ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • ۋاي توۋا - [ھېكايە-شېئىرلار]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    (ساتىرا)

    مۇھەممەدجان راشىدىن

     

    ماختاۋىرىپ «تالقان» نى، بولۇپ قالغاچ ماختانچاق،

    ئالغۇم كەلمەس ئاغزىمغا ئىۋەنلەرنى، ۋاي توۋا.

    چۆرەمدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ قويسام تۆت ئېغىز،

    قويارمەنمۇ رەنجىتىپ لىۋەنلەرنى، ۋاي توۋا؟!

     

    يىتىم- يېسىر كۆپەيدى، مودا بولغاچ ئاجرىشىش،

    ئەر تاللامدۇ ئايالمۇ؟ بىلەلمىدۇق، ۋاي توۋا.

    يەڭگۈشلەيدۇ  يىلدا  بىر، بەزىلىرى ئايدا بىر.

    مۇبارەكلەپ- تەبرىكلەپ كىرەلمىدۇق، ۋاي توۋا.

     

    ئاتمىش ياشلىق ئاياللار ئاۋارىدۇر  چاچ بوياپ،

    قېرىغاندا قايتىدىن «چوكان»  بولدى، ۋاي توۋا.

    «بۇلبۇل»  دەيدۇ تورغاينى بىلمىگەچكە گۆدەكلەر،

    توت- بەش ناخشا ئېيقانلار «چولپان» بولدى، ۋاي توۋا.

     

    سۇ ساغامدۇ ئىنەكتىن، بىلەلمىدۇق، ئاياللار،

    سۇ تېتىيدۇ قوشنامنىڭ ساتقان سۈتى، ۋاي توۋا.

    يۈرمەيتتىغۇ تولىسى تاھارەتسىز ئۇلارنىڭ،

    كۆيدۈرمەمدۇ ئۆلگەندە دوزاخ ئوتى، ۋاي توۋا.

     

    ھاجىلارمۇ تۇتۇلدى يۇرتىمىزدا «ئاق» سېتىپ،

    تىگىشىپتۇ ئىماننى پۇل شەيتانغا، ۋاي توۋا.

    ئىشەنچ قىلغان تاغلاردا  قېنى كىيىك ياتقىنى؟

    شەك چۇشكەندە بولدىغۇ ئاپئاق نانغا، ۋاي توۋا.

     

    خەقتىن ئاشقان ئاش، دەيدۇ، ئاشنا دىگەن ئەزەلدىن،

    ئىزدەپ تېپىپ بەزىلەر ئىچىدىكەن، ۋاي توۋا.

    تىككۈچىمۇ دادىسى، سورالمىدۇق تەكتىنى،

    بىر- بىرىگە قەغەز بۆك تىكىدىكەن، ۋاي توۋا.

     

    قېچىپ كەتكەن قىزىنى كەپتۇ بىرى قايتۇرۇپ،

    سۇنۇپ كەتسە مەيلىكەن جانان چىنە، ۋاي توۋا.

    ئېغىر ئالماس بوپقاپتۇ بۇ ئىشنىمۇ بەزىلەر،

    بىلەلمىدۇق، بۇ ئىشتا سەۋەپ نىمە؟ ۋاي توۋا.

     

    ئەگەشكەنچە جىڭ مالغا، ساختا چىقتى زاۋۇتتىن،

    سۈرۈشتۈرەر ئادەم يوق، سېتىۋىرەر، ۋاي توۋا.

    ئارىلاشقاننىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدۇ پۇل بىلەن،

    تۇۋاقلانغان ئاكاملار كىتىۋىرەر، ۋاي توۋا.

     

    باھا چۈشتى بەيگىگە بىر- بىرىگە يول بەرمەي،

    قانداق قىلار نامراتلار گۆش سېغىنسا؟ ۋاي توۋا.

    ئاينىغانلار، ئازغانلار يىغالماستىن نەپسىنى،

    يەپ تۇراركەن قانۇندىن مۇشىت سېغىنسا، ۋاي توۋا.

     

    ئېكران بىلەن رادىئو نىكاھلاندى «ئېلان» غا،

    ئايرىلماستىن ئۆمۈرلۈك ئۆي بولارمىش، ۋاي توۋا.

    چۈشۈپ كەتتى مەشرەپمۇ «ئېلان» تۈزگەن پىلانغا،

    نىمە دىسەماقۇل، دەپ بويسۇنارمىش، ۋاي توۋا.

     

    «ئېلاننىڭمۇ خۇمارى تۇتامدىكەن» دەپ قالدۇق،

    ئېزىقتۇردى پۇل دۆيۈز «چولپان» لارنى، ۋاي توۋا.

    پاك بوپقاپتۇ تۇيۇقسىز سېھىرلىنىپ ئۇلارمۇ،

    ئاڭلىماسكەن ئەپسۇسلۇق چۇقانلارنى، ۋاي توۋا.

     

    ئۇنۋان ئالماق ئېقىمدۇر ئۈچيۈز كويدىن پۇل تۆلەپ،

    كىملەرگىدۇر يازدۇرۇپ ماقالىنى، ۋاي توۋا؛

    تۈلكە بولدى تالايلار يالغان ئىيتىپ بىر ئەپچىل،

    ئالدىغاندەك ئورماندا خاقانىنى، ۋاي توۋا.

     

    مىللىتىنى سورىساڭ، «ئۇرغۇي» دەيدۇ بەزىلەر،

    ئاۋارە بىز «ئۇيغۇر» غا ئۆگىتەلمەي، ۋاي توۋا.

    ساراڭمۇ بىز، ساقمۇ بىز؟ توختاپ قالدى قەلىمىم،

    بۇ ئىشلارنى يېزىپمۇ تۈگىتەلمەي، ۋاي توۋا!...

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:شېئىر
  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • [dAva:0] مەن مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىمنىڭ شېرىلىرىنى تولىمۇ ياختۇرىمەن . سىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى شېرىلاردىن بىزنى بەھرىمەن قىلغىنىڭىزغا رەھمەت تارىم ئەپەندىم قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن .
      تارىم回复ساداقەت说:
      رەھمەت. داۋاملىق كىلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
      2010-10-23 22:57:12
    • قالتىس! مەنىسى چوڭقۇر، ھەقىقى ئىشلار يېزىلىپتۇ، ئاۋۇ "ئىكران بىلەن رادىئو نىكاھلاندى ئېلانغا" دىگەن مىسراچۇ تېخى...شائىر ھەقىقى تالانتلىق كىشى-دە ، ئۆمرىنى ئۈزۈن قىلسۇن !
      تارىم回复dunyakara说:
      مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ تالانتىغا ھەقىقەتەن قول قويماي تۇرالمايمىز.
      2009-03-19 23:55:16
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.