ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • ياش ھىسابلاش - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    بۇ يىل دادامنىڭ يېشى بىلەن مېنىڭ يېشىمنى قوشقاندا 110 ياش بولىدۇ. مېنىڭ يېشىم دادامنىڭ ھازىرقى يېشىغا تەڭ بولغاندا، مېنىڭ يېشىم ئوغلۇمنىڭ ھازىرقى يېشىنىڭ 9 ھەسسىسىگە تەڭ بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ چاغدا ئوغلۇمنىڭ يېشى مېنىڭ ھازىرقى يېشىمدىن 4 ياش چوڭ بولىدۇ. ئۇنداقتا ئوغلۇم ھازىر قانچە ياشتا؟


    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • http://blog.bioon.com/js/jsshow.asp?js_id=69
      تارىم回复م说:
      سىز تەۋسىيە قىلغان تور بەتتە ناھايىتى ياخشى نەرسىلەر باركەن. رەھمەت سىزگە. بلوگىمنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ، مۇشۇنداق ياخشى تەكلىپلەرنى بىرىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
      2009-02-01 20:12:55
    • جاۋاپنى تاپتىم
      دادامنىڭ يېشى 72
      مېنىڭ يېشىم 38
      ئوغلۇمنىڭ يېشى 8
      تارىم回复كارۋان说:
      جاۋابىڭىز تامامەن توغرا. رەھمەت سىزگە. ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار سەھىپىسىدىكى تېمىلارغا مۇشۇنداق قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
      2009-01-31 15:40:19
    • دادامنىڭ يېشى x
      مېنىڭ يېشىم y
      ئوغلۇمنىڭ يېشى z
      دادامنىڭ يېشى + مېنىڭ يېشىم = 110
      x = z * 9
      شۇنداقلا ئۇ چاغدا ئوغلۇمنىڭ يېشى مېنىڭ ھازىرقى يېشىمدىن 4 ياش چوڭ بولىدۇ دېگەننى پەقەت ئىپادە تۈزىيەلمىدىم
      كاللا پەقەتلام ئىشلىمەي قويدىغۇ ئەمدى .....
      تارىم回复كارۋان说:
      مېنىڭ يېشىم دادامنىڭ يېشىغا تەڭلەشكىچە x-y يىل كېتىدۇ. x-y يىلدىن كېيىن ئوغلۇم z+x-y ياشقا كىرىدۇ. بۇ چاغدىكى ئوغلۇمنىڭ يېشى مېنىڭ ھازىرقى يېشىم y دىن 4 ياش چوڭ بولىدۇ. يەنى z+x-y=y+4 بولىدۇ. ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى جاۋابىنى بىرىش سىزگە قالدى ئەمىسە.
      2009-01-31 00:05:54
    • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، تەكلىماكان ئەپەندى ، يېقىندا ئۇيغۇرتېكىن بلوگى ئۇسلۇپ ئالماشتۇرغان بولۇپ ، ئۇيغۇرتېكىن بلوگى ئەسلىدىكى تەرتىپىسىز ھالەتتىن ھازىىرقىدەك مۇنتىزىم بىر بلوگ بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى . بۇ جەرياندا كەڭ دوسىتلارنىڭ ياردىمىز ۋە ئكزۈمنىڭ بەل قويىۋەتمەسلىكتەك ئىرادەم زور رول ئوينىدى . بلوگىمىز دوسىتانە ئۇلىنىش قىلىشتا بىر قاتار شەرەتلەرنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ، سىزنىڭ بلوگىڭىز ، بۇ شەرىتلەرگە تولۇق چۈشكەنلىكى ئۈچۈن ئالدىن ئۇلىنىش قىلىندى ، بلوگىڭىزدىكى ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ نام ئۇلىنىشدىنى تېخىمۇ كۆرىنەرلىك ئورۇنغا قويۇپ قايغايسىز ھەمدە ئۇيغۇر تېكىن بلوگىغا داۋاملىق ئۆيتكۈر پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرغايسىز !
      تارىم回复ئۇيغۇرتېكىن说:
      ھا، ھا، ھا، ..... مەن تەكلىماكان ئەپەندى ئەمەس، تارىم ئەپەندى بولىمەن.
      يېڭى ئۇسلۇبىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. مەن بلوگىمنىڭ رەتلىك، كۆركەم تۇرۇشى ئۈچۈن، دوستانە ئۇلىنىش تۈرىدىكى بلوگلارنى ئىسمىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى بويىچە شەكىل چىقىرىپ رەتكە تىزىمەن. شۇڭا دوستانە ئۇلىنىش قاتارىدىكى مەلۇم بىر بلوگنىڭ يۇقۇرى ياكى تۆۋەنگە تىزىلىشى شۇ بلوگنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشىغا باغلىق. ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ ھازىرقى ئورۇنغا تىزىلىشىمۇ يۇقۇرقى سەۋەپتىن، بۇنى توغرا چۈشەنگەيسىز.
      2009-01-28 23:44:33
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.