ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق (3) - [ماتېماتىكا تارىخى]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

     

     

    بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق (3)

    ئاپتورى: ئىساك ئاسىموۋ [ئامېرىكا]

    خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇنجان ئىسلام

    بۇ ماقالىنىڭ باش قىسمىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئوقۇڭ:

    logs/25301259.html

    2. رەقەم ۋە ئۇنىڭ يېزىلىشى

    رەقەمنىڭ قايسى ۋاقىتتا كەشىپ قىلىنغانلىقىنى ھىچ كىم بىلمەيدۇ. لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى: ئالدى بىلەن سان ئاتالغۇلىرى پەيدا بولۇپ، ئاندىن رەقەم كەشىپ قىلىنغان، كىشىلەر بەزى بەلگىلەر ئارقىلىق تىلنى ئىپادىلەش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىغان چاغدىلا ئاندىن رەقەم پەيدا بولغان. بۇندىن تەخمىنەن 5 مىڭ يىللار ئىلگىرى، ھازىرقى «ئىراق» دەپ ئاتىلىدىغان يەردە، بىرى ئېفرات دەرياسى، يەنە بىرى دەجلە (تىگېر) دەرياسى دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى دەريا بار ئىدى. بۇ ئىككى دەريانىڭ دېڭىزغا قويۇلىدىغان يېرىدە سۇمېرىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەدىمىي ماكان بار ئىدى. سۇمېرلار ئالدى بىلەن رەقەملەرنى يېزىپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى مىللەتلەر، مەسىلەن، جۇڭگولۇقلار، مىسىرلىقلارمۇ رەقەم يېزىشنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرىنى تاپقان. بۇ ئۇسۇللار كېيىنچە پەيدىن- پەي پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان.

    رەقەم يېزىش ئۇسۇلى مەيدانغا كەلگەندە سۇمېرلار بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ شەھەرلىرى، بۇتخانىلىرى ۋە ئېتىزلىقلارنى سۇغىرىش ئۆستەڭلىرى بار ئىدى. ئەينى ۋاقىتلاردا، كىشىلەر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇشۇ نامايەندىلىرىنى يارىتىش ئەمگەكلىرى جەريانىدا، ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئىشلىشى، ۋاقىت ۋە زېھنى كۈچىنى سەرپ قىلىشى زۆزۈر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە ھەر خىل ئېغىر ئالۋاڭ- ياساقلارنى تۆلىشى لازىم ئىدى.

    شۇنداق قىلىپ، ئالۋاڭ ياساقلارنىڭ تاپشۇرۇلۇش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ تۇرۇشتا رەقەم بىلەن خاتىرە قالدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ قالدى. ئەينى ۋاقىتلاردا تىزىملاش ئىشلىرىغا بۇتخانىدىكى راھىپلار مەسئۇل بولاتتى. ئۇلار كىم ئالۋاڭ تاپشۇردى، قانچىلىك تاپشۇردى دىگەنگە ئوخشاش ئىشلارنى ئېنىق خاتىرىلەپ تۇراتتى. دەسلەپتە ئۇلار كۆڭلىگە پۈكۈپلا قوياتتى. بىراق ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى ھەرقانچە ياخشى بولغان كىشىنىڭمۇ چاتاق چىقارماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا دائىم دىگۈدەك تالاش- تارتىش بولۇپ تۇراتتى. بۇنىڭ ياخشىراق چارىسى، بەزى بەلگىلەردىن پايدىلىنىپ ئالۋاڭ- ياساقلارنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاش بولۇپ قالغان ئىدى. تالاش- تارتىش چىققان ھامان، بۇ بەلگىلەرگە قارىسىلا مەسىلە ھەل بولاتتى.

    رەقەم يېزىش ئۇسۇلى ئىجات قىلىنغان دەسلەپكى چاغلاردا، راھىپلار ھەر بىر رەقەمنى ئوخشاش بولمىغان بەلگىلەر ئارقىلىق كۆرسىتەتتى. بۇنداق بولغاندا، نۇرغۇنلىغان رەقەم بەلگىلىرىنى ئەستە تۇتىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ رەقەملەرنى ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى ئۆگىنىشمۇ ناھايىتى تەس ئىدى. شۇڭا قەدىمقى زامانلاردا پەقەت راھىپلارلا يېزىش ۋە ئوقۇشنى بىلەتتى.

    بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئوخشاش بولمىغان رەقەملەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر يۈرۈش بەلگىلەرنى ئىجات قىلىش ئىنتايىن زۆزۈر بولۇپ قالغان ئىدى. چۈنكى كىشىلەر خاتىرە سۈپىتىدە ساقلىماقچى بولغان ــــ بۇ قانچە، ئۇ قانچە دىگەنلەرنى رەقەم ئارقىلىق خاتىرىلىشى لازىم ئىدى.

    سىز ئوخشاش بولمىغان بەلگىلەردىن پايدىلىنىپ ھەرقانداق ساننى ئىپادىلىيەلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن مۇنداق بولغاندا نەچچە مىڭ خىل ئوخشاش بولمىغان بەلگىلەرنى ئەستە ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

    بارماق رەقەمنىڭ كەشپ قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، ئۇندان بولسا نىمە ئۈچۈن بىر تىك سىزىق ئارقىلىق بىرنى ئىپادىلەشكە بولمايدىكەن؟ ئۇنىڭ شەكلى بارماققا نىمە دىگەن ئوخشايدۇ-ھە؟ مەسىلەن، مىسىرلىقلار ئەنە شۇنداق قىلغان. ئۇلار I بەلگىسى ئارقىلىق بىرنى ئىپادىلىگەن.

    رەقەمگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالامەت ياكى بەلگە سان دەپ ئاتىلىدۇ. I بەلگىسى مىسىر رەقىمىنىڭ بىر مىسالى. باشقا مىللەتلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ياكى شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان بەلگىلەرنى قوللانغان. چۈنكى بىرنى ئويلىغان ھەرقانداق كىشى بىر بارمىقىنىڭ شەكلىنى سىزالايدۇ. بىراق بەلگىلەرنى قانداق يېزىشنىڭ كارايىتى چاغلىق، مۇھىمى ئۇنى قانداق ئىشلىتىشتە. تونۇش بەلگىلەرنى ئاسانراق چۈشۈنگىلى بولىدۇ. شۇڭا بىز «بىر» رەقىمىنىڭ ئورنىغا «I» نى ئالايلى.

    بىز يەنە ئىككىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگىنىمۇ سىزايلى. يەنە بىر يېڭى بەلگە ئىشلىتىپ ئولتۇرماسلىق ئۈچۈن، ئىككىنى «II» قىلىپلا سىزايلى! مۇنداق قارىغاندا «II» ئىككى بارماققا نىمە دىگەن ئوخشايدۇ- ھە!

    ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرنى يېزىشمۇ ئوڭاي، ئۈچنى III قىلىپ، تۆتنى IIII قىلىپ، بەشنى IIIII قىلىپ يېزىۋېرىشىڭىز، تاكى توققۇزغىچە IIIIIIIII قىلىپ يېزىشىڭىز مۇمكىن.

    بۇ ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، «I» دىن قانچىسى بارلىقىنى ساناپ باقسىڭىزلا بىلەلەيسىز. كەمچىلىكىچۇ؟ ئەگەر ناھايىتى نۇرغۇن «I» لار بولسا، ئۇلارنى ساناپ بولغىچە ياكى يېزىپ بولغىچە چارچاپ قالىسىز، ساناۋېرىپ ياكى يېزىۋېرىپ ئېلىشىپ كېتىشىڭىزمۇ مۇمكىن.

    مىسىرلىقلار يېڭى بىر بەلگە ئارقىلىق ئوننى ئىپادە قىلىشنى ئويلاپ تاپقان. بۇ بەلگە دۈم كۆمتۈرۈلگەن «U» ھەرىپىگە بەكمۇ ئوخشايتتى. بىراق ھازىر ئۇ بەلگە ئىشلىتىلمەيدىغان بولۇپ كەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايمىز. ئەمدى «T» نى ئونغا ۋەكىل قىلىپ ئالايلى. بۇ يەردە ئېنگلىزچە ئون(ten) نىڭ بىرىنچى ھەرىپى ئېلىنغان.

    ئەگەر ئون بىرنى يازغىڭىز كەلسە، ئۇنى TI ياكى IT قىلىپ يازسىڭىز بولىدۇ. بۇلارنىڭ قايسىسىنى يازسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئون قوشۇلغان بىر بىلەن بىر قوشۇلغان ئونغا ۋەكىللىك قىلىپ، ئوخشاشلا ئون بىر دىگەننى بىلدۈرىدۇ. TII ياكى IIT نى ئون ئىككىگە ۋەكىل قىلسىڭىز بولىدۇ. يەنە ئۇنى ITI قىلىپ يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئالدىغا I نى ياكى T نى يېزىشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنى قوشقاندا ئون ئىككىگە تەڭ بولسىلا بولىدۇ.

