-
تارىم بلوگىنىڭ PR قىممىتى 3 كە چىقتى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...ئىلگىرى بلوگىمنىڭ PR قىممىتىنى كۆرسىتىش كودىنى
دىن ئالغان ئىدىم. تۈنۈگۈنگىچە بلوگىمنىڭ PR قىممىتى بلوگىمدا 2 دەپ كۆرۈنىۋاتاتتى. بۈگۈندىن باشلاپ بلوگىمنىڭ PR قىممىتى 3 كە ئۆرلەپتۇ. بىراق بلوگىمدا 0 دەپ كۆرۈنىدىغان بولىۋالدى. يۇقۇرقى بەتكە كىرىپ تەكشۈرسەم 3 دەپ چىقىدۇ، كودنى قايتا ئېلىپ بلوگىمغا قويۇپمۇ باقتىم، يەنىلا شۇ 0 دىگەن كاساپەت گۆشىيىپ قاراپلا تۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن PR قىممىتىنى كۆرسىتىش كودى بىلەن تەمىنلەيدىغان باشقا تور بېكەتلەردىن كود ئېلىپ بلوگىمغا قويۇپ باقسام بولمامدۇ دىگەن خىيال بىلەن
غا كىرىپ 显示PageRank 代码 دىگەن خەتنى يېزىپ ئىزدىسەم، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇردىن 853000 دانىنى ئىزدەپ تېپىپ بەردى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى
http://tool.114la.com/pagerank.html
دىن تۆۋەندىكى PR قىممىتىنى كۆرسىتىش كودىنى كۆچۈرۈپ ئالدىم:
网址&s=3" style="border:0px;" alt="PageRank" align=absmiddle>
ئاندىن كېيىن بۇ كود ئارىسىدىكى网址 دىگەن خەتنى tarim68.blogbus.com غا ئۆزگەرتتىم. ئارقىدىن بۇ كودنى Index بىلەن Detail نىڭ ئىچىگە چاپلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بايا 0 دەپ كۆرۈنىۋالغان PR قىممىتى ئەمدى 3 دەپ كۆرۈندى.
ئىزاھات: ئۆتكەندە شادلىق بلوگىنىڭمۇ PR قىممىتىنى 2 دىن تۇيۇقسىز 1 گە ئۆزگىرىۋېلىپ، ئەسلىدىكى قىممەتنى نورمال كۆرسىتىشكە ئامال بولمىغانلىقى ئۈچۈن كودنى ۋاقتىنچە ئېلىۋېتىپ تۇرغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى كۆرىۋىدىم. شۇڭا تارىم بلوگى ۋە شادلىق بلوگىدەك قىسمەتكە دۇچ كەلگەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللۇدۇم.
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
يەنەبىر ئىش،تارىم ئەپەندى مەن 自定义HTMگە كود قويۇپ ئۇنىڭ ئىسم يازىدىغان يىرىگە ئىسىم يازسام، يازغان ئىسىم كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. مەسىلەن مەن "ناخشا كۆزنىكى"دەپ ئىسىم قويغان ئىدىم.ئۇ ئىسىم كۆرۈنمىدى.بىر قاراپ باققان بولسىڭىز سىزنى باشقۇر غۇچى قىلىپ قويدۇم.
باشقا تور بېكەت مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ خېتى ئادەتتە 9 -ياكى 10-نومۇرلۇق خەتكە توغرىلىنىدىكەن. شۇڭا باشقا تور بېكەتلەردىن كۆچۈرۈلگەن مەزمۇننى شۇ پېتى ئەكىلىپلا بلوگقا چاپلاپ يوللىسىڭىز بلوگدا خەت كىچىك كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
ئىنكاس رايۇنىدىكى خەتلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى css دىن تەڭشەشكە بولىدۇ.
