ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • بىرلەر خانىسى 5 بولغان 2 خانىلىق سانلاردىن 15، 25، 35، 45، 55، 65، 75، 85، 95 قاتارلىق 9 دانە سان بار. بۇ سانلارنى كۋادىراتقا كۆتۈرۈشنى كۆڭۈلدە ھېسابلاش ناھايىتى ئاسان. ئاۋۋال بۇ سانلارنىڭ كۋادىراتىنى تەپسىلىي كۈزىتىپ باقايلى:

     

  • 100 تۇخۇ - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    (جۇڭگونىڭ قەدىمقى مەسىلىسى)

    بۇ مەسىلە جۇڭگونىڭ قەدىمقى ھىساب كىتابى «جاڭ چىيۇنىڭ ھىسابلاش رىسالىسى» دىن ئېلىندى.

    خورازنىڭ ھەر بىرى 5 يارماق، مىكىياننىڭ ھەر بىرى3 يارماق، 3 چۆجە بىر يارماق بولۇپ، 100 يارماققا 100 دانە توخۇ سېتىۋېلىنغان بولسا، بۇ 100 توخۇدىن قانچىسى خوراز، قانچىسى مىكىيان ۋە قانچىسى چۆجە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

  • تەڭگە پۇل تاشلاش - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    يالقۇن، دولقۇن، ئۆركەشلەر مەلۇم بىر ئويۇننى ئوينىماقچى بولۇشۇپ، ئويۇن ئويناشتىكى ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىنى مۇنداق دەپ كىلىشىۋالدى:

    5 پۇڭلۇق تەڭگىدىن 2 نى تەڭلا يەرگە تاشلايلى. ئەگەر ھەر ئىككىسى ئوڭ چۈشسە، يالقۇن ئاۋال ئوينىسۇن؛ ئىككىلىسى تەتۈر چۈشسە، دولقۇن ئاۋال ئوينىسۇن؛ ئەگەر بىرى ئوڭ، يەنە بىرى تەتۈر چۈشسە، ئۆركەش ئاۋال ئوينىسۇن. بىرىنچىسى بەلگىلەنگەندىن كېيىن (مەسىلەن، ئۆركەش بىرىنچى بولدى دەيلى)، ئۇلار يەنە بىر تەڭگە پۇل ئوڭ چۈشسە يالقۇن ئىككىنچى، دولقۇن ئۈچىنچى بولىدىغان، تەتۈر چۈشسە، دولقۇن ئىككىنچى، يالقۇن ئۈچىنچى بولىدىغانغا كىلىشتى.

  • ئىككى دىھقان ۋە 100 تۇخۇم - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    (چەتئەلنىڭ قەدىمقى مەسىلىسى)

    ئىككى دىھقان جەمئىي 100 دانە تۇخۇمنى بازارغا ئاپىرىپ ساتتى. 

     بىرىنچى دىھقان ئىككىنچىسىگە:

    ـــــ ئەگەر مېنىڭ تۇخۇمۇم سېنىڭكىچىلىك كۆپ بولغان بولسا، 15 كلېتسكە ساتالىغان بولاتتىم، ـــــ دىدى.

    ـــــ مېنىڭ تۇخۇمۇم سېنىڭكىچىلىك بولغان بولسا، ئاران 10 كلېتسكە ساتالىغان بولاتتىم، ـــ دىدى ئىككىنچى دىھقان.

    ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قانچىدىن تۇخۇمى بار ئىدى؟

    (ئەسكەرتىش: كلېتس بىر خىل پۇلنىڭ نامى).

  • ئەرەپ رەقىمىنىڭ پەيدا بولۇشى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    بىز ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان 0، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9 دىن ئىبارەت رەقەملەر پۈتۈن دۇنيادا دىگۈدەك ئوموميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. بۇلار ئەرەپ رەقەملىرى دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن، بۇ رەقەملەرنى ئەرەپلەر كەشىپ قىلماستىن، بەلكى ھىندىستانلىقلار كەشىپ قىلغان.

    بۇنىڭدىن تەخمىنەن 1500 يىللار ئىلگىرى ئەرەپ ئىمپىرىيىسى تازا گۈللەنگەن مەزگىل ئىدى. ئەرەپ ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان باغداد، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى» دەپ ئاتالغان.

  • پادىشاھنىڭ ۋەسىيىتى - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قەدىمقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ 5 ئوغلى بار ئىكەن. پادىشاھ ئۆلۈش ئالدىدا مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرۇپتۇ:

    ــــــ مەن ئۆلگەندىن كېيىن 5 ئوغلۇم دۆلەت زىمىنىنى 5 بۆلەككە بۆلۈشىۋالسا بولىدۇ. ئەمما بۇ 5 بۆلەك دۆلەت زىمىنىنىڭ ھەر بىر بۆلىكى قالغان 4 بۆلىكى بىلەن ئورتاق چېگرىغا ئىگە بولسۇن، يەنى خالىغان بىر بۆلەك دۆلەت زىمىنىدىكى كىشىلەر ئۈچىنچىسىنىڭ دۆلەت زىمىنىدىن ئۆتمەستىنلا، خالىغان بىر دۆلەت زىمىنىغا بىۋاستە بارالايدىغان بولسۇن.