    لېكىن يەنىلا بىرلىككە كەلگەن بەلگىلىمە بولغىنى تۈزۈك. بۇنداق بەلگىلىمە بولغاندا تېخىمۇ كۆپرەك رەقەملەرنى ئىپادىلىگەندە ئاسانلىق تۇغۇلىدۇ، كىشىلەر بۇ بەلگىلەرنى تېخىمۇ ئاسان ئىشلىتەلەيدۇ ۋە چۈشىنەلەيدۇ. بىز رەقەملەرنىڭ چوڭىنى سولغا، كىچىكىنى ئوڭغا يازىدىغان بولايلى. بۇنداق بولغاندا يىگىرمە ئۈچنى TTIII قىلىپ يېزىشقا (ئون قوشۇلغان ئون قوشۇلغان بىر قوشۇلغان بىر قوشۇلغان بىر) بولىدۇ. يەتمىش تۆتنى TTTTTTTIIII قىلىپ يېزىشقا بولىدۇ. توقسان توققۇزنى TTTTTTTTTIIIIIIIII قىلىپ يېزىشقا بولىدۇ. ھېسابلاشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، بۇ T لار بىلەن I لارنى ئۇلاپ ئۇزۇن بىر رەت قىلىپ يېزىۋالماي، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ يازساقمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

    مىسىرلىقلار مۇنداق بىر بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ قانداق بەلگە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنى توققۇز قېتىملا يېزىشقا بولىدۇ. ئونىنچى قېتىم يېزىشقا توغرا كەلگەندە ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بەلگە ئېلىنىدۇ. يۈزنى يېزىش ئۈچۈن ئون دانە ئون TTTTTTTTTT نى يېزىشىڭىز لازىم. ئەگەر يېڭى بەلگىنى قوللانسىڭىز، ئۇنداق يېزىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. مىسىرلىقلار بۇدرە چاچقا ئوخشايدىغان يېڭى بىر بەلگىنى يۈزگە چەكىل قىلغان. ئۇنى يازساق ئېنگلىز يېزىقىدىكى «g» غا ئوخشاپ قالىدۇ.

    بىراق بۇ «بۇدرە چاچ» نى ئىشلەتمەي، ئېنگلىز تىلىدىكى hundred (يۈز) سۆزىنىڭ باش ھەرىپى «H» ئارقىلىق يۈزنى ئىپادىلىسەك تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟

    ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئۈچنى HHHTTTIII قىلىپ يېزىشقا بولىدۇ. يەتتە يۈز ئون سەككىزنى HHHHHHHTIIIIIIII قىلىپ يېزىشقا بولىدۇ. بۇ ئۈچ خىل بەلگىدىن پايدىلىنىپ خالىغان ساننى، ھەتتا توققۇز يۈز توقسان توققۇزنىمۇ HHHHHHHHHTTTTTTTTTIIIIIIIII قىلىپ يازغىلى بولىدۇ.

    بۇ ئۈچ خىل بەلگىنى ئېسىڭىزدە ساقلىسىڭىزلا بىردىن توققۇز يۈز توقسان توققۇزغىچە بولغان بارلىق سانلارنى يېزىپ چىقالايسىز. لېكىن ھەر بىر بەلگە ئەڭ كۆپ بولغاندا توققۇز قېتىم يېزىلىدىغانلىقتىن، مىڭنى يازماقچى بولسىڭىز، ئون دانە يۈزنى يېزىپ قويسىڭىز بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر خىل يېڭى بەلگە ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر خىل يېڭى بەلگىنى قوللىنىپ ئون مىڭ، يۈز مىڭ قاتارلىقلارنى ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ ۋە باشقىلار. ھەر قېتىم ئون دانە تۆۋەن خانىلىق سانغا دۇچ كەلگەندە، بىر خىل يېڭى بەلگىنى قوللىنىپ ئۇنى ئىپادىلەشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ قانچىلىك ساننى يېزىپ چىققىڭىز كەلسە، شۇنچىلىك ساننى يېزىپ چىقالايسىز.

    (داۋامى بار)

    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.