-
ئۈچبۇلۇڭنىڭ بەش مەركىزى - [مـاتـېـمـاتـىـكـا]
ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى مەركىزى، تاشقى مەركىزى، ئېغىرلىق مەركىزى، تىكلەر مەركىزى ۋە يان مەركىزى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئۈچبۇلۇڭنىڭ بەش مەركىزى دىيىلىدۇ.1. ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى [三角形的外心] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ تەرىپىنىڭ تىك تەڭ بۆلگۈچى سىزىقلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئۇ ئۈچبۇلۇڭغا سىرتتىن تېگىشكەن چەمبەرنىڭ مەركىزى بولىدۇ. تار بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچىدە ياتىدۇ. تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى ئۇنىڭ يانتۇ تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى بولىدۇ. كەڭ بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى ئۈچبۇلۇڭنىڭ سىرتىدا ياتىدۇ.
ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى ھەققىدىكى تېئورېما [三角形外心定理] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ تەرىپىنىڭ تىك تەڭ بۆلگۈچى سىزىقلىرى بىر نۇقتىدا كېسىشىدۇ ۋە بۇ نۇقتىدىن ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئۈچ چوققىسىغىچە بولغان ئەرىلىقلار ئۆز ئارا تەڭ بولىدۇ.
2. ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەركىزى [三角形的垂心] : ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئۈچ ئىگىزلىكىنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ داۋامىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەركىزى دەپ ئاتىلىدۇ. تار بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەركىزى ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچىدە ياتىدۇ. تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەركىزى ئۇنىڭ تىك بۇلۇڭلۇق چوققىسى بولىدۇ. كەڭ بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەركىزى ئۈچبۇلۇڭنىڭ سىرتىدا ياتىدۇ.
ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەركىزى ھەققىدىكى تېئورېما [三角形垂心定理] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ ئىگىزلىكى ياكى ئۇلارنىڭ داۋامى بىر نۇقتىدا كېسىشىدۇ.
3. ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى [三角形的重心] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ مېدىئانىسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى دىيىلىدۇ. ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىغىرلىق مەركىزى ئۈچبۇلۇڭنىڭ چوققىسىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ھەرقايسى مېدىئانا ئۇزۇنلۇقلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىگە تەڭ بولغان ئورۇندا ياتىدۇ.
ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ھەققىدىكى تېئورېما [三角形重心定理] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ مېدىئانىسى بىر نۇقتىدا كېسىشىدۇ، بۇ نۇقتا بۇلۇڭ چوققىسىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، مېدىئانىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىگە تەڭ بولغان ئورۇندا ياتىدۇ.
4. ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى مەركىزى [三角形的内心] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ بىسسېكترىساسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى مەركىزى دىيىلىدۇ. ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى مەركىزى ئۈچبۇلۇڭغا ئىچتىن ئۇرۇنغان چەمبەرنىڭ مەركىزى بولىدۇ.
ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى مەركىزى ھەققىدىكى تېئورېما [三角形内心定理] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ بىسسېكترىساسى بىر نۇقتىدا كېسىشىدۇ ۋە بۇ نۇقتىدىن ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ تەرىپىگىچە بولغان ئارىلىقلار ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ.
5. ئۈچبۇلۇڭنىڭ يان مەركىزى [三角形的旁心] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىككى بۇلۇڭىنىڭ تاشقى بۇلۇڭلىرىنىڭ بىسسېكترىسالىرى بىلەن ئۈچىنچى بۇلۇڭىنىڭ ئىچكى بۇلۇڭ بىسسېكترىساسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئۈچبۇلۇڭنىڭ يان مەركىزى دىيىلىدۇ. ئۈچبۇلۇڭنىڭ يان مەركىزى ئۈچبۇلۇڭغا ياندىن ئۇرۇنىدىغان چەمبەرنىڭ مەركىزى بولىدۇ. ھەربىر ئۈچبۇلۇڭدا ئۈچ دانە يان مەركەز بولىدۇ.
ئۈچبۇلۇڭنىڭ يان مەركىزى ھەققىدىكى تېئورېما [三角形旁心定理] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ بىر ئىچكى بۇلۇڭىنىڭ بىسسېكترىساسى بىلەن قالغان ئىككى ئىچكى بۇلۇڭنىڭ تاشقى بۇلۇڭلىرىنىڭ بىسسېكترىسالىرى بىر نۇقتىدا كېسىشىدۇ ھەمدە بۇ نۇقتىدىن ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئۈچ تەرىپى ياتقان تۈز سىزىقلارغىچە بولغان ئارىلىقلار ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ.
مەنبە: قىسقىچە ماتېماتىكا لۇغىتى
收藏到:Del.icio.us
ئۈچبۇلۇڭنىڭ بەش مەركىزى
Blog:باشلىنىش بىلوگ2009-02-22 16:58:42
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
评论
بلوگىڭىزدىكى ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئاستىدىكى يۇللاش كۇنۇپكىسىدىكى خەت نورمال كۆرۈنمەيدىكەن. بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن مۇنداق قىلىڭ:
Css نىڭى ئىچىدىن #commentForm .button دىگەن يەرگە font-family: Ukij Tuz Tom; دىگەن كودنى قوشۇپ قويۇڭ.
سىز ئەڭ ياخشىسى ئارامگاھ ئەپەندى تەمىنلىگەن «ئىنكاس رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش كودى» نى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ. بۇ ئاشۇ كودنىڭ ئىشىمىكىن دەيمەن.
«ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ»
Css نىڭ ئىچىدىن commentForm textarea دىگەن يەرنى تېپىپ، ئۇنىڭ كەينىدىكى تىرناقنىڭ ئىچىگە font-family: Ukij tuz tom; دىگەن كودنى چاپلاڭ.
{#powered_by}
تارىم ئەپەندى ، بىلوگىڭىزدىكى RSS ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى Google غا قاتىدىغان جايلىرىنى قانداق چىقارغانلىقىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن . مەن ئۇلارنى چىقىرالمىدىم .