自定义HTML نىڭ ئىچىگە كودنى قويۇپ بولۇپ 自定义HTML دىگەن خەتنى ئۆزگەرتىپ قويغىنىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى يوق. ئۇ خەت بلوگدا كۆرۈنمەيدۇ. «ناخشا كۆزنىكى» دىگەن خەتنى كودنىڭ بېشىغا قىستۇرۇپ قويۇڭ، شۇ چاغدا كۆرۈنىدۇ.
يۇقارقى كودنى سىز دىگەندەك index بىلەن detailنىڭ ئىچىگە( ئەڭ ئاخىرىغا) قويغان ئىدىم، ئەمما باش بەتتە pagerankدىگەن خەت ۋە بەلگە كۆرۈنمىدى، قويىدىغان ئورۇنغا قارىتا باشقىچە تەلەپ بارمۇ يە؟
يۈكسەل بلوگى بلوگباس سۇپىسىدىكى چاغدا PageRank قىممىتى 3 ئىدى. يىل بېشىدىن باشلاپ مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىش يولىغا ماڭغاندىن كېيىن بىراقلا 0 گە چۈشۈپ قالغان. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندە ھەر ئىككىلا ئادرېسنىڭ قىممىتى 3 كە چىقتى.
بېكتىمزىدىكى كىنو-فىلىم ،mtv,mp3قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئېلان ئورۇنى بېكار بولۇپ (بۇرۇن بۇ ئورۇنلارغا Googleۋە alimama)نىڭ ئېلانلىرى قويۇلغان ھازىر ئۇئېلانى بۇ ئورۇنغا قويۇشنى توغرا كۆرمگەچكە شۇنداقلا باشقا خەنزۇچە بېكەتلەرنىڭ بېكىتىنىڭ ئېلانى قويۇپ ھېرىپ قالغاچقا بىلوگ ياسىغۇچىلار بىلەن ئېلان ھەمكارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى توغرا كۆردۇق...شۇ سەۋەبتىن بۇ ئېلان پائالىيەت ئوتكۇزۇلىدى ...بىلوگ بار تۈرداشلار بولسا شۇنداقلا تۆۋەندىكى شەرتنى قوبۇل قىلالالىسا مۇنبەرگە كېرىپ ياكى مۇنبەر توپنى قوشۇش ئارقىلىق بىزبىلەن ئالاقىلاسسا بولىدۇ ..
mp3بەتنىڭ كۆرۈش ئادرېسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
mtvبەتنىڭ كۆرۈش ئادرېسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
كىنو-فىلىم بەتنىڭ كۆرۇش ئادىرسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
بىز تەرەپتىن قويۇپ بىرلىدىغان ئېلان ئورۇنى :
سىز بىزنىڭ بېكەتتكى كىنو-فىلىم ،mtv,mp3,قاتارلىق ئورۇنلاردىن بىر ئورۇننى تاللايسىز ..سۇرەتلك ئېلان قىلنپ بىرىلدۇ .سۇرەتنىڭ چوڭ كېچكلكى 200*60بولسا بولىدۇ ..پەقەت بىرىلا ئورۇننى تاللايسىز ،ئېشلگەن سۇرەت ئېناق كۆركەم ئېشلەنگە بولۇشى كېرەك ..
ئەسكەرتىش:قويغۇچ قىسمغا ئېلان قويۇشتا بىلوگىڭىزىغا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدۇ ..مەسلەن :بىلوگىنىڭزنى خارەكترى دېگەندەك ---------------------------------
بىلوگ ياسىغۇچىلارنىڭ بىزىگە:
سزنىڭ قىلدىغىنىڭز سەل ئاۋار چېلىق بولۇشى مۇمكىن بېراق بىر قېتىم قىلۋالسىڭز قالغنى بەك ئاسان توختايدۇ ..
سىز پەقەت ھەرقېتىم يازما يولىغاندا يازمنىڭ ئاستغا ياكى ئۇستگە بىزنىڭ بىكەتنىڭ ئۇلنىش ئادىرسنى يېزىپ قويسىڭىزىلا بولىدۇ ..
