ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • ياردەم سورىغۇچىلار سەمىگە - [ياردەم سوراش ئورنى]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    بلوگگېر دوستلارنىڭ بلوگ ھەققىدە ياردەم سورىغان سۇئاللىرىنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىشى ھەم ئوخشاش سۇئال ۋە جاۋابنىڭ قايتا-قايتا تەكرارلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بلوگگېر دوستلارنىڭ يولۇققان مەسىلىلەرنى تىز ھەل قىلىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم. بلوگگېر دوستلارنىڭ ئىلگىرى سورىغان بىر قىسىم مۇھىم ياردەم سۇئاللىرى ھەم ئۇنىڭ جاۋابلىرىنى بۇ تېما ئاستىغا بىر-بىرلەپ يۆتكەپ كېلىمەن. بلوگگېر دوستلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق مەزمۇندىكى ئىنكاسلارنى يازغاندا، ئىنكاسنى ماس كەلگەن تېما ئاستىغا يوللىشىنى، ئەگەر ئىنكاسقا ماس كېلىدىغان تېمىنى تاپالمىغاندا، ئىنكاسنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېما مەزمۇنى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىنكاسلار  بۇنىڭدىن كېيىن بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ ھەم جاۋاب بېرىلمەيدۇ. مېنىڭ بۇنداق دىيىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىر قىسىم سەزگۈر بلوگگېرلار ئاللىقاچان بىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئوخشاش بىر تېما ئاستىدىمۇ ئاللىقاچان جاۋاب بېرىلىپ بولغان سۇئالنى قايتا سورايدىغان، تېما مەزمۇنىنى ئوقۇپلا، ئاستىدىكى ئىنكاسلار ۋە جاۋابلارنى ئوقۇمايدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ. ئوخشىمىغان تېما ئاستىدا ئوخشاش سۇئال سوراش ئەھۋالىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق.  شۇڭا يۇقۇرقىدەك ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، بلوگگېر دوستلارنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • http://bbs.uyblog.cn ga kiring blog togrisida billa pikirlixayli
    • [dAva:1]بىراق يەنىلا ئىملا نۇرمال ئەمەس
    • [dAva:1]@font-face {
      font-family: UKIJ Tuz Tom;
      font-style: normal;
      font-weight: normal;
      src: url(xxx.eot);
      }
    • [dAva:1]مەن سىز تارقاتقان ONKYO ئۇسلۇبىنى ئىشلەتكەنتىم سىز دىگەن ماۋۇ كودنىمۇ قوشتۇم
    • [dAva:1]رەخمەت سىزگەتارىم ئەپەندىم
    • [dAva:1]تارىم ئەپەندى مەن بىلوگىمغا بىر ئۇسلۇپ قاچىلىغان، لىكىن بۇ قاچىلىغان ئۇسلۇپتا ئىنكاس يازدىغان يېرى يوقكەن ،بولسا ياردەم قىسلىڭىز
    • asdfasdfasffasdfasfasfadsfsafasdfask
    • تۆرەم بلوگى نى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز
      لوگو:http://filer.blogbus.com/11617581/thumb_11617581_1322202174t.gif

      ئادىرىس:http://toram.blogbus.com/
      سىزنى مۇ قىلىپ قويدۇم!
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!سىزگە خەت يازسام ئۇزۇن بۇلۇپ كەتتى دەپ ئىنكاسم بارمايۋاتىدۇ،سىزنى باشقۇرغچىلققا تەكلىپ قىلىپ قويدۇم،ياردەم بەرسىڭىز؟ muzat422.blogbus.com
    • [dAva:0]ئالاقىلشىش ئادېرسىڭىزنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز؟چ چ بولسىمۇ بۇلىدۇ.
    • تارىم ئەپەندى! مېنىڭ بىلوگىمغا بلوگگېردىن باشقىلار ئىنكاس يازسا، ئىنكاس كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. قانداق قىلسام بولار؟
      تارىم回复Karabeg说:
      ئىنكاس يۇشۇرۇن بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئارقا سەھنىگە كىرىپ يۇشۇرۇن بولۇپ قالغان ئىنكاسلارنى كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇڭ.
      2011-02-26 18:42:34
    • [dAva:1][dAva:1]بلوگۇمنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويسىڭىز.مەنغۇ بۇرۇنلا قوشىۋالغان ئىدىم.ھەمكارلىشايلى. سىزمۇ مائارىپچى ئىكەنسىز قېرىندىشىم. مەنزىل: http://okutuxtatkikat.blogbus.com/
    • مەن سىز تەمىنلىگەن بىر نەچچە ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ بارلىق ھۆججەتلەرنى قاچىلىسام نورمال بولمىدى.
