
-
نۇرمۇھەممەد ئېركى (1927---1984)
ئالىمدۇر دۇنيانىڭ، ئىنساننىڭ جېنى،
ئالىملار ئالىمنىڭ بىلەر قەدرىنى.
يۇرتىمىز ئالىمنىڭ، ئەدىبنىڭ كانى،
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى! -
1982-يىلى مەلۇم بىر ئونۋېرىستىتنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىقتىساد ئىلمىدىن دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسكە كىرىشىنى كۈتۈپ تۇرۋاتاتتى. شۇ ئارىدا قاتتىق قول ئۇستازىنىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئۇ بالىلارغا سوغۇق نەزەردە قاراپ قويۇپ، بور بىلەن دوسكىغا يوغان قىلىپ «1 » رەقىمىنى يازدى.
ـــ قاراڭلار، ــــ دېدى ئۇ ۋەزىنلىك ئاھاڭدا، ـــــ مانا بۇ رەقەم ئىنسانىيلىقنى بىلدۈرىدۇ. ئىنسانىيلىق ــــ بۇ ھاياتلىقتا بىزگە بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىدۇر.
ئاندىن ئۇ «1» رەقىمىنىڭ ئارقىسىغا «0» رەقىمىنى يېزىپ:
-
بۇ يىل9-ئاينىڭ 30-كۈنى ناھىيىلىك خةلق دوختۇرخانىسىدا بارلىق دوختۇر-سېستىرالارغا جىددىي يىغىن ئېچىلدى.
_ــ ئالدىمىزدا دۆلةت بايرىمى،شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيىتى كېلىۋاتىدۇ، _ــ دېدى دوختۇرخانا باشلىقى كۆزئةينةك ئاستىدىكى كۆزلىرىنى كۆپچىلىككة تةكشى بىر قېتىم يۈگۈرتۈپ چىقىپ، _ــــ شۇڭا بۈگۈن دۆلةت بايرىمى ۋة روزى ھېيىت جةريانىكى پةۋقۇلئادة ئةھۋالغا قارىتا ھازىر بۇ يىغىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز . ھةممةيلةن قۇلۇقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار!
بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيى بولغاچقا ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار روزا تۇتتى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار گةرچة رۇزا تۇتمىغان بولسىمۇ، بىراق جامائةت پىكىرىنىڭ ئةيىپلىشىدىن قورقۇپ قانغۇچة ھاراق ئىچةلمةي ئىچى بةكمۇ تىتىلداپ كةتتى. ھازىر ھاۋا سالقىن، شۇڭا ئۇلار روزى ھېيىت كىرىشى بىلةنلا مةسچىتتىن يىنىپلا موتۇ، ھارۋا، تىراكتور ۋة ماشنىلارنى بولۇشىغا ھةيدةپ، ئۆيمۇ-ئۆي، رېستۇرانمۇ- رېستۇران ھېيىتلاشنى باشلايدۇ. .......................
-
ئۇستاز دەپ تىللاردا بۈيۈك نامىم بار،
دىللارنى يورۇتقان شەرەپ -شانىم بار،
ئەۋلادقا ئىچىلغان بىلىم كانىم بار،
كانىمدىن ياراتقان سۈپەت،سانىم بار،
ساندا ھەم سۈپەتتە تەرۇ-قانىم بار. -
ئەلقىسسە، خوراز بايۋەچچە ئىشخانىسىدا يالغۇز ئىدى. ئۇ بايىلا «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 4 - سانىدىن ئوقۇپ تۈگەتكەن «ھۆپۈپ خېنىم»نىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا - قايتا ئەسلەۋاتاتتى. كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئەنقانىڭ شىركىتىنى يۇتۇۋېلىش نىيىتى بولسىمۇ، ھېچبىر يوچۇق تاپالماي تىمىسقىلاپ يۈرەتتى. قىپقىزىل تاجىنى ئۇياق - بۇياققا لىڭشىتىپ بىرھازا ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ كاللىسىغا بىر ئەقىل كەلگەندەك ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ، قاناتلىرىنى كەڭ يايغان ھالدا بويۇنداپ دېرىزە تۈۋىگە كەلدى.
__ قې - قىق! توغرا، ھۆپۈپنى ئىشقا سېلىش كېرەك! ئۇ ئەنقانىڭ شىركىتىنى ناھايىتى تولۇق بىلىدىغان، ئەنقانىڭ مىجەز - خاراكتېرى، شىركەت باشقۇرۇش تەرتىپى، تىجارەت مەخپىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇچۇرغا ئىگە بىر شەخسقۇ.
