-
ONKYO ئۇسلۇبى تەرجىمە قىلىندى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...يېقىندىن بىرى بلوگبۇستىكى تەرجىمىسىز قالغان جايلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، يېڭى ئۇسلۇب ياساش ياكى بلوگبۇس تارقاتقان ئۇسلۇپلارنى تەرجىمە قىلىشقا ۋاقىت ئاجرىتالمىغان ئىدىم. ئاخىرى بۇ ئىشلارمۇ بىرەر قۇر بېسىقتى. بۈگۈن بلوگبۇس تارقاتقان ONKYO ناملىق ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلدىم. بۇ ئۇسلۇب ناھايىتى رومانتىك، چىرايلىق ئۇسلۇپكەن.
بۇ ئۇسلۇپنىڭ تەرجىمە ھۆججىتىگە ئۆتكەن قېتىم دىققەتسىزلىكتىن كۆرمەي قالغان بىر قىسىم خەنزۇچە خەتلەرنىڭ تەرجىمىسى يەنە يېڭىدىن قوشۇلدى. خەنزۇچە تىنىش بەلگىلىرىنىڭ تور كۆرگۈچتە كاتەكچە بولۇپ كۆرۈنىۋېلىش مەسىلىسى تولۇق ھەل قىلىندى.
ئەسكەرتىش: بۇنىڭدىن كېيىن تەرجىمە ھۆججىتى ئايرىم تېما يوللاپ تارقىتىلمايدۇ. ئەڭ يېڭى تەرجىمە ھۆججىتىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، بلوگىمدا تارقىتىلغان ئەڭ يېڭى ئۇسلۇپنىڭ Head ھۆججىتىدىن پايدىلىنىڭ.
ONKYO ئۇسلۇبىنىڭ خەنزۇچە كۆرگەزمە ئادرېسى:
ONKYO ئۇسلۇبىنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرگەزمە ئادرېسى:
ئۇسلۇب كودىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://filer.blogbus.com/4293141/resource_4293141_12789567539.rar
ئۇسلۇب شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈۋېلىڭ:
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
评论
خەت ساندۇقۇم:
uyghurlar@yeah.net
باشقۇرۇش سەھىپىسىدىكى 写新日志نى پەقەت ئۇيغۇرچىلاشتۇرالمىدىم.كودنىغۇ ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەيلا چاپلىغان ئىدىم بولمىسا.ھەل قىلىشقا بولارمۇ؟
قارىغاندا سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تور كۆرگۈچىسىدە مەسىلە باردەك قىلىدۇ ياكى بولمىسا بلوگىڭىزنىڭ eot ھۆججىتى يوق ھەم كومپيۇتېرىڭىزغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانمىغان. شۇڭا خەتلەر ئەرەپچە خەتلەردەك كۆرۈنگەن بولسا، شۇنىڭغا قاراپ خەتلەر ئۇلانمايۋاتىدۇ دەۋاتامسىز يا؟
تارىم ئەپەندى بۇ ئۇسلۇپ نورمال ئەمەسكەن مەنمۇ ئىشلەتكەن بىرى خېتى ئۇلاشماپتۇ دىسە بىرى قۇرۇق ھېچنىمە يوق داۋاتىدۇ
بولسا تور كۆرگۈچىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىڭ.
خەنزۇچە خەتلەر يانا ئۆزگەرمەپتۇ . مۇشۇ خەتلەرنى بىركۆزدىن يوقىتىشنى ئامالىنى كۆرسىتىپ قويغان بولسىڭىز .
ئايرىم تېما قىلىپ يوللاۋەرسەم خۇددى ‹‹ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى ›› ، ‹‹ھەۋەسكارنىڭ يەنە بىر ھەۋىسى›› ، ‹‹ھەۋەسكارنىڭ كېيىنكى ھەۋىسى›› ، .... دىگەندەك، ‹‹ .... يېڭىلاڭ››، ‹‹...... يەنە يېڭىلاڭ›› ، ‹‹ .... يەنە بىر قېتىم يېڭىلاڭ›› ، .... دەۋېرىپ، دەيدىغان گەپمۇ تۈگەپ قالدى. ئەمدى نىمە دەپ ماۋزۇ قويۇشنى ئۆزۈممۇ بىلەلمىدىم. شۇڭا يۇقۇرقىدەك ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ قويدۇم.
بۇ كودنى Detail نىڭ ئىچىدىكى
نىڭ ئاستىغا چاپلاپ قويۇڭ.
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.