ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • نيۇتون [ 牛顿 Isaac Newton 1642- 1727 ] - [ماتېماتىكا تارىخى]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    بەختى ھېيتنىڭ «ئارخىمېددىن ئەيلېرگىچە» دىگەن كىتابىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

    نيۇتون ئەنگلىيە فىزىكى، ماتېماتىكى، ئاسترونومى، تەبىئەت پەيلاسوپى، كىلاسسىك مېخانىكا سېستىمىسىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ قەدىمقى زاماننىڭ ئەتراپلىق ۋە يېتىشكەن ماتېماتىكى، ئىختىراچىسى، كەشپىياتچىسى. ئۇنى ئارخىمېدتىن كېيىنكى يېڭى زاماننىڭ ئارخىمېدى دەپ ئاتاشقا ئەرزىيدۇ.

    ئۇ لېيبىنىس بىلەن بىرلىكتە دىففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرالنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچىلار دەپ قارىلىدۇ.

    نيۇتون ماتېماتىكىدا ھازىرغىچىلىك ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇقۇم ۋە فورمۇلىلارنىڭ ئىجاتچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كىلاسسىك مېخانىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرى بولغان ئالەملىك تارتىشىش قانۇنى قاتارلىق بىر قاتار قانۇنلارنىڭ ئىجاتچىسىدۇر. شۇنداقلا ئاسترونومىيە ۋە باشقا ساھەلەردە كېپلېر قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسىي قانۇنلارنىڭ تەرەققىي قىلدۇرغۇچىسى ۋە ئۇلارنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتەرگۈچىدۇر.

    ئىساك نيۇتون 1642-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ شەرقى دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى لىنكولىن شتاتىنىڭ ۋولسوپ يېزىسىدا بىر دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1727-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 1 لەر ئەتراپىدا لوندوننىڭ كېنسڭتون رايۇنىدىكى ئۆز ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقان چېغىدا ھىچقانداق كېسەل تارتماي دىگۈدەك ئالەمدىن ئۆتكەن.

    نيۇتوننىڭ پەن- تېخنىكىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈش بىزنىڭ بالىلىرىمىز ۋە ياشلىرىمىز ئۈچۈن خېلىلا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.

    نيۇتوننىڭ دادىسى بىر دىھقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا چوڭ ئىززەت - ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئوغلى تۇغۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن دۇنيادىن ئۆتكەن ئىدى. نيۇتون ئاي كۈنى توشماي چالا تۇغۇلغان بالا ئىدى. نيۇتون بىزنىڭ يەر شارىمىزغا كۆز ئېچىپ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى نيۇتوننىڭ ئانىسى: «ئۇ 1 لىترلىق ئىستاكانغىمۇ سىغىپ كەتكۈدەك ئىدى» دەپ ئەسلەيدۇ. ئۇنىڭ شۇنچىلىك ئاجىز تۇغۇلغانلىقىغا قاراپ يېزىداشلىرى ئۇنىڭ «ئىڭە- ئىڭە» قىلغان ئاۋازلىرى ھايت- ھۇيت دىگىچىلا ئۇلارنىڭ قۇلاق ئەتراپىدا ياڭراپ بىزنىڭ بۇ يەر شارىمىز ئۈچۈن ئاچقان كۆزلىرى بىر نەچچە سائەتكە يەتمەي ئۆز نۇرىنى يوقىتار دەپ ئويلاشقان ئىدى. ھەتتا قوشنا يېزىدىن ئانا- بالا ئىككىيلەنگە دورا ئەكىلىپ بېرىشكە ماڭغان ئاياللارمۇ، ئۆزلىرى قايتىپ كەلگىچە ئۇنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن تىزلا ۋىدالىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكەن ئىدى. ھىچكىممۇ ئۇنىڭ بۇ يەر شارىمىزدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ 85 ياشقا كىرىدىغانلىقىنى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر تاللا چىشى چۈشۈپ، قالغان چىشلىرىنىڭ بېجىرىم ساقلىنىدىغانلىقىنى، گەرچە ئۇنىڭ چېچى ئۇ 30 ياشقا كىرگەندىلا ئاقىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭ چېچى چۈشمەيدىغانلىقىنى، پۈتۈن ئۆمرىدە كۆز ئەينەك تاقاپ باقمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئىززەت- ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئالىم بولۇپ يېتىشىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ئىدى.