تۆۋەندىكدىن تالسىڭز بولىدۇ ..-------------------------------------------------
ئەڭ يېڭى ئەسلى كود مۇنبرى(بىرلەشمە كۇلۇب)
Www.UyCluB.Net
UyCluB.Net
2.بىلوگ ھەققىدە بىلملەر بىرلەشمە كۇلۇبتا
Www.UyCluB.Net
UyCluB.Net
تۆۋەندىكى ئېككى تۈردىن بىرنى تالسىڭز بولىدۇ ..ھەرقېتىم يازما يۇلغاندا يازمىنىڭ رەڭگىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك ...
ھازىر بېكەتتە بار بولغان خەنزۇلانىڭ ئېلان ئورۇننى تالسىڭزىمۇ بولىۋىرىدۇ...
ھۆرمەت بىلەن:بىرلەشمە كۇلۇب
تۇغ ئادرىسىم: http://tarsabala.blogbus.com/files/12436849951.bmp
ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى بىلوگ ئىلتىماس قىلىش بەلگىسىنى قانداق چىقارغىلى بولىدۇ؟ باشقىلارغا بىلوگ ئىلتىماس قىلىپ بەرسە قانداق پايدىسى بار؟ جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.
ئادەتتە يېڭىدىن بلوگ ئىلتىماس قىلسىڭىز، بلوگبۇس سىزنى 10 مېگابايت ھەقسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ بوشلۇققا رەسىم قاتارلىق ھەرخىل نەرسىلەرنى يوللىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر باشقىلار سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى ئاشۇ ئۇلانمىدىن كىرىپ يېڭىدىن بلوگ ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئىلتىماس قىلىنغان ھەر 5 بلوگ ئۈچۈن سىزگە 50 مېگابايت بوشلۇق قوشۇپ بېرىدۇ.
مەسىلەن، ھازىر مېنىڭ بلوگىم ئارقىلىق كىرىپ بلوگ ئىلتىماس قىلغانلار جەمئىي 36 نەپەر، بۇنىڭ 35 ى ئۈچۈن ماڭا بەرگەن بوشلۇق جەمئىي 350 مېگابايت. مەن يېڭىدىن بلوگ ئالغان ۋاقتىمدا بەرگەن 10 ماگابايت بوشلۇق بىلەن قوشقاندا ھازىر ماڭا بەرگەن بوشلۇق جەمئىي 360 مېگابايت بولدى. ئەگەر يەنە 4 ئادەم مېنىڭ بلوگىمدىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق كىرىپ بلوگ ئىلتىماس قىلسا، ماڭا يەنە 50 مېگابايت بوشلۇق قوشۇپ بېرىدۇ.
ھەممەيلەنگە مەلۇم، ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنى ئادەتتە تورغا بىۋاستە يوللىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر ئارىلىشىپ قالغان بارلىق تېمىلارنى رەسىم ھالەتتە مۇشۇ بوشلۇققا يوللىۋېلىپ، ئاندىن بلوگىمغا يوللايمەن. بلوگ ئۇسلۇپلىرىغا ئىشلىتىلگەن بارلىق رەسىملەرمۇ مۇشۇ بوشلۇققا يوللىنىدۇ. شۇنچىۋالا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوللاپ بولساممۇ، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن بوشلۇق ئارانلا 40 مېگابايتتىن سەللا ئېشىپتۇ. بۇ بوشلۇقنىڭ بىر كەمچىلىكى بىر قېتىمدا 5 مېگابايتتىن چوڭ بولغان ھۆججەتنى يوللىغىلى بولمايدۇ.
تۇرا ئسىمى:ئازغۇن تور تۇراسى
تۇرا ئادرىسى:http://azgun1.blogbus.com/
گەرچە بىلمىسەممۇ تارىم بلوگىنىڭ پ ر قىممىتىنىڭ 3كە چىققانلىقىنى تەبرىكلەيمەن.