  • تارىم ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان يىلى - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    1992-يىلى تارىم ئەپەندى تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تولۇق يېشى دەل ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى تەشكىل قىلغۇچى 4 رەقەمنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولغان. سىز تارىم ئەپەندىنىڭ قايسى يىلى تۇغۇلغانلىقىنى بىلەلەمسىز؟

    سىزنىڭ تاپقان جاۋابىڭىز بەلكىم دەل توغرا كىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلىنىڭ جاۋابىنى ئەڭ ياخشىسى ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىڭ. شۇندىلا زور ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.

  • قانچە مېھمان كەلگەن؟ - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    (جۇڭگونىڭ قەدىمقى مەسىلىسى)

    بىر ئايال ئېرىق بويىدا قاچا يۇيۇپ ئولتۇرغاندا، خوشنىسى ئۇنىڭدىن:

    ـــــ نىمىشقا شۇنچە كۆپ قاچا ئىشلەتتىلە؟ ـــــ دەپ سوراپتۇ.

    ـــــ ئۆيگە نۇرغۇن مېھمان كەلگەن ئىدى، 2 ئادەمگە بىردىن سەي تەخسىسى،، ھەر 3 ئادەمگە بىردىن شورپا قاچىسى، ھەر 4 ئادەمگە بىردىن ئاش قاچىسى كەتتى، شۇڭا جەمئىي 65 دانە قاچا ئىشلىتىلدى، ـــــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى ئايال.

    سىز بۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە زادى قانچە مېھمان كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

  •  

  • بۇ ھىكايىنىڭ باش قىسمىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئوقۇڭ:

    logs/40551156.html

     

    3. كەسىر سانلار پادىشاھلىقى ئەۋەتكەن سېرىك ئۆمىكى

    ھەربىلەرنىڭ ئويۇن كۆرسىتىشى ئاخىرلىشىپ تۇرۇشىغا سىرتتىن داقا-دۇمباقلارنىڭ قىزغىن ئاۋازى ئاڭلاندى. نۆل پادىشاھ ئەمدىلا ئادەم چىقىرىپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ تەمشىلىۋىدى،  5 نىڭ ئالدىراپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.

    ـــــ مەرىپەتلىك پادىشاھى ئالەمگە مەلۇم بولسۇنكى، كەسىر سانلار پادىشاھلىقى، نۆل پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ، تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر سېرىك ئۆمىكى ئەۋەتىپتۇ، ــــ دەپ خەۋەر قىلدى.

     

     

  • 2009-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا ئىجتىمائىي پەن ئىمتىھان سۇئالىنىڭ جاۋابلىرى

  • 2009-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا ئىجتىمائىي پەن ئىمتىھان سۇئالى

  • 2009-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا تەبىئي پەن ئىمتىھان سۇئالىنىڭ جاۋابلىرى

  • 2009-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا تەبىئي پەن ئىمتىھان سۇئالى

  • بۇ ھىكايىنىڭ باش قىسمىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئوقۇڭ:

    logs/38768926.html

     

    باش قوماندان بايراقىنى ئىگىز كۆتۈرۈۋىدى مەيدان سىرتىدىن 30 يۈگۈرۈپ كىرىپ كەلدى. 30 مۇنبەرگە قاراپ ھەربى سالام بەرگەندىن كېيىن، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا كىلىپ تۇرۇپ «ئېچىل» دەپ ۋاقىراش بىلەن تەڭلا يەرگە يىقىلىپ بىر دومۇلىۋىدە، ئاجايىپ ئىش يۈز بەردى. ئورنىدىن تۇرغان 30 بولماستىن، بەلكى 2، 3، 5 لەردىن ئىبارەت ئۈچ سان بولدى. بۇ ئاجايىپ نومۇر پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن چاۋاكلار بىلەن ئالقىشلىشىغا ئىگە بولدى. نۆل پادىشاھنىڭ خوشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يىتىپ:

    ـــــ بۇ پەۋقۇلئاددە ماھارەت نىمە دەپ ئاتىلىدۇ؟ ــــ دەپ سورىدى.

    ـــــ بۇ «ئۆزىنى پارچىلاش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پەۋقۇلئاددە ماھارەت جاھاننى ھەيران قالدۇرغان سۇن ۋۇكوڭنىڭ ياردىمىدىن كەلگەن. ئەينى زاماندا سۇن ۋۇكوڭ ئەرشنى قالايمىقان قىلغاندا، ئاسمان خۇداسى ئۇنىڭغا قارشى نۇرغۇنلىغان ئىلاھى لەشكەرلىرىنى ئەۋەتىدۇ.