-
ھەممىمىز ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى (1) - [مـاتـېـمـاتـىـكـا]
ھەممىمىز ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى!
[ئەنگىلىيە] D.A جونسون، W.H گلېن يازغان.
تۇرسۇن روزى تەرجىمە قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىرى: ئەكرەم خەمىدى
پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى شىنجاڭ ئۇيغۇر، قازاق شۆبىسى
1984-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى
1984-يىلى 12-ئاي 1-بېسىلىشى
مەزمۇننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
بۇ كىتاپچىدا ماتېماتىكىنىڭ مۇھىم تارماقلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە مەشھۇر ماتېماتىكلارنىڭ ھاياتىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. كىتاپچىدا ماتېماتىكىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىشلىتىش ئورۇنلىرىنى جانلىق، راۋان تىل بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى. كىتاپچىغا كۆپلىگەن قىزىقارلىق كۆنۈكمىلەر قىستۇرۇلدى، ئاخىرىغا جاۋابى قوشۇمچە قىلىندى. مەزمۇنى تېيىزراق بولغاچقا، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرستىن سىرت ئوقۇپ كۆرسە ياكى ئوتتۇرا مەلۇماتلىق كىتاپخانلار پايدىلانسىمۇ بولىدۇ.
مۇقەددىمە
بۇ كىتاپنى يېزىشتىن مەقسەت ــــــ سىزگە ماتېماتىكىنىڭ ئومۇمى كۆرۈنۈشىنى كۈزىتىش نۇقتىسىنى تەقدىم قىلىشتىن ئىبارەت. سىزدىن، ماتېماتىكىنىڭ قانداق بىر پەن ئىكەنلىكى، ماتېماتىكلار قانداق ئىشلەيدىغانلىقى ھەمدە ئاساسلىق ماتېماتىكا تارماقلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە يۈزەكى بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قېلىشىڭىزنى، جۈملىدىن، ماتېماتىكىدا يېڭى چۈشەنچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىغا كۆز يەتكۈزەلەيدىغان بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە، تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزلا خۇددى بىر سەرگۈزەشتىلەر ھېكايىسى ئوقۇغاندەك ياكى بىرەر سىرلىق ئۆڭكۈرنى تەكشۈرۈپ ئايلانغاندەك چەكسىز قىزىقىش ھىس قىلىسىز. ماتېماتىكىدا ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن قىزىق خەۋەرلەر، قىيىن مەسىلىلەر، ھېسابلاش تېخنىكىلىرى ۋە نۇرغۇن كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق ئىدىيىلەر بار. مۇبادا سىز ئۆزلىكىڭىزدىن ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە كىرىشكەندە مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنسىڭىز، ئۇ چاغدا يېڭى چۈشەنچىلەردىن ئىختىرا قىلىشنىڭ لەززىتىنى ھىس قىلالايسىز.
بۇ كىتاپچىنى ئوقۇۋاتقاندا، ھېكايە- رومانلار تۈرىدىكى كىتاپلارنى ئوقۇغانغا قارىغاندا، تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇشىڭىز كېرەك، باشلىنىشتىلا ئاستا- ئاستا ئوقۇشىڭىز لازىم. ئەگەر بىرەر جۈملە ياكى بىرەر ئابزاس سۆزنى تازا ئېنىق چۈشىنىپ كېتەلمىسىڭىز ھىچ ۋەقەسى يوق، سەۋىرچان بولغىنىڭىز ياخشى. ماتېماتىكا كىتاپلىرىنى ئوقۇغاندا، ئالدىڭىزغا قەغەز قويۇپ، قولىڭىزغا قەلەم ئېلىشقا ئادەتلىنىشىڭىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئېرىنمەي مەشىق قىلىپ، ئېرىنمەي شەكىل سىزىپ كىتاپلاردىكى تاپشۇرۇقلارنى تولۇق ئىشلەپ تۇرسىڭىز، ئۇ ھالدا، ئوقۇۋاتقان مەزمۇنلارنى ئوڭايلا ئۆزلەشتۈرۈپ كېتەلەيسىز.
بۇ كىتاپچىنى ئوقۇغىنىڭىزدا، باشقا ماتېماتىكا ھەۋەسكارلىرىغا ئوخشاش ماتېماتىكىنى بېرىلىپ ئۆگىنىشنىڭ لەززىتىدىن بەھرىمان بولىشىڭىزغا تىلەكداشمىز.
