-
فرانسىيىنىڭ ئاتاقلىق ماتېماتىكلىرى ــــ فېرمات، فورى، كوشى، گالوۋا - [ماتېماتىكا تارىخى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...فېرمات
Pierre Fermat 费尔马
فېرمات فرانسىيىنىڭ ئاتاغلىق ماتېماتىكى، 1601-يىلىدىن 1665-يىلىغىچە ياشىغان. ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ سانلار نەزەرىيىسى، ئانالىتىك گېئومېترىيە ۋە ئوپتىكا قاتارلىق ساھەلەردىمۇ تۆھپىلىرى بار. ئۇ سانلار نەزەرىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان «فېرمات چوڭ تېئورېمىسى» 1994-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى (دۈشەنبە) ئەنگليە ماتېماتىكا ئالىمى ۋېللىس (安德鲁·怀尔斯) تەرىپىدىن ئارىدىن 357 يىل ئۆتكەندە ئاندىن ئىسپاتلاندى. فېرمات ماكسىمۇم، مىنىمۇم قىممەتلەرنى تېپىش مەسىلىسىدە دىففېرېنسىئال ئىدىيىسىنى نيۇتون، لېيبنىزلاردىن خېلى بۇرۇنلا قوللانغان.
فورى
Joseph Fourier 傅立叶
فورى فرانسىيىنىڭ ئاتاغلىق ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئالىمى، 1786-يىلىدىن 1830-يىلىغىچە ياشىغان. ئۇ ئىسسىقلىقنىڭ ئۆتۈشۈش نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ «ئىسسىقلىق ئانالىزى نەزەرىيىسى» دىگەن ئەسىرى بار، بۇ، ماتېماتىكىلىق نەزەرىيىنى فىزىكىغا تەدبىقلاشنىڭ بىر ئۈلگىسى. فورى ئىسسىقلىقنىڭ ئۆتۈشۈشى مەسىلىسىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بويىچە تەتقىق قىلغاندا، فۇنكسىيىنى ترىگونۇمېترىك فۇنكسىيىدىن تۈزۈلگەن قاتار ئارقىلىق ئىپادىلەپ (ئۇ كېيىنچە «فورى قاتارى» دەپ ئاتالدى)، ماتېماتىكا، فىزىكا مەسىلىلىرىدە ئومۇمىيۈزلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئۇسۇلنى شەكىللەندۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، فۇنكسىيە چۈشەنچىسىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ماتېماتىكىلىق نەزەرىيە ۋە ئۇنىڭ تەدبىقلىنىشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.
كوشى
Augustin Louis Cauchy 柯西
كوشى فرانسىيىنىڭ ئاتاغلىق ماتېماتىكى، ئۇ 1789-يىلىدىن 1857-يىلىغىچە ياشىغان. ئۇ دىففېرېنسىئال، ئىنتېگرال ۋە چەكسىز قاتارلار چۈشەنچىلىرىنى لىمىتلار نەزەرىيىسى ئارقىلىق تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن. رىمان بىلەن بىرلىكتە، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچى فۇنكسىيىلەر نەزەرىيىسىنىڭ ئۇلىنى سالغان. كوشى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق مېخانىكىدىكى نۇرغۇن ئىنتېگراللارنى ھىسابلىغان. ئۇ دېتېرمىنانت ۋە گۇرۇپپىلار نەزەرىيىسىنىڭ پىشىۋاسى. ئۇ يەنە ئېلاستىك مېخانىكىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. كوشىنىڭ دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەر يېشىملىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە دەسلەپكى قىممەت مەسىلىلىرىگە نىسبەتەنمۇ تۆھپىسى بار. ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ماتېماتىكىنىڭ ھەرقايسى (تەدبىق ماتېماتىكىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ساھەلىرىگە تارقالغان، بولۇپمۇ قاتارلار، دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەر، سانلار نەزەرىيىسى، كومپلېكىس ئۆزگەرگۈچى فۇنكسىيىلەر، دېتېرمىنانت ۋە گۇرۇپپىلار نەزەرىيىسى، ئاسترونومىيە، ئوپتىكا، ئېلاستىك مېخانىكا قاتارلىق ساھەلەرگە كەڭ تارقالغان. بارلىق توپلاملىرى 26 توم بولۇپ، ئەيلېردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
گالوۋا
Fvariste Galois 伽罗华
گالوۋا فرانسىيىنىڭ ئاتاغلىق ماتېماتىكى، ئۇ 1811-يىلىدىن 1832-يىلىغىچە ياشىغان. ئۇ ھەربىر ئالگېبرالىق تەڭلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىنكاس قىلىدىغان ئورۇن ئالماشتۇرۇشلار گۇرۇپپىسىنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھەل بولماي كەلگەن ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەرنى يىلتىزلىق ئىپادىلەر بىلەن يېشىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە ھۆكۈم قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، «گالوۋا نەزەرىيىسى» نى تىكلىگەن ھەمدە گۇرۇپپىلار نەزەرىيىسىنىڭ تىكلىنىشى، تەرەققىياتى ۋە تەدبىقى ئۈچۈن ئاساس ياراتقان.
收藏到:Del.icio.us
《فرانسىيىنىڭ ئاتاقلىق ماتېماتىكلىرى ــــ فېرمات، فورى، كوشى، گالوۋا》的转发
Blog:تەنھا بىلوگى2010-04-24 08:41:08
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
引用
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论