-
بلوگقا رەسىم يوللاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...ھازىرغىچە بلوگبۇستا ئۇيغۇرچە بلوگ قۇرغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بلوگقا رەسىم يوللاشتا، رەسىمنى يەنىلا بلوگبۇس تەمىنلىگەن ھۆججەت يوللاش بوشلۇقى( يەنى ئارقا سەھنىدىكى 文件管理 دىگەن يەردىكى بوشلۇق ) غا يوللاۋاتىدۇ. بۇ قاراپ تۇرۇپلا بوشلۇقنى ئىسراپ قىلغانلىق. مەن تۆۋەندە بلوگقا رەسىم يوللاشنىڭ ياخشى بىر ئامالىنى تونۇشتۇرىمەن.
ئاۋال يېڭى تېما يوللاش كوزنىكىنى ئاچىمىز. ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان ئورۇننى چېكىمىز.
يېڭىدىن ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ ئوڭ يۇقۇرى تەرىپىدىكى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك قىزىل خەتنى چېكىمىز:
تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان، ئىسترىلكا كۆرسەتكەن ئورۇننى چېكىمىز:
تۆۋەندىكىدەك بىر تور بەت ئېچىلىدۇ:
بۇ رەسىمدە 立即注册 دىگەن ئورۇندىن 3 ى بار. خالىغان بىر تۈرنى تاللاپ تىزىملىتىمىز. مەن سولدىكى تۈرنى تاللىدىم. بۇ چاغدا يېڭى بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ، تۆۋەندىكىدەك:
يۇقۇرقى رەسىمدىكى بوش ئورۇنلارنى تولۇق توشقۇزۇپ، 注册 كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. بۇ چاغدا تىزىملىتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ. تۆۋەندىكىدەك:
ئەمدى بىز بايا تىزىملاتقان خەت ساندۇقىمىزغا كىرىپ، خەت ساندۇقىمىزغا كەلگەن ئۇچۇردىكى تۆۋەندىكىدەك ئادرىسنى چېكىمىز:
شۇنىڭ بىلەن تىزىملىتىش ئاخىرلىشىدۇ. ئەمدى بىز تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرۈنگەن بەتكە قايتىمىز:
رەسىمدىكى ئىسترىلكا كۆرسەتكەن ئورۇنغا يۇقۇرىدىن 5-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بەتتە تىزىملاتقان ئىسىم ۋە مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈپ، بايا ئالغان ئەلبۇم بوشلۇقىنى بلوگىمىزغا باغلايمىز. مەشغۇلات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ:
رەسىمدىكى ئىسترىلكا كۆرسەتكەن ئورۇندىكى خەتنى چېكىپ رەسىم يوللايمىز. يوللىنىپ بولغاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈش تۆۋەندىكىدەك:
رەسىمنىڭ ئاستىدىكى 小، 中، 大، 原 دىگەن 4 دانە خەتنىڭ خالىغان بىرسىنى چەكسەك، رەسىم تېما يوللاش رامكىسىغا قوشۇلىدۇ. ئاندىن يۇقۇرقى رەسىمنىڭ ئوڭ يۇقۇرقى بۇرجىكىدىكى 关闭 دىگەن خەتنى چېكىپ تېما يوللاش كۆزنىكىگە قايتىمىز. رەسىمدىكىدەك:
قانداق بۇ ياخشى ئامالمىكەن؟ ئەمىسە سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ. چۈشەنمىگەن جاي بولسا، ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
بىلوگىڭىزنىڭ ئۇستىدىكى رەسىمنى قانداق ئالماشتۇردىڭىز،
ئولچىمى قانچە؟ بارلىق يازمىلار دىگەننى قانداق ئۆزگەرىتتىڭىز؟
ئاندىن ياندىكى تىما ئالدىغا قويۇلغان رەسىمنى قانداق قوشىمىز؟
ياردەم قىلسىڭىز بولاتتى.
مەن قانچە قىلىپمۇ ئالماشتۇرالمىدىم
2-سۇئالغا جاۋاب: رەسىم ئادرىسى بار يەردىكى width: نىڭ كەينىدىكى سان رەسىمنىڭ كەڭلىكىنى بىلدۈرىدۇ. height: نىڭ كەينىدىكى سان رەسىمنىڭ ئىگىزلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
3-سۇئالغا جاۋاب: ماۋۇ ئادرىستىكى تېمىنى كۆرۈڭ. logs/28603977.html
4-سۇئالىڭىزدىكى « ياندىكى تىما ئالدىغا قويۇلغان رەسىم» دىگىنىڭىز قايسى رەسىمنى كۆرسىتىدىكىن؟ بۇنى بىلەلمىدىم. بۇ سۇئالنى تەپسىلىيراق بايان قىلسىڭىز بوپتىكەن.
ماۋۇنىڭ ئادرىسىنى باشقا بىكەتكە چاپلاپ يوللاپ باقتىڭىزمۇ باشقا بىكەتەلردىمۇ نورمال كۆرۈنۈمەدىكەن،شۇنداق بولسا مۇشۇنى ئىشلەتسەك بەكلا ياىشى بولاتتى .