-
分享 دىگەن خەتنى «ئورتاق بەھىرلىنىش» دىگەن خەتكە ئۆزگەرتىۋېلىڭ - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...بۈگۈن چۈشتە كومپيۇتېرنى ئېچىپلا بلوگىمغا بىر قاراپ باقاي دەپ تورنى ئاچسام، ئەڭ ئالدى بىلەن كۆزۈم چۈشكىنى بلوگدىكى «تەۋسىيە» دىگەن خەتنىڭ ئورنىدا « 分享 » دىگەن خەتنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنى بولدى. بۇ نىمە ئىشتۇ دەپ ئويلاپ باشقا ئۇيغۇرچە بلوگلارغا قاراپ باقسام ئۇلارنىڭمۇ «تەۋسىيە» دىگەن يېرى « 分享 » غا ئۆزگىرىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بلوگ ئارقا سەھنىسىگە كىرىپ، Head ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى « 推荐 » دىگەن خەتنى «分享» دىگەن خەتكە، «تەۋسىيە» دىگەن خەتنى «ئورتاق بەھىرلىنىش» دىگەن خەتكە ئۆزگەرتتىم.
ئەسكەرتىش: مەن تارقاتقان بلوگ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودىنى ئىشلەتكەنلەر يۇقۇرقى ئۇسۇل بويىچە ئۆزگەرتىۋالساڭلار بولىدۇ. « 推荐 » دىگەن خەت 2 يەردە بار، ھەر ئىككىلىسىنى « 分享 » دىگەن خەتكە ئۆزگەرتىمىز.
ئارامگاھ ئەپەندى تارقاتقان ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودىنى ئىشلەتكەنلەر ئارامگاھ ئەپەندىدىن مەسلىھەت سوراڭلار.
مەن تارقاتقان ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودى ھەققىدىكى تېما تۆۋەندىكى ئادرىستا:
logs/28603977.html
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
لېكىن 分享 نى "ئوپچە" دەپ قىسقا ئاتىساق بولمامدۇ؟
بۇنداق قىلغاندا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودىنىڭ مەزمۇنى كۆپىيىپ كالامپايلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق بلوگبۇستىن ئازراق ساۋادى بار ئادەم بۇ كودنى ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن خالىغانچە تەھرىرلىيەلەيدۇ.