ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • ئەيلېر، ئابېل، بېرنوللى - [ماتېماتىكا تارىخى]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    ئەيلېر

     

    ئەيلېر [欧拉 Leonhard Euler 1703-1783 ] شۋېتسارىيە ماتېماتىكى. ۋارىئاتسىيىگە ئاساس سالغۇچى، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچىلىك فۇنكسىيىلەر نەزەرىيىسىنىڭ پىشىۋاسى، نەزەرىيىۋى گىدرومېخانىكىنىڭ ئىجاتچىسى. ئەيلېر بېرنۇللىلار ئائىلىسىدە بىلىم ئالغان. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن، ئۇنىڭ نامى ئاتالمايدىغان ماتېماتىكىنىڭ بىرەرمۇ ساھەسى يوق. مەسىلەن، ئېلېمېنتار گېئومېترىيىدىكى ئەيلېر سىزىقى، كۆپ ياقلىقلاردىكى ئەيلېر تېئورېمىسى، بوشلۇقتىكى ئانالىتىك گېئومېترىيىدىكى ئەيلېر ئالماشتۇرۇش فورمۇلىسى، تۆتىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىشنىڭ ئەيلېر ئۇسۇلىدىن تارتىپ سانلار نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر فۇنكسىيىسى، دىففېرېنسىئال تەڭلىمىدىكى ئەيلېر تەڭلىمىسى، قاتارلاردىكى ئەيلېر تۇراقلىقى، ۋارىئاتسىيىدىكى ئەيلېر تەڭلىمىسى، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچىلىك فۇنكسىيىلەر نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر فورمۇلىسى قاتارلىقلار. سانلار نەزەرىيىسى ۋە دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەر جەھەتتىمۇ زور نەتىجىلىرى بار. مېخانىكا، ئاسترونومىيە ۋە فىزىكا قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىنتايىن زور تۆھپىلىرى بار. دېڭىز يۈرۈشى ۋە باللىستىكا تەتقىقاتلىرىدىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغان. ئەيلېر «چەكسىز كىچىك مىقدارلار ئانالىزىغا كىرىش» دېگەن ئەسىرىدە، نيۇتۇن- لېيبنىزنىڭ دىففېرېنسىئال- ئىنـتېگرال ۋە فۇرى قاتارلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان.

    ئابېل

     

    ئابىل [阿贝尔 Niels Henrik Abel 1802-1829] نورۋىگىيە ماتېماتىكى. ئۇ بەشىنچى دەرىجىلىك ئالگېبرالىق تەڭلىمىنى ئومۇمىي ھالدا يىلتىزلىق ئىپادە ئارقىلىق يەشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ھەمدە ئۇنىڭدىن كوممۇتاتىپ گۇرۇپپا (ئابېل گۇرۇپپىسى) چۈشەنچىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىككى ئەزالىق قاتارلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى، ئابېل ئىنتېگرالى ۋە ئابېل فۇنكسىيىسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە گېرمانىيە ماتېماتىكى ياكوبى (Carl Gustav Jacop Jacobi 1804-1851) بىلەن بىرلىكتە ئېللىپىسلىق فۇنكسىيىلەر نەزىرىيىسىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن.

    ياكوب بېرنوللى

     

    ياكوب بېرنوللى [Jacob Bernoulli 雅各.伯努利  1654-1705] شۋېتسارىيە ماتېماتىكى. بېرنوللىلار ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى، (تأإةندصكص رامكىدىكى ياكوب ). ۋارىئاتسىيىنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن بىرى. لېيبنىز بىلەن بىرلىكتە دىففېرېنسىئال- ئىنتېگرالدا نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەرنىڭ ئىنتېگرالى مەسىلىسىدە تۆھپىسى بار. ياكوب بېرنوللى 1694-يىلى تۇنجى بولۇپ تىك بۇلۇڭلۇق كوئوردىنات بىلەن قۇتۇپ كوردىناتلاردىكى ئەگرىلىك رادىئۇسىنىڭ فورمۇلىسىنى بەرگەن، بۇ قۇتۇپ كوردىناتنىڭ قوللىنىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولغان. ئۇ يەنە كاتېنارى (سىزىقى) مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لېمنىسكاتا ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغان، لوگارىفمىلىق سپىرال ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ھەر خىل ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ لوگارىفمىلىق سپىرال بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان. ياكوب بېرنوللى ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىنى ئەڭ بۇرۇن تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ «قىياس مىتودى» دېگەن ئەسىرى ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىدىكى «بېرنوللى تېئورېمىسى» ــــــ «چوڭ سانلار قانۇنى» نىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ يەنە مۇسىبەت پۈتۈن سانلار شارائىتىدا نيۇتۇن ئىككى ئەزالىقلار تېئورېمىسىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش- گۇرۇپپىلاش نەزەرىيىلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىغان.

    بېربوللىلار ئائىلىسى

     

    بېرنوللىلار ئائىلىسى [伯努利家族] شۋېتسارىيىدىكى نەچچە ئونلىغان ماتېماتىكلارنى يېتىشتۈرگەن ئائىلە. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ نەسەپلىرى مۇنداق (بېرنوللى ئورتاق فامىلە بولغاچقا، بايان قىلىشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، ئىككىنچى ئەۋلاتتىن باشلاپ ئىسىملىرىلا كۆرسىتىلدى):

    Bernoulli

     

    Bernoulli-2

    مەنبە: قىسقىچە ماتېماتىكا لۇغىتى


    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.