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
评论
شۇ ماتماتكىدا ھەي ....قانداق قىلسام ياخشى ئوگەنگلى بولدىغىننى تازا بىلەلمىدىم ......سىزنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ قانداق قىلغاندا ماتماتكىنى ياخشى ئۆگەنگىلى بولدۇ ....مۇشۇ توغىرسىدا ماڭا ئازىراق تەلىم بەرگەن بولسىڭىز .....سىزگەكوپ رەھمەت ئېتقان بولاتتىم ....جاۋابنى كۇتمەن .....
جاۋابنى مىنىڭ بلۇگىمغا قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز .....بلۇگنى يېڭليالماي قالدىم پات ئاردا تېخىمۇ يېڭى مەزمۇن بىلەن بىلۇگمى گۇللەندۇرۇشكە تىرشمەن ....
كەچۇرۇڭ مۇناسۋەتسىز گەپلەرنى قىلىپ قويدۇم ....
ئەمسە سىزنىڭ جاۋابڭىزنى كۇتمەن ......
مەسىلەن، سىز ئىككى بۇلۇڭ يىغىندىسىنىڭ سىنۇسى ياكى كوسىنۇسى فورمۇلىسىنى پىششىق ئىگىلىۋالسىڭىز، ئۇ چاغدا ئىككى بۇلۇڭ يىغىندىسى ياكى ئايرىمىسىنىڭ باشقا ترىگونومېترىك فۇنكىتسىيىلىرى فورمۇلىلىرىنى، ھەسسىلەنگەن بۇلۇڭ ۋە يېرىم بۇلۇڭنىڭ ترىگونومېتىرىك فۇنكىتسىيىلىرى فورمۇلىلىرىنى، ترىگونومېترىك فۇنكىتسىيىلەرنىڭ يىغىندىسى ياكى ئايرىمىسىنى ترىگونومېتىرىك فۇنكىتسىيىلەرنىڭ كۆپەيتمىسىگە ئايلاندۇرۇش فورمۇلىلىرى ..... قاتارلىق بارلىق فورمۇلىلارنى ناھايىتى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرالايسىز. دەسلەپكى 1 فورمۇلىنى يادا بىلسىڭىزلا، قالغان فورمۇلىلارنى يادلىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
يەنە بىرى سىز يادا بىلىدىغان قائىدە -قانۇنىيەتلەر قانچە كۆپ بولسا، ھەرقانداق بىر مەسىلە ئالدىڭىزغا قويۇلسا، ئۇنى قايسى قائىدىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىش كېرەكلىكى دەرھاللا ئېسىڭىزگە كېلىدۇ، بولمىسا كىتاپ كۆرمىگىچە ياكى باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايانمىغۇچە مەسىلىنى ھەل قىلالمايسىز. شۇڭا ھەرقانداق بىر نەرسە ئۆگەنگەندە مۇناسىۋەتلىك قائىدە قانۇنىيەتلەرنى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئەستىن چىقمىغۇدەك دەرىجىدە ئەستە ساقلىۋېلىشقا تىرىشىش كېرەك.
مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە ئادەتلىنىڭ. ھە دىگەندىلا ئوقۇتقۇچى ياكى ساۋاغداشلىرىڭىزغا تايىنىۋالماڭ. بىر ئىشنى قىلغاندا پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن بېرىلىپ قىلىڭ، زىھنىڭىزنى باشقا ئىشلارغا چاچماڭ. شۇنداق قىلسىڭىز چوقۇم ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگۈنۈپ كېتەلەيسىز.
ھازىرچە سۇئالىڭىزغا مۇشۇنچىلىكرەك جاۋاب بېرىپ تۇراي، كېيىن مۇشۇ جاۋاپنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ تېخىمۇ كۆپرەك يول كۆرسىتىشىم مۇمكىن. يۇقۇرقىلار ئۆزۈمنىڭ تەجىربىلىرى. ئەلۋەتتە ھەركىمنىڭ مىجەز خاراكتىرى ۋە ئەتراپىدىكى مۇھىت ئوخشىمىغاچقا، ماڭا ماس كەلگەن ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى سىزگە ماس كېلىشى ناتايىن. شۇنداقتىمۇ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. يەنە تۆۋەندىكى تېمىلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ، بەلكىم پايدىسى تىگىپ قالار:
logs/29197875.html
logs/28928192.html