ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • ئاتاغلىق ئالىم لېيبنىس - [ماتېماتىكا تارىخى]

    لېيبنىس 1646-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى گېرمانىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى لېيپسېگدا تۇغۇلۇپ، 1716-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ھاننوۋېردا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ دىففېرېنسىئال- ئىنتېگرالنىڭ يەنە بىر ئاساسچىسى. لېيبنىس پەلسەپە، تارىخ، تىلشۇناسلىق، بىئولوگىيە، گېئولوگىيە، مېخانىزاتسىيە، فىزىكا، ماتېماتىكا، ئىلاھىيەت ئىلمى، قانۇن، دىپلوماتىيە ۋە «ئىجاتكارلىق سەنئىتى» قاتارلىقلاردا مول بىلىمگە ئىگە ئىدى.

    لېيبنىس 1661-يىلى 15 يېشىدا لېيپسېگ ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىپ ئاساسلىقى قانۇن ئۆگىنىش بىلەن بىللە باشقا ھەرقايسى پەنلەرنى تىرىشچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا ............

  • نيۇتون [ 牛顿 Isaac Newton 1642- 1727 ] - [ماتېماتىكا تارىخى]

    نيۇتون ئەنگلىيە فىزىكى، ماتېماتىكى، ئاسترونومى، تەبىئەت پەيلاسوپى، كىلاسسىك مېخانىكا سېستىمىسىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ قەدىمقى زاماننىڭ ئەتراپلىق ۋە يېتىشكەن ماتېماتىكى، ئىختىراچىسى، كەشپىياتچىسى. ئۇنى ئارخىمېدتىن كېيىنكى يېڭى زاماننىڭ ئارخىمېدى دەپ ئاتاشقا ئەرزىيدۇ.

    ئۇ لېيبىنىس بىلەن بىرلىكتە دىففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرالنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچىلار دەپ قارىلىدۇ.

    نيۇتون ماتېماتىكىدا ھازىرغىچىلىك ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇقۇم ۋە فورمۇلىلارنىڭ ئىجاتچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كىلاسسىك مېخانىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرى بولغان ئالەملىك تارتىشىش قانۇنى قاتارلىق بىر قاتار قانۇنلارنىڭ ئىجاتچىسىدۇر.

  • تولۇق ئوتتۇرا  مەكتەپنىڭ يېڭى دەرس ئۆلچىمى بويىچە تۈزۈلگەن ماتېماتىكا دەرسلىكىنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇق 1-قىسىم، 2-قىسىم، 3-قىسىم، 4-قىسىم ۋە 5-قىسىملىرىنىڭ كونسىپىكلىرىنى يوللاپ  قويدۇم. لازىم بولغانلار چۈشۈرۈۋېلىڭلار. كونسىپىك سائەتلەر بويىچە تۈزۈلگەن بولۇپ، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

    ئەسكەرتىش: كونسىپىك پۈتۈنلەي خەنزۇچە تۈزۈلگەن.

    تولۇقلىما: دوستلارنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتىكىسىنىڭ ھازىر تولۇق 2-، 3-يىللىقلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان كونا دەرسلىكىنىڭ كونسىپىكىنىمۇ يوللاپ قويدۇم.

  • تەبىئىي پەنلەر دوكتورى تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك   1961- يىلى 10- ئايدا بۆرتالادا تۇغۇلغان، ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى ھەم شۇ فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

    تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 1980-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1987-يىلىدىن 1989- يىلىغىچە مەزكۇر فاكۇلتېتتا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

  • ياڭ خۇي ئۈچبۇلۇڭىنىڭ ئالدىنقى 50 قۇرى - [ماتېماتىكا]

    第 1 行:   1
    第 2 行:   1 1
    第 3 行:   1 2 1
    第 4 行:   1 3 3 1
    第 5 行: 1 4 6 4 1
    第 6 行: 1 5 10 10 5 1
    第 7 行: 1 6 15 20 15 6 1
    第 8 行:   1 7 21 35 35 21 7 1
    第 ...

  • قەدىمقى زاماندىكى ماتېماتىك شېن كو - [ماتېماتىكا تارىخى]

       شېن كو [沈括  1031-ــــ 1095 ] شىمالىي سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق ئالىم، ماتېماتىك. تەخەللۇسى سۇن جوڭ، خاڭجۇ چەنتاڭلىق (ھازىرقى جېجياڭ خاڭجۇلۇق). شېن كو ئۆز زامانىسىدا نىڭگو (ھازىرقى ئەنخۇيغا تەۋە جاي) ناھىيىسىدە ئەمەلدار بولغان چاغلاردا توسما ئېتىزلارنى ياساپ، سۇ ئىنشائاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شىمالىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ خانى شېنزوڭ زامانىسىدا ۋاڭ ئەنشىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىش ھەركىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، يېڭى قانۇننى باشتىن ئاخىر قوللىغان. ئۇ خانلىق رەسەتخانا نازارەتچىسى، باش مىرزا، ئۈچ مەھكىمە باشلىقى بولغان.

  • ئۈچبۇلۇڭنىڭ بەش مەركىزى - [ماتېماتىكا]

    ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى مەركىزى، تاشقى مەركىزى، ئېغىرلىق مەركىزى، تىكلەر مەركىزى ۋە يان مەركىزى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئۈچبۇلۇڭنىڭ بەش مەركىزى دىيىلىدۇ.