      ياردەم قىلسىڭىز. نۇرغۇن ئۇسلۇبلارنى قاچىلاپ باقتىم، پەقەتلا نورمال ئەمەس
    • [dAva:6]ھە راسىت كۆچۈرۈش چەكلەش كودىنىڭ سىز ئىشلىتىۋاتقاننى ئورنىتىپ بەرسىڭىز،ئاۋارە قىلدىم
    • [dAva:6]سالام ،مەن ئۇسۇپ ئالماشتۇرغانىدىم،كۆچۈرۈشنى چەكلەش كودى ۋە ھىجىريە كالىندارىنى قوشساممۇ ئۈنىمى كۆرۈلمىدى،يەنە بىر تەڭشەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن،مەخپى نۇمۇر ئىككى دانە 704
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تارىم ئەپەندىم بلوگدىكى يازما بىلەن يان ئىستۇننى قانداق قىلسام تەڭلەشتۇرەلەيمەن سانىنى بەلگىلىسەمۇ بولمىدى ياردەم قىلغان بولىڭىز
    • مىنىڭ بىلوگىمنىڭ خەت نۇسقىسى قۇربان ھىيتتىن كىيىن نۇرمال تونىمىدى،بۇرۇن نۇرمال ئىدى،كۆرۇپ باققان بولسىڭىز:http://paiziwat.blogbus.com/
      تارىم回复پەيزىۋات说:
      23-نويابىر كۈنى بلوگبۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپتىكەن مۇلازىمىتىردىن چاتاق چىقتى دەپ. بەلكىم بۇ شۇنىڭ ئىشى بولۇشى مۇمكىن. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ.
      2010-11-29 15:49:02
    • 3 كوي تورى سىز بىلەن ئېلان ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدۇ.
      www.3koy.com
      125*60 كەڭلىكتىكى ئېلان رەسىمىنى يوللاپ بەرسىڭىز. 3koy@sina.com
      http://www.3koy.com/mazmun.asp?id=129
    • [dAva:1]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !تارىم ئەپەندى !
      مەن سىزنىڭ ئاق كەپتەر ئۇسلۇبىڭىزنى ئىشلەتكەن لىكىن ،ئككى يېنى نورمال چىقمىدى!http://subaxi.blogbus.com
      تارىم回复سۇباشى 说:
      بۇ ئۇسلۇپ IE6.0 دە نورمال كۆرۈنىدۇ، بىراق IE.7.0 ياكى IE8.0 دە سىز دىگەندەك ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. شۇڭا باشقا ئۇسلۇپنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ. ھازىر مەن بەك ئالدىراش بولغاچقا بۇرۇن ياسىغان كونا ئۇسلۇپلارنى ئوڭشاپ قويۇشقا ۋاقتىم چىقمايۋاتىدۇ.
      2010-11-29 15:51:01
    • [dAva:4]قايتا يەنە يوللاپ قويدۇم ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالغايسىز
    • [dAva:4]سىزنى خىلى بۇرۇنلا باشقۇرغۇچى قىلىپ قويغان چىقىرۋەتمىدىم باشقۇرىۋىرىڭ
      تارىم回复بايلىق说:
      سىزنىڭ تەكلىپ قىلغان ئۇچۇرىڭىز مەن تەرەپكە كەلمىدى. مەن قوشۇمچە باشقۇرىۋاتقان بلوگلار تىزىملىكىدە سىزنىڭ بلوگىڭىز يوقكەن. Tarim68 دىگەن ئىسىمنى تەكلىپ قىلىڭ. ئىسمىمنى يازغاندا ھەرپلەرنىڭ چوڭ-كىچىك يېزىلىشىغا دىققەت قىلىڭ.
      2010-11-03 01:49:21
    • [dAva:1]ئەسسلاممۇ ئەلەيكۇم؟ سىز بەزىدە ماقالە يىزىپ يازغان ماقالىڭىزدە كود چاپلىماقچى بولسىڭىز كودنى بىر رامكا ئىچگە ئىلىپ يازىدىكەنسىز. مۇشۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرمىز؟
      تارىم回复تۇرانىم说:
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مۇشۇ ھەقتە بىر تېما يوللىسام بولغىدەك. مۇشۇنداق سۇئاللارنى كۆپرەك سورىساڭلار، ماڭىمۇ يوللىغۇدەك تېما چىقاتتى. رەھمەت سىزگە.