خوراز بايۋەچچە شۇ ھامان ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىپ ئۆز پېيىدىن ياسالغان قەلەمنى دېۋەتكە چىلاپ ئالدىراش «كاتىپ تەكلىپ قىلىش ئېلانى» يازدى. ئۇ تەكلىپ تەلەپلىرىگە «ئۇچالايدىغان بولۇش» دېگەن بىر شەرتنى قوشۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئويلانمايلا، شىركەتكە كەلگىلى نەچچە كۈن بولغان كاتىپ مېكىياننى چاقىردى.
نېمە ئىش ئىدى، دېرىكتور؟ -
زېرىككەننى ئويناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
ئۇخلىغاننى ئويغاتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
بەزمىلەرنى قايناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
يەپ- ئىچكۈزۈپ يايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
گاچىنىمۇ سايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى. -
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر، -
بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى ،
مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى ،
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى ،
مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى . -
ئۆكۈز بىلەن پاقا
ئوتلاپ يۈرگەن بىر ئۆكۈز سۇ ئىچىش ئۈچۈن كۆلگە كەپتۇ. ئۇنى كۆرگەن پاقىلار ھەر تەرەپكە قېچىشىپتۇ. ھەممىسى ئۆكۈزنىڭ يوغانلىقىغا ھەيران بولۇشۇپتۇ، شۇ يەردە تۇرغان بىر قىزىلقولتۇق پاقا:
ـــــــ ھوي، نېمىسىگە ھەيران بولىسىلەر ئۇنىڭ! يوغىناش قىيىن نەرسىمىكەن شۇنچە! مانا، ماڭا قاراڭلار. مەن ھازىر ئۆكۈزدىنمۇ يوغان بولىمەن، ــــــ دەپتۇ.
ئۇ، ئىچىگە ھاۋانى تارتىپ، كۆپۈشكە باشلاپتۇ ھەم يولداشلىرىدىن:
ــــــــ ئۆكۈزدەك بولدۇممۇ؟ ـــــــ دەپ سوراپتۇ.
-
چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋدىن يەنە قۇرۇق قول قايتتى،ئۇ جاڭگالنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئوۋلايدىغان جانىۋارلارنىڭ كۈنسايىن ئازىيىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندى.ھاياتتىكى تىرىكچىلىك غېمى ئۇنى ساراسىمگە سالدى.يېنىدىكى ئالتە جانغا ئوزۇقلۇق يېتىشتۈرۈش مەسىلىسى ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇردى.
ئۇجاڭگالدىن شەھەرگە،ھېچبولمىغاندا ئوزۇقلۇق زاپىسى مول جايغا كۆچۈپ كېتىش نىيىتىگە كەلدى.لېكىن ئۇ كىچىكىدىنلا ئەركىن يايراپ ئۆسكەن بۇ جاڭگالنى تاشلاپ كېتىشكە زادى قىيمىدى.خۇددى باشقا جايغا بارسا كۆنەلمەيدىغاندەك،ئۆزىنى تېخىمۇ بىچارە بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
ئۇ ئۇزاق ئويلاندى. -
مىنى شۇنداق ئاتايدۇ ئەل ، مۇئەللىمدۇر ئاتاق نامىم ،
تەسەددۇق ئەل-ۋەتەن پەرزەنتلىرىگە بۇ ئەزىز جانىم ،
قاراڭغۇ دىلنى يۇرۇتماق ئۈچۈن يانغاچ ئۆمۈر شامىم ،
نادانلىققا مىنۇت تاقەت قىلالماس قىلچە ۋىجدانىم ،
شۇڭا مۇنبەردە جان بەرمەك ئەبەتلىك ئارزۇ-ئارمانىم.
..................
-
بالاڭ ئازسا، ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى. -
ئاپتۇرى: ئەنۋەر تۇردى
ئەسلى نامىڭ سىنىڭ ھىساپ-ماتىماتىكا،
جان تومۇرۇڭ ئىدى سان-سىفىر ۋەشەكىل.
ئالگىبىرا ھەم گىئومىتىر، ئانالىزى،
قوشۇلغاندا ئۇلار گويا مەزمۇت سىپىل.
-
دەرسخانىدا «سىما گۇاڭنىڭ ئىدىشنى چېقىشى» دىگەن ھېكايىنى ئۆتۈپ بۇلۇپ ، بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ قوياي دەپ مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇپ بالىلارنى سوئال سوراشقا ئىلھاملاندۇردۇم .
--- مۇئەللىم، ئىدىش دىگەن نىمە؟
ۋاي توۋا! بۇ كەمدىكى تۇلۇقسىزنىڭ بالىلىرىمۇ ئىدىشنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەمدىغاندۇ ؟ ئامالسىز دوسكىغا ئىدىشنىڭ شەكلىنى سىزىپ قويۇپ دىدىم، --- ئىدىش دىگەن ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان بىرخىل قاچا.
--- ئۇنى قەيەردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ ، قانچە پۇل ؟
............................... -
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ، ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ ،
يورغا يىللار ئومۇرنىڭ يامان ئوغرىسى.
......................