-
سانى نامەلۇم بولغان نەرسە - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]
(جۇڭگونىڭ قەدىمقى مەسىلىسى)
مەملىكىتىمىزنىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ماتېماتىكا كىتابى «سۇن زىنىڭ ھىساب دەستۇرى» دا تەبىئي سانغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر مەسىلە بار:
سانى نامەلۇم بولغان شۇنداق بىر خىل نەرسە باركى، ئۇنى ئۈچ- ئۈچتىن سانىغاندا 2 سى ئېشىپ قالىدۇ، بەش- بەشتىن سانىغاندا 3 ى ئېشىپ قالىدۇ، يەتتە- يەتتىدىن سانىغاندا 2 سى ئېشىپ قالىدۇ. بۇ نەرسىنىڭ سانى قانچە؟
بۇنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا مۇنداق بولىدۇ: مەلۇم بىر ساننى 3 كە بۆلگەندە 2 قالدۇق قالىدۇ، 5 كە بۆلگەندە 3 قالدۇق قالىدۇ، 7 گە بۆلگەندە 2 قالدۇق قالىدۇ. بۇ ساننى تېپىڭ.
سىزمۇ بۇ مەسىلىنى يېشىپ كۆرۈڭ.
بۇ مەسىلىنى يېشىشنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، 5 كە بۆلگەندە 2 قالدۇق، 7 گە بۆلگەندە 6 قالدۇق، 11 گە بۆلگەندە 9 قالدۇق قالىدىغان ساننى تېپىڭ.
يەنە 6 گە بۆلگەندە 4 قالدۇق، 9 غا بۆلگەندە 3 قالدۇق، 4 كە بۆلگەندە 2 قالدۇق قالىدىغان ساننى تېپىڭ.
随机文章:
100 تۇخۇ 2010-05-21تەڭگە پۇل تاشلاش 2010-05-19ئىككى دىھقان ۋە 100 تۇخۇم 2010-05-18پادىشاھنىڭ ۋەسىيىتى 2009-07-20تارىم ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان يىلى 2009-07-16
收藏到:Del.icio.us
《سانى نامەلۇم بولغان نەرسە》的转发
Blog:تەنھا بىلوگى2010-04-24 08:33:54
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
评论
ئوخشاش ئۇسۇل بۇيىچە 2- مەسىلىنىڭ جاۋابى 97