ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • ماتېماتىكا 数学 - [ماتېماتىكا تارىخى]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

     

     

    ماتېماتىكا رېئال دۇنيانىڭ بوشلۇقتىكى شەكىللىرى ۋە سانلىق مىقدارلار مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە چوڭ- كىچىكلىكنى سېلىشتۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن سان چۈشەنچىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كونكىرىت مەلۇم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ماددىلاردىن بەزى ئاددىي گېئومېترىك شەكىل ۋە جىسىم ئۇقۇملىرى بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا بەزى ماتېماتىكىلىق بىلىملەر توپلانغان. XVI ئەسىرگە كەلگەندە ئارىفمېتىكا، ئېلېمېنتار ئالگېبرا، ئېلېمېنتار گېئومېترىيە ۋە ترىگونومېترىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلېمېنتار ماتېماتىكا ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتى. XVII ئەسىردە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى تەبىئىي پەنلەرنىڭ ۋە تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن، كىشىلەر ئۆزگەرگۈچى مىقدار چۈشەنچىسىگە ئىگە بولدى، بۇ، ماتېماتىكا تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتا بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ماتېماتىكا ئۆزگەرمەس مىقدارلار بىلەن يەككە- يېگانە شەكىللەرنىلا تەتقىق قىلىپ قالماستىن، بەلكى ئۆزگىرىش جەريانىدىكى مىقدارلار بىلەن مىقدارلار ئارىسىدىكى بىر- بىرىنى تاقەززا قىلىش مۇناسىۋىتى ۋە شەكىللەرنىڭ بىر- بىرىگە ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنىمۇ تەتقىق قىلىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەرىكەت ۋە دىئالېكتىكا ئىدىيىلىرى ماتېماتىكىغا كىردى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن تەبىئەت ھادىسىلىرىگە قارىتا مۇقىم مىقدارلىق تەتقىق قىلىش، سان ئۆزگىرىشى بىلەن سۈپەت ئۆگىرىشىنىڭ بىر- بىرىگە ئايلىنىشى ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ۋە ئۇلاردىن پايدىنىلىشقا توغرا كەلدى؛ شۇ سەۋەپتىن ماتېماتىكىنىڭ تەتقىق قىلىدىغان دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، مەزمۇنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. ماتېماتىكىنىڭ نەزەرىيىلىرى، كۆپىنچە، ئىنتايىن ئابىستراكىت كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەينى ۋاقىتتا رېئال دۇنيانىڭ بوشلۇقتىكى شەكىللىرى ۋە سانلىق مىقدارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرگەنلىكتىن، تەبىئىي پەنلەرنىڭ ۋە تېخنىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىشى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھېسابلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، ئۇنىڭ بۇنداق رولى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. مەزمۇن جەھەتتىن ئالغاندا، ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسى ئادەت بويىچە ماتېماتىكىلىق لوگىكا، سانلار نەزەرىيىسى، ئالگېبرا، گېئومېترىيە، توپولوگىيە، فۇنكسىيىلەر نەزەرىيىسى، فۇنكسىئونال ئانالىز، دىففېرېنسىئال تەڭلىمە، ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ۋە ماتېماتىكىلىق ستاتىستىكا، ھېسابلاش ماتېماتىكىسى قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوپېراتسىيە نەزەرىيىسى، كونترول نەزەرىيىسى قاتارلىق بەزى چەت پەنلەرمۇ بارلىققا كەلدى.

    مەنبە: قىسقىچە ماتېماتىكا لۇغىتى


    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.