-
دوستانە ئۇلىنىش تىزىملىكىنى ئىخچام كۆرسىتىش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...ئۆزئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تور بېكەت ۋە بلوگلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دوستانە ئۇلىنىش تىزىملىكى بەك ئۇزىراپ كېتىپ، بلوگنىڭ كۆركەملىكىگە تەسىر يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بەزى بلوگلار ئاقما خەت كودىدىن پايدىلىنىپ (مەسىلەن، بلوگىمنىڭ باش بېتىنىڭ سول تەرىپىدىكى «خەتلىك ئۇلىنىشلار» دىگەن يەرگە قاراڭ)، دوستانە ئۇلىنىش تىزىملىكىنى ئىخچام كۆرسىتىش مەقسىدىگە يەتتى. بىراق بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ كەمچىلىكى شۇكى، ئۈستى (ياكى ئاستى) تەرەپكە كىرىپ كەتكەن بلوگلارنىڭ تىزىملىكىنى قايتا كۆرۈش ئۈچۈن بىرەر مىنۇت ئەتراپىدا ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ بىر خىل ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن ئىبارەت.
يەنە بەزى بلوگلار ئايرىم ئۇلىنىش بېتى ياساپ ئېلان قىلدى. بۇ گەرچە بىر ياخشى ئىش بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچە زىيارەتچىلەر بلوگلىرىمىزنىڭ باش بېتىنى كۆپرەك زىيارەت قىلىدۇ ھەم باش بەتتىكى ئۇلىنىش تىزىملىكىدە بار بولغان تور بېكەت ۋە بلوگلارنى جىقراق يوقلىغان بولسىمۇ، قوشۇمچە بەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بلوگلارنىڭ ھال ئەھۋالىنى سورايدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىدى.
بىزنىڭ ئۆزئارا دوستانە ئۇلىنىش قىلىشتىن مەقسىدىمىز ــــ بلوگلىرىمىزنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىش، مۇشۇنداق بىر بلوگىمىزنىڭ بار ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.
مەن بۇ تېمىدا دەل مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن. ئاۋال تۆۋەندىكى ئىككى ئادرىسنى زىيارەت قىلىپ چىقىڭ:
http://filer.blogbus.com/4293141/resource_42931411276358894f.htm
http://filer.blogbus.com/4293141/resource_42931411276367887z.htm
ئاندىن كېيىن بلوگىمنىڭ بەش بەت ئوڭ تەرەپتىكى «رەسىملىك ئۇلىنىش» ۋە «تەۋسىيىلىك تېما» دىگەن جايلارغا بىر قېتىم قاراپ بېقىڭ.
ئەمدىغۇ مېنىڭ بۇ تېمىدا نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى بىلگەنسىز.
ئاۋال Front Page دا يۇقۇرقىدەك htm بەتتىن بىرنى ياسايسىز، ئاندىن ئۇنى بلوگىڭىزنىڭ بوشلۇقىغا يوللايسىز، ئاخىرىدا تۆۋەندىكى كودتىكى تور بەت ئادرىسىنى بايا يوللىغان htm ھۆججەتنىڭ ئادرىسىغا ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن كېيىن كودنى 自定义HTML نىڭ ئىچىگە چاپلىسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
melek413@foxmial.com
تارىم بلوگىنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشقىلى بىر يىلدىن ئاشقاندۇ.