-
باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پرويىكسىيە ئارىگىنالى ياساش ۋە كونسىپىك يېزىش ۋاقتىنى تېجەش ئۈچۈن، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان توردىن يىغىپ ساقلاپ قويغان بىر قىسىم پرويىكسىيە ئارىگىنالى (كېجيەن) ۋە كونسىپىك (جياۋئەن) لارنى بۈگۈندىن باشلاپ تۈركۈمگە بۆلۈپ بلوگىمغا يوللايمەن. باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللققىچە بولغان ھەر بىر يىللىقنىڭ ماتېرىياللىرى ئايرىم بىر تېما قىلىنىپ، بلوگنىڭ «چۈشۈرۈش» سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ. كەڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرى ھەر ۋاقىت بلوگنىڭ «چۈشۈرۈش» سەھىپىسىدە بولغاي. ماتېرىياللار پۈتۈنلەي خەنزۇچە بولۇپ، قوش تىللىق سىنىپلارغا دەرس بېرىدىغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ مۇۋاپىق پايدىلانسا بولىدۇ.
-
(1) ئارقىمۇ- ئارقا كەلگەن 99 دانە تەبىئي ساننىڭ يىغىندىسى جۈپ سان بولامدۇ ياكى تاق سان بولامدۇ؟
(2) ئارقىمۇ- ئارقا كەلگەن 99 دانە تاق ساننىڭ يىغىندىسى جۈپ سان بولامدۇ ياكى ياق سان بولامدۇ؟
(3) ئارقىمۇ- ئارقا كەلگەن 99 دانە جۈپ ساننىڭ يىغىندىسى جۈپ سان بولامدۇ ياكى تاق سان بولامدۇ؟
-
تۆۋەندىكى سانلارنىڭ بىرلەر خانىسىدىكى رەقىمى قانچە؟
-
1 دىن 1000 غىچە بولغان بۇ مىڭ دانە تەبىئي ساننىڭ ئىچىدە «1» رەقىمىدىن جەمئىي قانچىسى بارلىقىنى يازماستىنلا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
-
(جۇڭگونىڭ قەدىمقى مەسىلىسى)
مەملىكىتىمىزنىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ماتېماتىكا كىتابى «سۇن زىنىڭ ھىساب دەستۇرى» دا تەبىئي سانغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر مەسىلە بار:
سانى نامەلۇم بولغان شۇنداق بىر خىل نەرسە باركى، ئۇنى ئۈچ- ئۈچتىن سانىغاندا 2 سى ئېشىپ قالىدۇ، بەش- بەشتىن سانىغاندا 3 ى ئېشىپ قالىدۇ، يەتتە- يەتتىدىن سانىغاندا 2 سى ئېشىپ قالىدۇ. بۇ نەرسىنىڭ سانى قانچە؟
-
دىئوفانت
Diophantus 丢番图 246————300
دىئوفانت گرېك ماتېماتىكى. ئۇ ئالگېبرا ئىلمىنىڭ پىرى دەپ نام ئالغان. ھاياتىدىن ھىچقانداق خاتىرە قالمىغان. پەقەت مىلادى 4-ئەسىردىكى گرېتسىيە شېئىرلىرى توپلىمىدىكى مۇنداق بىر كۇبلىت شېئىردا (بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە قەبرە تېشىدا) ئۇنىڭ ھاياتى تېپىشماق شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن: «دىئوفانتنىڭ ئۆمرىنىڭ
-
ساۋاقداشلار ھەپتە ئاخىرىدا دالا يۈرۈش مۇسابىقىسى ئېلىپ ئۆتكۈزدى. ئۇلار 2 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ بىر تاشيولنى بويلاپ بىرلا ۋاقىتتا كۆزلىگەن جايغا قاراپ يولغا چىقتى.
1-گۇرۇپپا سائىتىگە 4.5 كىلومېتر تىزلىك بىلەن يولنىڭ يېرىمىنى مېڭىپ بولغاندىن كېيىن، قالغان يېرىمىنى 5.5 كىلومېتر تىزلىك بىلەن مېڭىپ كۆزلىگەن جايغا يىتىپ باردى. ..............