    نيۇتون 3 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ ئانىسى باشقا بىر ئەرگە ياتلىق بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نيۇتون مومىسى بىلەن بىپايان يېزىدا قالىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە تاغىسى ئايسكاۋ (Rev.W.Ayscough ) نىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېلىپ بارغان تەشەببۇسكارلىقى بىلەن يېزا مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. نيۇتون 14 ياشقا كىرگەندە ئانىسى يەنە تۇل قېلىپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتقاچقا نيۇتوننى ئوقۇتماي، ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى پىلانلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نيۇتون بىر تەرەپتىن ئەمگەك قىلىپ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىدۇ. ئۇ 19 ياشقا كىرگەن يىلى كەمبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. 1664-يىلى 22 يېشىدا باكلاۋېر ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 1665-يىلى لوندوندا يۇقۇملۇق پوقاق كېسىلى تارقىلىپ ئالىي مەكتەپلەر 8 ئاي تاقىۋېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نيۇتون ئۆزى تۇغۇلغان ۋولسوپ يېزىسىغا قايتىپ كېلىپ پۈتۈن ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇ يېزىدا تۇرغان مۇشۇ ۋاقىتتا ھاياتىدىكى 3 چوڭ كەشپىياتنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى يارىتىدۇ. بۇ 3 چوڭ كەشپىيات بولسا ئاقما سان تېخنىكىسى (دېففىرېنسىئال-ئىنتېگرال ئىلمى)، تارتىشىش كۈچى قانۇنى ۋە سىپكتىر ئانالىزىدىن ئىبارەت. شۇنداق قىلىپ نيۇتون تېخى 24 ياشقىمۇ توشماي تۇرۇپلا دېففىرېنسىئال- ئىنتېگرال ئىلمىنى بەرپا قىلىدۇ.

    1667-يىلى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئۆتۈپ كېتىپ، نيۇتون ئۆز يېزىسىدىن كەمبېرىج ئۇنۋېرسىتېتىغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئىككى يىل تىرىشىپ ئۆز سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ. 1669-يىلى ئۇستازى، ئاتاغلىق ماتېماتىكا ئالىمى بارروۋ ئۆز ئوقۇغۇچىسى نيۇتوننىڭ سەۋىيىسىنىڭ ئۆزىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ كەتكەنلىكىنى  جاكالاپ، ئۆزىنىڭ «روكاس پروفىسسور» لۇق ئىلمىي ئورنىنى نيۇتونغا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ تېخى ئەمدىلا 26 ياشقا كىرگەن نيۇتون ماتېماتىكا پروفىسسورى بولىدۇ.

    1696-يىلى ئاتاغلىق ماتېماتىك ئىۋان بېرنۇللى ناھىيىتى قىيىن ھەم كىشىلەرنى قورقىتىدىغان ئىككى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن ياۋروپادىكى ماتېماتىكلارغا مۇسابىقە ئېلان قىلىدۇ. 1-مەسىلە ھازىرقى كۈندە ئەڭ چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «ئەڭ تېز پەسىيىش سىزىقى» مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنى 6 ئاي ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن ياۋروپادىكى ماتېماتىكا ئالىملىرى تىرىشىپمۇ ھەل قىلالماي مەغلۇپ بولىدۇ. 1697-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى نيۇتون بۇ خەۋەرنى ئاغىنىسىدىن ئاڭلاپ ئىككى مەسىلىنى ھەش- پەش دىگۈچە ھەل قىلىۋېتىدۇ. ئاندىن بۇنى نامسىز خەت ئارقىلىق پادىشاھ ئوردىسىدىكى ئىلمىي جەمىيەتكە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بۇ جاۋاپنى ئىۋان بېرنۇللى كۆرۈپ «ھە، تونۇپ قالدىم، شىر ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرىنى ئىشقا ساپتۇ» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

    ئېنگېلس «ئەنگلىيە ئەھۋالى» دىگەن ماقالىسىدا 18- ئەسىردىكى ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەرىپلەپ نيۇتونغا مۇنداق باھا بەرگەن ئىدى:

    «نيۇتون ئالەملىك تارتىشىش قانۇنىنى كەشىپ قىلىپ پەندە ئاسترونومىيە ئىلمىنى بېيىتتى. سپىكتىر ئانالىزى ئارقىلىق يۇرۇقلۇق ئىلمىنى بەرپا قىلدى. ئىككى ئەزالىق تېورېمىسى ۋە چەكسىز كىچىكلىكلەر نەزەرىيىسىنى كەشىپ قىلىپ ماتېماتىكىنى بېيىتتى. كۈچنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يىتىپ دىنامېكىنى بەرپا قىلدى».

    نيۇتون ئىنتايىن كەمتەر ئىدى. ئۇ مۇنداق دىگەن ئىدى: «ئەگەر مېنى دېكارتتىن يىراقنى كۆردى دىيىشكە بولىدىغان بولسا، ئۇ مۇۋەپپەقىيەت مېنىڭ گىگانت ئادەملەرنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ تۇرغانلىقىمدىن بولغان دىيىش كېرەك».

    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • بىر ئوبدان ياراشقان ئۇسلۇپتىن قايتىپ چىقىۋاپسىزغۇ تارىم ئەپەندىم؟
      تارىم回复dunyakara说:
      ئۇ ئۇسلۇپنىڭ شەكلى ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى. بىراق تەگلىك رەڭگىگە تازا كۆنەلمىدىم.
      2008-11-14 13:49:53
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.