-
يولۋاس بىلەن كۈچۈك - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...ئېچىرقاپ كەتكەن بىر يولۋاس بىر كۈچۈكنى قوغلاپ يىتىۋالدى. يولۋاس كۈچۈكنى تۇتىۋالىدىغان چاغدا، كۈچۈك بىر دۈگلەك كۆلچەكنىڭ يېنىغا كېلىۋالدى-دە، دەرھال سۇغا سەكرىدى، نەتىجىدە يولۋاس ھىچنىمىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇ ئالدىدا تۇرغان بۇ مەززىلىك تاماقتىن كېچەلمەستىن، كۈچۈك قىرغاققا چىققاندا تۇتىۋالماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا تىكىلگىنىچە كۆلنىڭ ئەتراپىدا يۈگۈرۈپ تۇردى.
يولۋاسنىڭ يۈگۈرۈش تىزلىكى كۈچۈكنىڭ سۇ ئۈزۈش تىزلىكىنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە تەڭ بولسا، كۈچۈك يولۋاس ئېغىزىدىن قۇتۇلۇپ قالالامدۇ؟
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
]
مەن تور بىتىمگە eot قۇياي دەپ ھىچ قىلال مىدىم سىز ياردەم قىلىپ قۇيۇپ بىرەمسىز
vardar.blogbus.com مۇشۇ ئادرىس شۇ
مۇنداق پەرەز قىلايلى .
كۇچۇك چەمبەرنىڭ دىئامىتىرىنى بويلاپ ئۈزىدۇ ، چەمبەرنىڭ دىئامىتىرى 10 كىلومېتىر بولسۇن ، كۇچۇكنىڭ سۇ ئۈزۈش سۈرئىتى
1000 مېتىر ھەر سائەت بولسۇن ، شۇنداق بولغاندا كۆلچەكنىڭ بۇ بېشىدىن ئۇ بېشىغا بېرىشقا 10 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ .
يولۋاس يېرىم چەمبەرنى ئايلىنىپ يۈگۈرسە ، يېرىم چەمبەرنىڭ ئۇزۇنلىقى 15700 مېتىر ، يولۋاسنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى
2500 مېتىر ھەر سائەت بولسا ، 6.28 سائەتتە يېتىپ بارىدۇ .
دېمەك يولۋاس توشقان بىچارىدىن 3 يېرىم سائەت بۇرۇن يېتىپ بېرىپ توشقان كەلگەن ھامان ئۇنى يەۋېتىدۇ .
جاۋابىم خاتا بولسا .......
ئۆتكۈزىۋېتەرسىلە ......
ئەگەر كۈچۈك كۆلچەككە سەكرىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ دىئامېترىنى بويلاپ ئۈزسە، ئۇ ھالدا يولۋاس يېرىم چەمبەرنى ئايلىنىدۇ. يېرىم چەمبەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى دىئامېترنىڭ تەخمىنەن 1.57 ھەسسىسىگە تەڭ. يولۋاسنىڭ تېزلىكى كۈچۈك تېزلىكىنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە تەڭ بولغانلىقتىن، يولۋاس يەنىلا كۈچۈكنى تۇتۇۋالالايدۇ.
كۈچۈك يولۋاسنىڭ ئېغىزىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى ئۈچۈن، يولۋاسنىڭ چەمبەر ئايلانمىسىنى بويلاپ يۈگۈرۈشىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، كۆلچەككە سەكرىگەندىن كېيىنلا كۆلچەكنىڭ مەركىزىگە قاراپ ئۈزۈشى كېرەك. ئۇنىڭ مەركىزىگە بارغاندىن كېيىن، يولۋاسنىڭ شۇ چاغدا تۇرغان ئورنىنى توغرا مۆلچەرلىۋېلىپ، دەرھال ئۆزى بىلەن يولۋاسنى تۇتاشتۇرغۇچى سىزىقنى بويلاپ قارمۇ-قارشى يۆنىلىشكە قاراپ ئۈزۈشى كېرەك. بۇ چاغدا كۈچۈك قىرغاققا چىقىۋېلىش ئۈچۈن كۆلچەكنىڭ رادىئۇسىچىلىك ئۇزۇنلۇققا ئۈزىدۇ، يولۋاس يۈگۈرىدىغان ئارىلىق بولسا يەنىلا يېرىم چەمبەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەنى رادىئۇسنىڭ 3.14 ھەسسىسىچىلىك ئۇزۇنلۇق بولىدۇ. ئەمما يولۋاسنىڭ تېزلىكى كۈچۈكنىڭ سۇ ئۈزۈش تېزلىكىنىڭ ئاران 2.5 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەچكە، يولۋاس يىتىپ كەلگۈچە كۈچۈك قىرغاققا چىقىۋالىدۇ-دە، قېچىپ كېتىدۇ.