-
ئېچىرقاپ كەتكەن بىر يولۋاس بىر كۈچۈكنى قوغلاپ يىتىۋالدى. يولۋاس كۈچۈكنى تۇتىۋالىدىغان چاغدا، كۈچۈك بىر دۈگلەك كۆلچەكنىڭ يېنىغا كېلىۋالدى-دە، دەرھال سۇغا سەكرىدى، نەتىجىدە يولۋاس ھىچنىمىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇ ئالدىدا تۇرغان بۇ مەززىلىك تاماقتىن كېچەلمەستىن، كۈچۈك قىرغاققا چىققاندا تۇتىۋالماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا تىكىلگىنىچە كۆلنىڭ ئەتراپىدا يۈگۈرۈپ تۇردى.
-
بۇ يىل دادامنىڭ يېشى بىلەن مېنىڭ يېشىمنى قوشقاندا 110 ياش بولىدۇ. مېنىڭ يېشىم دادامنىڭ ھازىرقى يېشىغا تەڭ بولغاندا، مېنىڭ يېشىم ئوغلۇمنىڭ ھازىرقى يېشىنىڭ 9 ھەسسىسىگە تەڭ بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ چاغدا ئوغلۇمنىڭ يېشى مېنىڭ ھازىرقى يېشىمدىن 4 ياش چوڭ بولىدۇ. ئۇنداقتا ئوغلۇم ھازىر قانچە ياشتا؟
-
ھىسابلاپ ئولتۇرمايلا
نىڭ كۆپەيتمىسىدە، ئاخىرقى خانىسىدىن باشلاپ سانىغاندا ئارقىمۇ- ئارقا كەلگەن 0 دىن قانچىسى بارلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
-
16- ، 17- ئەسىرلەر ئارىلىقىدا، ئاسترونومىيە، دېڭىز قاتنىشى، قۇرۇلۇش ۋە سودا ئىشلىرىنىڭ، شۇنداقلا ھەربى ئىشلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، رەقەملىك ھىسابلاش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسى جىددى ئورۇنداشقا تىگىشلىك ۋەزىپە بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن شوتلاندىيىلىك ماتېماتىك ناپىر ........
-
17-ئەسىردە ئالىملار ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئورنىنى ھېسابلاش، يىراق مۇساپىلىق دېڭىز قاتنىشىدىكى مېرىدىئان ۋە پاراللىلنى ئۆلچەش، زەمبىرەك ئوقى تىزلىكىنىڭ ئوقنىڭ ئىگىزلىكى ۋە مۇساپىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مۆلچەرلەش دىگەندەك ھەركەتكە دائىر مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغان. ھالبۇكى، بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىككى ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەمدە مۇشۇ مۇناسىۋەتكە ئاساسەن شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشقا توغرا كېلەتتى، مانا بۇلار فۇنكسىيىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدۇر.
-
كۆپچىلىك گېرمانىيىنىڭ ئۇلۇغ ماتېماتىكى گائۇس (1777 ـــــ 1855) ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، گائۇس 10 ياش چېغىدا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن:
100+99+98+ ................. +3+2+1
نىڭ يىغىندىسى قانچە بولىدۇ؟ ــــــ دەپ سورىغان ئىكەن.
-
..........................
-
پاسكال 1623-يىلىدىن 1662- يىلىغىچە ياشىغان. فرانسىيە ماتېماتىكى، فىزىكى، پەيلاسوپى، نەسىرچىسى. پاسكال 16 يېشىدا ئىنتايىن داڭلىق «پاسكال ئالتە تەرەپلىك تېئورېمىسى» : «بىرەر ئىككىنچى تەرتىپلىك ئەگرى سىزىققا ئىچتىن تېگىشكەن ئالتە تەرەپلىكنىڭ ئۈچ جۈپ قارشى تەرىپىنىڭ كېسىشىش نۇقتىلىرى سىزىقداش بولىدۇ» نى بايقىغان. «كونۇس كەسمىلىرى نەزەرىيىسى» نى يازغان. ئالگېبرادىكى ئىككى ئەزالىقلار يېيىلمىسىنىڭ كوئېففىتسېنتلىرىنىڭ قانۇنىيىتى (پاسكال ئۈچبۇلۇڭى) نى تەتقىق قىلغان.