ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا ھەر سائەتلىك ماتېماتىكا دەرسىنى ئاڭلاپ، بىلىۋالدىغان بىلىم ئانچە كۆپ ئەمەس. دەرس ۋاقتى ۋە دەرستىن كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئاساسلىق  مەشىق ئىشلەش قوللىنىلىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن ساۋاقداشلار ماتېماتىكا ئۆگىنىش بىلەن مەشىق ئىشلەشنى باراۋەردە قارايدۇ. دەۋرۋەقە ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ماتېماتىكىدا ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار كۆپىيىپ بارىدۇ، تەلەپمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتىمۇ تىز بولىدۇ. ئەگەر، دەرستىن كېيىن پەقەتلا مىسال ئىشلىسە ئۇنداقتا ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش تەسكە چۈشۈپ قالىدۇ.

    ماتېماتكىلار ئالاھىدا قىلىپ شۇنى تەكىتلەيدۇكى: «پەقەتلا مىسال ئىشلەپ، كىتاب كۆرمەسلىك ماتېماتىكىنى ئۆگەنمەسلىك دىگەنلىكتۇر» كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ماتېماتىكا ئۆگىنىش مىسال ئىشلەش بىلەن باراۋەر ئەمەس، ماتېماتىكىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۆپلەپ  مىسال ئىشلەپلا قالماستىن، يەنە كۆپلەپ دەرسلىك كىتابنى ئوقۇش لازىم.

    .....................................................

  • نۆۋەتتە، بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشكە مەپتۈن بولۇپ قىلىشى ئاتا- ئانىلارنىڭ بېشىنى ئومۇميۈزلۈك قاتۇرىۋاتقان بىر مەسىلە بوپ قالماقتا. بەزى بالىلار ئۆيگە كېلىپلا سومكىسىنى تاشلاپ، تېلېۋىزورنى ئاچىدۇ _ دە، ئاش-تاماققىمۇ قارىماي كۆرىدۇ. بۇ مەسىلىسىدە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ زىددىيەت مەۋجۇت. بالىلار تېلېۋىزورنى ئاچسا، ئاتا-ئانىسى تېلېۋىزورنى ئۆچۈرىدۇ. بەزى ئائىلىلەردە ھەتتا تېلېۋىزور كۆرۈشكە دائىر تۈزۈم ئورنىتىلىپ، ھېچكىمنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش مەسىلىسىنى ئاتا-ئانىلار قانداق بىر تەرەپ قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟
  • ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇسۇلى - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]

    «ماتېماتىكا» گىرىكچە «ماتىما (ئىلىم-پەن)» دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ، ماتېماتىكا رېئال دۇنيادىكى بوشلۇق شەكلى بىلەن سان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن كېيىن «قانچىلىك؟»، «قايسى ۋاقىتتا؟»، « قانچىلىك يىراقلىقتا؟»، «قانچىلىك چوڭلىقتا؟»،  «قايسى يۆنىلىشتە؟» ،....... دېگەنگە ئوخشاش بىر قىسىم ئاددىي سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشنى بىلىشتىن باشلانغان بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ «سان» نى بارماق بىلەن ئىپادىلەشنى بىلگەن چېغىدىنلا ئەمەس، بەلكى «سان» لارنى خاتىرىلەشنى بىلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ، بەش مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ماتېماتىكا ھازىرغىچە تۆت دەۋرنى ئۆتكۈزدى. كومپيۇتېرنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن ماتېماتىكا يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈپ، 5- دەۋردە تۇرماقتا.
  • 21-ئەسىردىكى مەكتەپ تەربىيىسى - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]

    21 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟

    ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚﮬﺎﻳﺎﺕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ...........
    خەتكۈچ:مائارىپ
  • «قېلىپباز»لارغا ئىنساپ تىلەيمەن - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]

    ﯪﺗﺎ- ﯪﻧﯩﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﻤﯩﺰ: ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﯲﻳﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﯧﺘﯩﭗﺋﯩﺸﻠﯩﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯪﺗﺎ- ﯪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﯪﺗﺎ- ﯪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﯰﻻﺭ: «ﻳﺎﻕ، ﻣﯘﯬﻟﻠﯩﻢ ﯰﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻤﯩﮕﻪﻥ.......» ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﻣﯘﯬﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯰﻗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﯴﭼﯜﻥ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺎﯬﺗﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺟﺎﯞﺍﭘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﯬﻟﻠﯩﻢ ﺩﯨﮕﻪﻥ «ﻗﯧﻠﯩﭗ» ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻱ، ﺑﯩﺰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﻮﻝﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺳﻪﻛﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﯰﻻﺭ ﯪﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ «ﻗﯧﻠﯩﭙﻰ» ﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ،......................

    خەتكۈچ:مائارىپ