      2010-11-03 01:46:03
    • [dAva:1]تارىم ئەپەندى ھىلىقى زىيارەت كودنى ئەڭ ئاستىدىمۇ نۇرمال چىقىدىغان قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز
      تارىم回复بايلىق说:
      مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەيىنلىسىڭىز، سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ھەرقاچان تەييارمەن.
      2010-11-02 22:11:56
    • [dAva:1]بەھىرلىنىش دىگەن كونۇپكىنىڭ يېنىغا تىزگىنەكنى ئەككەلسەم تېگىدىكى قوشىۋالىدىغان ستونلار ئېچىلمايۋاتىدۇ. مۇشىنىڭغا ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
      تارىم回复چەۋەندازلار说:
      مېنىڭكىدىمۇ شۇنداق ئەھۋال بار. ئەمما بەت تولۇق ئېچىلىشتىن بۇرۇن مائۇسنى ئەكەلسەم تىزىملىك چىقىدۇ، بەت تولۇق ئېچىلىپ بولغاندا بولسا چىقمايدۇ. قارىغاندا باشقا بىر كود بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان ئوخشايدۇ. قايسى كود بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم.
      2010-11-02 22:09:02
    • [dAva:1]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تارىم ئەپەندى. مەن سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى بەھىرلىنىش ئۈنىمىنى ئىشلىتەيدىگەن ئىدىم، لىكىن تولۇق ئوقۇش دىگەن كود بىلەن توقىنىشىپ قېلىپ ئۈنىمى تازا ياخشى چىقمىدى.
    • [dAva:0][dAva:0][dAva:0]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تارىم ئەپەندىم، مىنىڭ بلوگىم 360 جاھاننامىسىدا نۇرمال ئىچىلمايۋاتىدۇ، ھىچىنىمە كۆرۈنمىدى، بۇنى قەيەردىن تەڭشەيمەن؟ سەۋەپ نەدە؟
      تارىم回复survivor说:
      مەن 360 جاھاننامىسىنى ئىشلىتىپ باقمىغان. مەن IE8.0 نى ئىشلىتىمەن.
      2010-10-23 22:56:20
    • [dAva:3]مىنى ئۇلىنىشقا قېتىۋالسىڭىز سىزنىمۇ قېتىۋالدىم http://xjizdan.com/blog
    • [dAva:0]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تارىم ئەپەندىم مىنىڭ بىلوگىمغا قاراپ باقسىڭىز بىرەر ھەپتە بولدى يېڭى تېما يوللىسام خەتلەر نورمال ئەمەس.
      http://www.blogbus.com/tarim68-logs/78135926.html
      تارىم回复ھونزادە 说:
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بلوگىڭىز مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا نورمال كۆرۈنىۋاتىدۇ. مېنىڭ كومپيۇتېرىمغا ئويغان، ئەلكاتىپ ۋە ئالپسوفىت قاتارلىق 3 خىل كىرگۈزگۈچ قاچىلانغان. بەلكىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بار بولغاچقا شۇنداق كۆرۈنگەن بولۇشى مۇمكىن.
      ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەگەر باشقا تور بەتتىن ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچتە يېزىلغان ماقالىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ بلوگىڭىزغا يوللىسىڭىز، خەتلەر نورمالسىز كۆرۈنىۋالىدىغان ئىشمۇ بار.
      2010-10-14 01:40:54
    • [dAva:0]كەچۈرۈڭ قاچانلاردا يۇيۇپ سالغاندىمەن ھازىرلا قىلىپ قوياي
    • [dAva:0]footer بۆلىكىدىمۇ تەرجىمە بولىدىغان قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز شۇنداقلا ئاشۇ كودنى بلوگىڭىزدا تىما يىزىپ تارقاتسىڭىز بولارمۇ؟
      تارىم回复بايلىق说:
      بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم تېما يوللاپ يۈرمىسەممۇ بولار، ئەمما سىز ئۈچۈن تەرجىمە قىلىۋېتەي دىسەم، باشقۇرغۇچىلىق ئەمىلىمنى ئېلىپ تاشلىۋېتىپسىز. ئەتە كەچتە كيۇ-كيۇدا ئالاقىلىشىلى.
      2010-10-12 17:11:04
    评论分页:共5页 1 2 3 4 5 下一页 最后一页
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.