    1. ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى [三角形的外心] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ تەرىپىنىڭ تىك تەڭ بۆلگۈچى سىزىقلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئۇ ئۈچبۇلۇڭغا سىرتتىن تېگىشكەن چەمبەرنىڭ مەركىزى بولىدۇ. تار بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچىدە ياتىدۇ. تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى ئۇنىڭ يانتۇ تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى بولىدۇ. كەڭ بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى ئۈچبۇلۇڭنىڭ سىرتىدا ياتىدۇ.

  • ھەممىمىز ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى (6) - [ماتېماتىكا]

    ھەممىمىز ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى (5) نىڭ داۋامىنى ئوقۇڭ.

  • باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا ھەر سائەتلىك ماتېماتىكا دەرسىنى ئاڭلاپ، بىلىۋالدىغان بىلىم ئانچە كۆپ ئەمەس. دەرس ۋاقتى ۋە دەرستىن كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئاساسلىق  مەشىق ئىشلەش قوللىنىلىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن ساۋاقداشلار ماتېماتىكا ئۆگىنىش بىلەن مەشىق ئىشلەشنى باراۋەردە قارايدۇ. دەۋرۋەقە ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ماتېماتىكىدا ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار كۆپىيىپ بارىدۇ، تەلەپمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتىمۇ تىز بولىدۇ. ئەگەر، دەرستىن كېيىن پەقەتلا مىسال ئىشلىسە ئۇنداقتا ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش تەسكە چۈشۈپ قالىدۇ.

    ماتېماتكىلار ئالاھىدا قىلىپ شۇنى تەكىتلەيدۇكى: «پەقەتلا مىسال ئىشلەپ، كىتاب كۆرمەسلىك ماتېماتىكىنى ئۆگەنمەسلىك دىگەنلىكتۇر» كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ماتېماتىكا ئۆگىنىش مىسال ئىشلەش بىلەن باراۋەر ئەمەس، ماتېماتىكىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۆپلەپ  مىسال ئىشلەپلا قالماستىن، يەنە كۆپلەپ دەرسلىك كىتابنى ئوقۇش لازىم.

    .....................................................

  • ماتېماتىكا - [ھېكايە-شېئىرلار]

    ئاپتۇرى: ئەنۋەر تۇردى 

    ئەسلى نامىڭ سىنىڭ ھىساپ-ماتىماتىكا،

     جان تومۇرۇڭ ئىدى سان-سىفىر ۋەشەكىل.

      ئالگىبىرا ھەم گىئومىتىر، ئانالىزى،

     قوشۇلغاندا ئۇلار گويا مەزمۇت سىپىل.

  • نۆۋەتتە، بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشكە مەپتۈن بولۇپ قىلىشى ئاتا- ئانىلارنىڭ بېشىنى ئومۇميۈزلۈك قاتۇرىۋاتقان بىر مەسىلە بوپ قالماقتا. بەزى بالىلار ئۆيگە كېلىپلا سومكىسىنى تاشلاپ، تېلېۋىزورنى ئاچىدۇ _ دە، ئاش-تاماققىمۇ قارىماي كۆرىدۇ. بۇ مەسىلىسىدە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ زىددىيەت مەۋجۇت. بالىلار تېلېۋىزورنى ئاچسا، ئاتا-ئانىسى تېلېۋىزورنى ئۆچۈرىدۇ. بەزى ئائىلىلەردە ھەتتا تېلېۋىزور كۆرۈشكە دائىر تۈزۈم ئورنىتىلىپ، ھېچكىمنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش مەسىلىسىنى ئاتا-ئانىلار قانداق بىر تەرەپ قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟
  • ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇسۇلى - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]

    «ماتېماتىكا» گىرىكچە «ماتىما (ئىلىم-پەن)» دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ، ماتېماتىكا رېئال دۇنيادىكى بوشلۇق شەكلى بىلەن سان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن كېيىن «قانچىلىك؟»، «قايسى ۋاقىتتا؟»، « قانچىلىك يىراقلىقتا؟»، «قانچىلىك چوڭلىقتا؟»،  «قايسى يۆنىلىشتە؟» ،....... دېگەنگە ئوخشاش بىر قىسىم ئاددىي سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشنى بىلىشتىن باشلانغان بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ «سان» نى بارماق بىلەن ئىپادىلەشنى بىلگەن چېغىدىنلا ئەمەس، بەلكى «سان» لارنى خاتىرىلەشنى بىلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ، بەش مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ماتېماتىكا ھازىرغىچە تۆت دەۋرنى ئۆتكۈزدى. كومپيۇتېرنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن ماتېماتىكا يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈپ، 5- دەۋردە تۇرماقتا.
  • دوكتور رەھىم ئايىتبايېۋ ، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ ئوقۇشتىن كېيىن شۇ جايدا تۇرۇپ قالغان، ھازىر ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا شتاتى مىتاللورگىيە ۋە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىدا ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.ئۇيغۇر تىلى ، ئېنگىلىز تىلى ۋە روس تىللىرىغا پىششىق.

  • ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋېلى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    مۇشۇ كۈنلەردە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياش ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋېلى بىلەن بولغان سۆھبەت بېرىلدى. بۇ پروگرامما 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، پروگرامما سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپ ئۆتمەي، سۈرەتكە ئېلىش سورۇنىغا قاتناشقان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى يۈرەك سۆزلىرىنى خەت ئارقىلىق رىياسەتچىگە يوللىغان، بۇ خەت مەلۇم يوللار بىلەن قولىمىزغا چۈشكەن ئىدى، بۇ يەردە شۇ خەتنى ئەينەن بەردۇق:

  • ھەممىمىز ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى (5) - [ماتېماتىكا]

    ھەممىمىز ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى (4) نىڭ داۋامىنى ئوقۇڭ.