندۇرغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر تارىم ئەپەندى!بۇ قوشاق قايسى جايدا تارقالغان قوشاقتۇ؟ئارىسىدا"مېلىس"دېگەن سۆزنى ئۇچىرتىپ قالدىم.قارىغاندا قۇمۇل قوشىقى ئوخشىمامدۇ؟
ئەتىگەننىڭ ياقى كومپىيوتىرىمدا چاتاق بار ئوخشايدۇ دەپ ،سېستىمىنى ئالماشتۇرۇپتىمەن .
ئېغىر كۆرمەي بىلوگىمغا بىر كىرىپ باققان بولسىڭىز .
تارىم ئەپەندىم تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سۇئال سورايدىغان بولۇپ قالدىم .
باش بەتتىكى ھەربىر تېمىنىڭ ئاستىدىكى < ۋاقىت ،تولوق كۆرۈش ،تەھرىرلەش ........،> دىگەن ئوروندىكى ۋاقىتنى ئۆچۈرىۋەتمەكچىتىم .
قايسى ھۈججەتنىڭ ئىچىدىن تاپىمەن .
خەت شەكلىنى يوغانلاتسام بىرقۇرغا پېتىشماي قاپتۇ .قارىسام ۋاقىتنىڭ ئانچە رولى يوقكەن ،ئۆچىرىۋېتەي دىگەن .