ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • ONKYO ئۇسلۇبى تەرجىمە قىلىندى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    يېقىندىن بىرى بلوگبۇستىكى تەرجىمىسىز قالغان جايلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، يېڭى ئۇسلۇب ياساش ياكى بلوگبۇس تارقاتقان ئۇسلۇپلارنى تەرجىمە قىلىشقا ۋاقىت ئاجرىتالمىغان ئىدىم. ئاخىرى بۇ ئىشلارمۇ بىرەر قۇر بېسىقتى. بۈگۈن بلوگبۇس تارقاتقان ONKYO ناملىق ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلدىم. بۇ ئۇسلۇب ناھايىتى رومانتىك، چىرايلىق ئۇسلۇپكەن.

    بۇ ئۇسلۇپنىڭ تەرجىمە ھۆججىتىگە ئۆتكەن قېتىم دىققەتسىزلىكتىن كۆرمەي قالغان بىر قىسىم خەنزۇچە خەتلەرنىڭ تەرجىمىسى يەنە يېڭىدىن قوشۇلدى. خەنزۇچە تىنىش بەلگىلىرىنىڭ تور كۆرگۈچتە كاتەكچە بولۇپ كۆرۈنىۋېلىش مەسىلىسى تولۇق ھەل قىلىندى.

    ئەسكەرتىش: بۇنىڭدىن كېيىن تەرجىمە ھۆججىتى ئايرىم تېما يوللاپ تارقىتىلمايدۇ. ئەڭ يېڭى تەرجىمە ھۆججىتىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، بلوگىمدا تارقىتىلغان ئەڭ يېڭى ئۇسلۇپنىڭ Head  ھۆججىتىدىن پايدىلىنىڭ.

  • يېڭى ئۇسلۇپ ــــ «ئالماس» - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    بۇ ئۇسلۇپ ھەققىدە ئارتۇقچە بىرنىمە دىمىسەممۇ بولار، يەنىلا بلوگگىر دوستلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقاي.

    ئۇسلۇپ شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈۋېلىڭلار: